باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1269 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: «گۈلىستان» دىن خاتىرە
دوستلىشىش
رامىزان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8606
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 78
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە78دانە
ئۆسۈش: 640 %
مۇنبەر پۇلى: 1080 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-15
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 20:03

«گۈلىستان» دىن خاتىرە

گۈلىستان
شەيخ سەئدى
 

دىباچە

-بىزگە يېتىپ كەلگەن ھەدىستە مۇنداق دىيىلىدۇ: قاچاندا بولمىسۇن ،تۇرمۇشى پەرىشان گۇناھكار بەندىلەردىن بىرى قوبۇل قىلسا دىگەن ئۈمۈت بىلەن ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك خۇدانىڭ دەرگاھىدا توۋىغا قول كۆتۈرسە ئەمما ئاللا ئۇنىڭغا نەزەر قىلمىسا، ئۇ يەنە كەچۈرۈم سۇرايدۇ، ئاللاتائالا ئىككىنچى قېتىم رەت قىلسا، ئۇ ئادەم يىغا- زارى بىلەن يەنە يالۋۇرىدۇ. شۇندىن كىيىن ئاللاتائالا ئېيتىدۇ:

ئەي پەرىشتىلىرىم، بەندەمدىن راستىنلا ئۇيالدىم، چۈنكى ئۇنىڭ مەندىن باشقا پەرۋەردىگارى يوق؛ شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتتۈم، ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدىم، ئۇنى ھاجەتتىن چىقاردىم، چۈنكى بەندىنىڭ كۆپ دۇئا ۋە يىغا- زارىدىن ئۇيىلىمەن.

قارا، بۇ خۇدا قانچىلىك رەھىمدىل،

گۇنانى قىلار بەندە، ئەمما ئۇ خىجىل.

4- بەت

(ئويلاپ سۆزلەش ۋە ئويلاپ ئىش قىلىش توغرىسىدا)

ئاپلا بۇ سۆزنى نىمىشقا دىگەندىمەن! دەپ پۇشايمان يىگەندىن كورە، نىمە دىسەم بولار، دەپ ئۇزۇن ئويلىغان ياخشى!

19-بەت

باغۋەنلىك قىلىش مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدۇ، ئەمما بوستانلىقتا ئەمەس، مەن گۈزەللىك بىلەن سودا قىلىمەن، لېكىن كەنئاندا ئەمەس.(يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ يۇرتى، قۇددۇس بىلەن دەمەشىقنىڭ ئارسىدا.)

لوقماندىن: ھېكمەتنى كىمدىن ئۆگەندىڭ؟ دەپ سۇرىغاندا، ئۇ: قارغۇلاردىن ئۆگەندىم، چۈنكى ئۇلار ماڭىدىغان يېرىنى سىلاپ بېلىۋالماي تۇرۇپ، ئاياغ باسمايدۇ. دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئاۋال ئەرلىگىڭنى سىناپ كۆر، ئۇندىن كېيىن خوتۇن ئال.

21- بەت

 

بىرىنچى باپ پادىشاھلارنىڭ خۇلقى- ئادىتى توغرىسىدا

 

«پىتنە تۇغدۇرىدىغان راست سۆزدىن، ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان يالغان سۆز ئەۋزەل».

25- بەت

«ئون دەرۋىش بىر پالاستا ئۇخلايدۇ، ئىككى پادىشاھ بىر مەملىكتكە سىغمايدۇ».

30- بەت

يىڭىدىن يىلتىز تارتسا ياش كۆچەت،

يۇلالايدۇ يەردىن بىر ئادەم پەقەت.

ئۇزاق يىل نەزەردىن ئۇ قالماق بىلەن،

يۇلالمايسەن ھەتتا تۆمۈر چاق بىلەن.

ئاساندۇر بۇلاقنى كۆمۈش بەل بىلەن،

ئۇلغايسا ئۆتەلمەس كىشى پىل بىلەن.

31- بەت

دانىشمەنلەر سۆزى

دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ، داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرۈنىدۇ.

 

دوست دىمە، كىمكى نىئمەت ئۈستىدە

يار- بۇرادەرلىكتىن ئۇرسا قانچە لاپ.

دوست شۇكى، پەرىشان، ئېغىر كۈنلەردە

قول تۇتۇپ دوستلۇقنى قالىدۇ ساقلاپ.

55- بەت

كۆرەرسەن ئەمەلدار ئالدىدا كىشى

كۆكسىگە قول قويۇپ، بېشىنى ئىگەر.

زامان مەنسىۋىدىن چۈشۈرسە ئۇنى

جىمى خەلقى ئالەم بېشىغا تېپەر.

57- بەت

دانىشمەنلەر ئېيتىدۇ:

دوستۇڭغا ئۇنچىلىك كۈچ- قۇۋۋەت بەرمە، ئەگەر ئۇ دۈشمەنگە ئايلانسا سېنى يىڭىۋالىدۇ.

74- بەت

بۈگۈن كۆرسەڭ بىراۋنى بەخىتلىك، شات،

كۆرەرسەن بىرسىنى كۆڭلى جاراھەت.

كۈتۈپ تۇر نەچچە كۈن، تۇپراق بىراۋنىڭ،

خىيالچان بېشىنى يەيدۇ كارامەت.

تۈگەر شاھلار بىلەن قۇللارنىڭ پەرقى،

ئۇلارغا كەلسە بىر كۈن يازمىش قىسمەت.

ئۈلۈكلەر قەۋرىنى ئاچساكى بىركىم،

كۆرەلمەس باي- گادايلىقتىن ئالامەت.

 

ئىككىنچى باپ  دەرۋىشلەرنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا

 

كىم بىراۋنىڭ ئەيىبىنى ئالدىڭدا بىر- بىرلەپ سانار،

باشقىلار ئالدىدا، شەكسىز، سېنى ھەم تىنماي غاجار.

93- بەت

قاتتىق شامال چىقسا باغدا تاپماستىن تىنىم،

تال شاخلىرى ئېگىلىدۇ، ئەمما تاشلار جىم.

كۆرۈنگەن ھەممە جان زىكرىدە سايرار،

لېكىن بىلگەي بۇنى دىل بولسا ھوشيار.

نە بۇلبۇل گۈل شېخىدا بىر غەزەلخان،

تىكەنمۇ گۈل بولۇپ ئوقۇيدۇ سۇبھان.

118-بەت

مەنسىۋى بار چاغدا، ئەمەل تۇتقاندا،

ئۇلار دوستلىرىدىن نېرى قاچىدۇ.

ئورنىدىن ئايرىلىپ، ھالى تەڭ بولسا،

دىلدىكى ھەسرەتىنى دوستقا ئاچىدۇ.

122- بەت

ياخشى ئەر ئۆيىدە بىر يامان خوتۇن،

بىل، دۇنيادا دوزاخ ئەر ئۈچۈن.

ھەزەر قىل، يامان خوتۇن باشقا بالا،

بىزنى ئوت ئازاۋىدىن ساقلا ئاللا.

125- بەت

ناننى تەقۋادار پەقەت ئالغاي ئىبادەت قىلسىلا،

نان ئۈچۈن ئولتۇرمىغاي ھەرگىز ئىبادەتكە ئۇلار.

132- بەت

ئۆگۈتىپ ئەلگە تەركى دۇنيانى،

ئۆزلىرى يىغار مالۇ- دۇنيانى.

ئەمەلسىز ئالىم نە دىسە دىسۇن،

سۆزىگە ھېچ كىشى ئەمەس مەپتۇن.

يامان ئىش قىلمىسا، شۇدۇر ئالىم،

خەلققە دەپ،ئۆزى قىلمىسا زالىم.

134- بەت

بولسا گەر مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاغا يات،كۆڭلى چىگىش،

بىر خۇداغا ئاشىنا يات تەن بىلەن دەرھال تېگىش.

140- بەت

 

 

ئۈچۈنچى باپ  قانائەت قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

 

 

ئەي قانائەت، مېنى ئۆزەڭ باي قىل،

سەندىن ئارتۇق جاھاندا نىئمەت يوق.

سەۋىر بۇلۇڭى لوقمانغا بولدى نېسىپ،

كىمدە سەۋىر يوق بولسا، ھېكمەت يوق.

146- بەت

مەن گويا چۈمۈلە، دائىم دەپسەندە،

بىراق ئەمەس ھەرە-چاققان گىزەندە.

بۇ نىئمەت شۈكرىنى تۈگىتەي قاچان؟

بولمىدىم ئەزگۈچى ياۋۇز زوراۋان.

147- بەت

پەسلەردىن يالۋۇرۇپ سورىساڭ ناننى،

تېنىڭگە سىڭسىمۇ خورىتار جاننى.

153-بەت

ياخشىدۇر خۇش خۇيدىن ئىچمەكلىك زەھەر،

بەتچىراي قولىدىن ئىچكەندىن شىكەر.

154- بەت

ياماندۇر شۇ تاماق، خارلىققا سالغان،

قازان تەييار، لېكىن قەدىرىنىڭ يۇقالغان.

 

نان كۆپەيسە، ھۆرمەت كېمەيدى تولۇق،

يوقسۇللۇق ياخشىكەن، تىلىمەك خورلۇق.

155- بەت

ئاجىزنىڭ بىلىگى تاپسا كۈچ- قۇۋۋەت،

دەس تۇرۇپ ئاجىزنى مۇشلايدۇ پەقەت.

159- بەت

دانىشمەنلەر ئېيتقانكى: بىراۋنىڭ كۆڭلىنى بىر قېتىم رەنجىتىپ قويۇپ، ئارقىدىن يۈز راھەت يەتكۈزگەن بولساڭمۇ، ئاشۇ بىر رەنجىتكىنىڭ ئۈچۈن ئىنتىقامغا ئۇچۇراشتىن ساقلان، چۈنكى ئوقيانىڭ ئوقى جاراھەتتىن چىقىپ كېتىدۇ، لېكىن ئەلەم يۈرەكتە قالىدۇ.

179- بەت

پاشا توپلانسا يېڭەر پىلنى ئۇرۇپ،

بۇندا- قۇۋۋەت، سالاپەت بار تۇرۇپ.

كۆپ چۈمۈلە بولسا بىردەك ئىتتىپاق،

يىرتىدۇ شىر پوستىنى ئۇجۇقتۇرۇپ.

181- بەت

يىلاندىن خاتىرجەم ئولتۇرغىنىم يوق،

ئۇنىڭ خىسلىتىنى بىلگەندىن بۇيان.

كىشىلەر كۆزىدە دوستتەك كۆرۈنگەن،

دۈشمەننىڭ چىش زەخمى ھەممىدىن يامان.

182- بەت

ھەر ئادەم يىيەلمەس رىزقىدىن ئارتۇق،

ۋە لېكىن ئىزلەشتە قىلمىسۇن سۇسلۇق.

 

 

لەھەڭنىڭ ئاغزىدىن قورقسا گەر غەۋۋاس،

دېڭىزدىن قىممەتلىك گۆھەر ئالالماس.

184- بەت

 

تۆتىنچى باپ  سۈكۈت قىلىشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا

 

قۇرئانۇ ھەدىس تەسىر ئەتمەس كىشىگە،

جاۋاپ شۇدۇر: جاۋاپ بەرمىسەڭ سۆزىگە.

192- بەت

بىر دانىشمەن مۇنداق دىگەن:

كىشى ھەرگىز ئۆزىنىڭ نادانلىغىنى ئىقرار قىلمايدۇ، پەقەت شۇ كىشىكى، بىرسى سۆزلەۋاتقان چاغدا، سۆز تۈگۈمەي تۇرۇپلا سۆز باشلىسا، بۇ ئاشۇ ئادەمنىڭ ئۆز نادانلىغىنى ئاشكارلاپ قويغانلىغى!

194- بەت

 

بەشىنچى باپ  ئىشىق ۋە ياشلىق توغرىسىدا

 

دانالار ئېيتقانكى، كۆزنى يار جامالىنى كۆرۈشتىن تارتىۋېلىشتىن كۆرە كۆڭۈلنى جاپاغا سېلىش ئوڭاياراق چۈشىدۇ!

207- بەت

ھۆسنىڭ گۈلزارى مايسا بولغان كۈن،

نەزەر سالغۇچىڭنى كۆزدىن قوغلىدىڭ.

بۈگۈن گۈلزارىڭنى يانتاق باسقاندا،

يارىشىشنى كۆزلەپ مېنى يۇقلىدىڭ.

 

نەۋ باھار، ياپرىغىڭ سارغايدى، سولدى،

قويما قازىنىڭنى، ئوتىمىز سۇندى.

قاچانغىچە نازلىنىپ كۆرەڭلەيسەن،

ئۆتكەنكى دۆلىتىڭنى ئەسلەيسەن.

بارغىن سەن، ئالدىڭغا تەلەپكار بولسا،

نازلانغىن ئەكىلەپ، خېرىدار بولسا.

208- بەت

 

ئالتىنچى باپ  زەئىپلىك ۋە قېرىلىق توغرىسىدا

 

ئالاي دەپ ئىدىم نەچچە دەم بەھوزۇر،

دەرىخا، دىماغدا توسۇلدى نەپەس.

دەرىخا، بۇ باي ئۆمۈر داستىخانىدىن،

يىسەك ئەمدىلا، دىدىلەر: بولدى، بەس!.

 

كۆرمىدىڭمۇ، بىر كىشىگە قانچىلىك ئاغرىق يېتەر،

بىر چىشىنى ئاغزىدىن تارتىپ چىقارسا سۇغۇرۇپ؟

قىل پەرەز، ئۇ قايسى ھالەتكە چۈشەر، بىر چاغ كېلىپ،

چىقسا جانى خوشلىشىپ، ئەزىز تېنىنى قالدۇرۇپ.

228- بەت

بىر تالاي يىللارنى ئۆتكۈزدىڭ باشتىن،

ئاتاڭنىڭ قەۋرىگە بارمىدىڭ بىر بار.

قىلدىڭ سەن ئاتاڭغا نىمە ياخشىلىق،

ئۆز ئوغلۇڭدىن سەنمۇ بولۇپ ئۈمۈتۋار؟

232- بەت

مەنزىلگە تەشنا سەن، ئالدىراشنى قوي،

پەندىمگە قۇلاق سال، چىداشنى ئۆگەن.

چاپار ئەرەپ ئېتى ئاران ئىككى يول،

تۆگە كېچە- كۈندۈز ماڭىدۇ تېمەن.

233- بەت

 

 

يەتتىنچى باپ  تەربىيىنىڭ تەسىرى توغرىسىدا

 

گۈدەك چاغ تەربىيە كۆرمىسە ھەر كىم،

چوڭ بولغاندا ئۇندىن قاچىدۇ ئامەت.

كۆك چىۋىقنى ئەگمەك تولىمۇ ئوڭاي،

قۇرۇسا رۇسلانماس، ئوت كېرەك پەقەت.

240- بەت

ئوغلىنى مەكتەپكە بەردى بىر پادىشا،

بوينىغا ئېسىپتۇ بىر كۆمۈش تاختا.

تاختىغا مونۇ خەت يېزىلغان زەردىن،

«ئۇستازنىڭ جەۋرى خوپ، ئاتا مېھرىدىن».

242- بەت

بىر قېرى تەربىيىچى ئۆز شاگىرىتىغا مۇنداق دىگەن: ئوغلۇم، ئەگەر ئادىمىزاتنىڭ كۆڭلى ئۆزىنىڭ رىزق بەرگۈچىسىگە تىرىكچىلىككە بېرىلگەنچىلىك بېرىلىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئورنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن يۇقۇرى بولاتتى!

ياراتقان ھەق سېنى ئۇنتىمىدى ھېچ،

تۆرەلمە چاغدا سەن ياتقاندا پىنھان.

ساڭا جان، ئەقلۇ، ئىدراك، خۇلق، جامال، ھىس،

نۇتۇق- تىل، ئوي- پىكىرنى قىلدى ئېھسان.

قولۇڭغا تىزدى ئون بارماقنى ھەمدە

بېكىتتى ئىككى قول يەلكەڭگە ئوبدان.

ئۇنۇتقايمۇ بۈگۈن رىزقىمنى ھەق دەپ،

گۇمان ئەيلەمسەن، ئەي نائەھلى ھايۋان!

246- بەت

كېلەر سۈرەتكە ئادەم تامچە سۇدىن،

نىھايەت ياتسا ئۇ قىرىق كۈن قۇرساقتا.

ئەگەر قىرىق ياشتىمۇ ئەقىل- ئەدەپ يوق،

ئۇنى ئادەم ئاتاشتىن بەك يىراقتا.

250- بەت

دانىشمەنلەر دەيدۇ:

بىلگىنكى، كىمكى چوڭ ئىشنى تەجرىبىسىز نادانغا تاپشۇرسا، ئۇ پۇشايمان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئاقىللارنىڭ ئارسىدا كالتە پەم دىگەن ئاتاققا قالىدۇ.

252- بەت

باياۋاننىڭ قۇمى ئۈنچە- مەرۋايىتقا ئايلانغان تەقدىردىمۇ گاداينىڭ كۆزى تويىشى ئەقىلغا سىغمايدۇ.

تاماخورنىڭ كۆزى تويماس ئىنئام بىلەن،

خۇددى قۇدۇق تولمىغاندەك شەبنەم بىلەن.

265- بەت

ئەگەر ئىتنىڭ بېشىغا تەگسە چالما،

سۆيۈنۈپ سەكرىگەي ئۇ ئۇستىخان دەپ.

ئېلىپ ماڭسا كىشىلەر بىر تاۋۇتنى،

ئۇنى ئويلايدۇ ئاچكۆز داستىخان دەپ.

266- بەت

 

سەككىزىنچى باپ  ئۆز- ئارا مۇناسىۋەت قائىدىلىرى توغرىسىدا

 

بايلىق ئۆمۈرنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئۈچۈندۇر، ئەمما ئۆمۈر مال توپلاش ئۈچۈن ئەمەس.

274- بەت

ياخشىلىق قىل، ئەمما مىننەت قىلما، چۈنكى، پايدىسى ئۆزەڭگە بولىدۇ! يەنى سېخىلىق قىل، ئەمما مىننەتدارلىق تەلەپ قىلما، چۈنكى پايدىسى ئۆزەڭگە بولىدۇ.

275- بەت

ئىككى خىل كىشىنىڭ جاپا تارتقىنى بىكار، تىرىشقىنى پايدىسىز: بىرى مال يىغدى، يىمىدى؛ يەنە بىرى ئۈگەندى، ئەمەل قىلمىدى.

 

ئىلىمنى قانچىلىك ئۆگەنسەڭ، ئۆگەن،

مۇبادا ئىشلەتمىسەڭ نادانسەن.

ئەمەسسەن نە ئالىم، نە بىر دانىشمەن،

تۆت پۇتلۇق ئۇلاغسەن، كىتاپ يۈكلەنگەن.

ئۇ بىر مېڭىسىزكى، ھېستىن بىخەۋەر،

بىلمەس ئۈستىدىكى ئوتۇنمۇ، دەپتەر.

ئىلىم دىننى كۈچلەندۈرش ئۈچۈندۇر، ھەرگىز مال- دۇنيا تېپىش ئۈچۈن ئەمەس.

كىمكى پەرھىز، ئىلمۇ تەقۋالىقنى سېتىپ پۇل قىلار،

بىر دۆۋە خاماننى توپلاپ ئوت يېقىپلا كۈل قىلار.

276- بەت

پەرھىز قىلمايدىغان ئالىم- مەشئەل كۆتۈرۋالغان قارغۇ، ئۇ باشقىلارغا يول باشلىيالايدۇيۇ، ئەمما ئۆزى توغرا يولدا ماڭمايدۇ.

 

ئۈچ نەرسىنىڭ ئاساسى مۇستەھكەم ئەمەس: تىجارەتسىز مال؛ بەس- مۇنازىرىسىز ئىلىم؛ سىياسەت- قانۇنى بولمىغان دۆلەت.

277- بەت

ھەر قانداق ئىچ سىرىڭنى دوستۇڭغا تۆكمە، چۈنكى بىر چاغ كېلىپ ئۇنىڭ دۈشمەنگە ئايلىنىپ كېتىشىنى نەدىن بىلىسەن؟ شۇنىڭدەك، قولىڭدىن كەلسە ھەر قانداق ئاچچىق غەزەپنى دۈشمىنىڭگە قىلما، چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇ دوست بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. يۇشۇرۇن ساقلىماقچى بولغان سىرىڭنى ھېچكىمگە ئاچما، گەرچە بەك سەمىمىي دوستۇڭ بولسىمۇ، چۈنكى بۇ دوستۇڭنىڭمۇ سەمىمىي دوستى بولىشى مۇمكىن.

278- بەت

دۈشمەننىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىش خاتا، لېكىن ئاڭلاپ قويۇش راۋا.

282- بەت

ئىككى كىشى دۆلەت بىلەن دىننىڭ دۈشمىنى: بىرى زالىم پادىشاھ، يەنە بىرى بىلىمسىز ئىشان.

284- بەت

مەنمەنچىگە نەسىھەت قىلغان ئادەم ئۆزى نەسىھەتكە موھتاج.

287- بەت

ئون ئادەم بىر داستىخاندا تاماق يەيدۇ، ئەمما ئىككى ئىت بىر تاپ ئۈستىدە چىقىشالمايدۇ. ئاچكۆز ئادەم پۈتۈن جاھان بىلەنمۇ تويمايدۇ، قانائەت قىلغۇچى بىر نان بىلەن توق يۈرىدۇ. شۇڭا دانىشمەنلەر ئېيتىدۇ: مال- مۈلۈك بىلەن باي بولغاندىن كۆرە قانائەت بىلەن باي بولغان ياخشىراق.

289- بەت

كىشىلەرنىڭ يۇشۇرۇن ئەيىۋىنى تاتىلاپ ئاچما، چۈنكى ئۇلارنى رەسۋا قىلىش بىلەن بىللە ئۆزەڭنىمۇ ئىشەنچىسىز ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىسەن.

 

كىمكى ئىلىم ئۆگىنىپ، ئەمەلدە ئىشلەتمىسە، يەرنى ھەيدەپ قويۇپ، ئۇرۇق چاچمىغانغا ئوخشاش.

 

دىلسىز تەن تائەت- ئىبادەتكە يارىمايدۇ، پۇچەك شاكال مال قاتارىغا كىرمەيدۇ.

293- بەت

گۆھەر پاتقاققا چۈشۈپ كەتسىمۇ، يەنىلا قىممەتلىك، چاڭ- تۇزان ئاسمانغا ئۆرلىسىمۇ، ھامان يارامسىز. قابىلىيەت بولغان بىلەن تەربىيە بولمىسا بىكار، ئۈنۈمسىز تەربىيىنىڭمۇ پايدىسى يوق. كۈل ئالىي نەسەپتىن كېلىپ چىقىدۇ، چۈنكى ئوتنىڭ ئەسلى زاتى ئۈستۈن، لېكىن ئۆزىدە بىرەر ئارتۇقچۇلۇق بولمىغانلىقتىن توپا بىلەن باراۋەر. شىكەرنىڭ قىممىتى قومۇشتىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىكى خۇسۇسىيەتتىن.

300- بەت

ئەقىل دىگەن نەپىسنىڭ ئىلكىگە چۈشۈپ قالغانكى، گويا ئاجىز ئەر جاڭجالچى خوتۇننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندەك.

301- بەت

پاسىق باي – ئالتۇن يالىتىلغان كېسەك؛ تەقۋادار كەمبەغەل- توپىغا بۇلانغان مەھبۇب. بۇ- موسانىڭ قۇراق پەرىجىسىگە ئوخشايدۇ، پاسىق باي فىرئەۋىننىڭ سوكە- مونچاق ئېسىلغان ساقىلى.

308- بەت

كىمكى يامان ئادەملەر بىلەن ئۈلپەتتە بولسا، ئۇلارنىڭ مىجەز- خۇلقىنى يۇقتۇرىۋالمىسىمۇ، «يامان بىلەن بىر يولدا ماڭغان ئادەم» دىگەن بەتنامغا قالىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم ناماز ئۆتەيمەن دەپ قاۋاق تەرەپكە ماڭسا، كىشىلەر ئۇنى ھاراق ئىچكىلى بارىدۇ، دەپ گۇمان قىلىدۇ.

313- بەت

ئىككى كىشى ھەسىرەت بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ: بىرى بار تۇرۇپ يەپ- ئىچمىگەن، يەنە بىرى بىلىمگە ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇق ھېچ ئىش قىلمىغان.

327- بەت

 

تامام

 


دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2360
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2360دانە
ئۆسۈش: 5290 %
مۇنبەر پۇلى: 29136 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31

بوستان بىلەن گۈلۈستاننى ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەنتىم كۆپ يەرلىرىنى .  تەسەۋۋۇپ ھەققىدە بىلىم بولمىسا چۈشەنگىلى بولمايدىكەن . بۇدا قايتا بىر ئوقۇي ....
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
جەڭچى
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1546
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1546دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16128 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 01:34

تىما ئىگسىگە كۆپ تەشەككۈر. ئاللاھ ئەجرىڭىز نى بەرسۇن. كۆپ تەربىيگە ئگە بولدۇم.   
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8675
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-20
ئاخىرقى: 2011-08-23
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 10:19

بەك كۆپ ئاڭلىغانتىم گۈلىستان دەپ، ئاخىرى ئازراق بولسىمۇ خەۋەردار بولدۇم  ئىچىدىكى بىلىملەردىن.. تەشەككۈر !!!!
★كۆز تەگمىسۇن★
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6261
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 445 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-25
ئاخىرقى: 2012-03-23
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 17:57

[ئاۋال ئەرلىگىڭنى سىناپ كۆر، ئۇندىن كېيىن خوتۇن ئال.]

ما  گەپنىڭ  تەپسىلى  شەرھىسنى قايسىڭلار  چۇشەندۇرۇپ  قويسىلەر  .
دوستلىشىش
كۆكئاي
باراۋەرسىزلىك ئىتپاقلىققا ئۆچ.ئىتپاقلىق دۆلەت
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 644
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە644دانە
ئۆسۈش: 800 %
مۇنبەر پۇلى: 8049 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2012-03-28
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 20:01

ئەرلىگىڭىزنى سىنايدىغان ئىشلار بەككۆپقۇ
ئاتىڭىز ئۇغۇل بالا بولغاندىكىن كۈتۈرۇپ باقە ما بىر خالتا ئۇننى دىسە بۇمۇ سىزنىڭ ئەرلىكىڭىزنى سىنايدىغان بىر ئىش

ئەمدى مۇنداق مىساللانى يازساق خېلى كۆپ

(قىز باللانىمۇ بىرنى ئۇرسا يىقالمىغۇدەك بولسا ئەرگە بەرسە بۇلدۇ )چاقچاق

http://bbs.meripetyoli.com