باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1116 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تارىخىمىزدىكى ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى2
ئەر بولساڭ ئەل  دەپ   ياشا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3140
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 719
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە719دانە
ئۆسۈش: 5870 %
مۇنبەر پۇلى: 5761 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 1515 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2011-12-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 02:16

تارىخىمىزدىكى ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى2



    سۇلتان سەئىدخان مەشھۇر يەركەن خانلىقىنىڭ(مىلادى 1514-1679-يىللار) قۇرغۇچىسى، ئاتاقلىق شائىر، ھەربىي ئالىم، داڭلىق مۇزىكانت ۋە مۇقامشۇناس.
    سەئىدخاننىڭ قاچان، قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە ماتېرىياللاردا ھەرخىل مەلۇمات بېرىلگەن. ھاجى ئەخمەتنىڭ«دېڭىز ئۈنچىلىرى»ناملىق كىتابىدا سەئىدخان 1495-يىلى تۇغۇلغان دېيىلسە، ئابدۇرېھىم سابىق تۈزگەن«ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»دا مىلادىي 1466-يىلى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەركىزى ئاقسۇدا تۇغۇلدى، دېيىشىدۇ؛ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان«غەربىي رايون مەدەنىيىتىدىكى مەشھۇر زاتلار»(خەنزۇچە)دېگەن كىتابتا 1485-يىلى تۇغۇلغان دېيىلسە، ۋ.غوپۇر ، ئە.ھۈسەيىن تۈزگەن«ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى»دا 1484-يىلى تۇغۇلغان، دېيىلىدۇ. بىزنىڭچە 1484-يىلى تۇغۇلدى، دېگەن مەلۇمات بىر قەدەر ئىشەنچلىك، چۈنكى كۆپلىگەن مەنبەلەردە يەركەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان يىلى مىلادى 1514-يىلى بولۇپ، سۇلتان سەئىدخان 30يېشىدا خانلىق تەختكە چىققانلىقى، 20يىل خانلىق تەختىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، 1533-يىلى تىبەتنى بويسۇندۇرۇپ يەكەنگە قايتىش سەپىرىدە ئالى ئېگىزلىكىدە ئىس ئېلىپ كەتكەنلىك سەۋەبى بىلەن شۇ يىلنىڭ ئاخىرى يولدا ۋاپات بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ.
    سەئىدخاننىڭ دادىسى سۇلتان ئەھمەدخان نەسەب جەھەتتىن چاغاتاي ئەۋلادىدىن مۇسۇلمان ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن مۇغۇلىستان خانى تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ئوقۇمۇشلۇق ھەربىي سەركەردە ئىدى. سەئىدخاننىڭ چوڭ دادىسى يۇنۇسخان بۈيۈك ئالىم، ئاسترونوم مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ ياردىمى بىلەن مەشھۇر ئالىم مەۋلانا ئەلى يەزدىگە شاگىرت بولغان، ئۇنىڭدا 12يىل ئوقۇپ، ئۆز دەۋرىنىڭ بۈيۈك ئالىمى بولۇپ يېتىشكەن. سەئىدخاننىڭ دادىسى ئەھمەدخان يۇنۇسخاندىن بىۋاستە تەربىيە ئالغان ۋە ئوغلى سەئىدخاننى كىچىك چېغىدىن تارتىپلا ئىلىم-مەرىپەت سۈيى بىلەن يۇغۇرغان. سەئىدخان يەنە بىر نەۋرە تۇغقىنى، ھەربىي ئالىم ۋە شائىر ئوبۇلقاسىم بابۇر بىلەن بىر مەزگىل ھەمسۆھبەت بولۇپ، ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئەرەب، پارس تىللىرىنى ناھايىتى پۇختا ئۆگەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، 20 ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئۆز دەۋرىنىڭ ئىقتىدارلىق ئالىمى بولۇپ تونۇلغان.
    سەئىدخاننىڭ بىۋاستە تەربىيىسى ئاستىدا يېتىشكەن تارىخشۇناس مىرزا ھەيدەر كوراگان «تارىخى رەشىدى» (زەيلى) ناملىق ئەسىرىدە سەئىدخاننى مۇنداق تەرىپلىگەن: «سەئىدخان كۈچلۈك مەرىپەتپەرۋە مەدەنىيەت ئاشناسى ئىدى... ئۇنىڭ دەۋرىدە قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت ھاۋاسى نۇرلاندى، سەئىدخان ئېسىل، نىجاتكار ۋە ئالىيجاناب كىشى ئىدى، تەكەللۇپنى ياخشى كۆرمەيتتى. بۇنىڭدىن باشقا، جەسۇرۋە جەڭگىۋار بولۇپ، سىپاگەرچىلىكتە قوماندان ئىدى.»، «سەئىدخان خەتتاتلىق، شېئىرىيەت، ھەلچىلىك، تامغىچىلىق، زەرگەرلىك، نەققاشچىلىق، مىمارچىلىق، سازچىلىق، ئوق ئۆتمەس تۆمۈر كىيىم ياساش، ئوق، قىلىچ، نەيزە ياساش، مېتال ئايرىش قاتارلىق ھۈنەر - سەنئەتلەردە ئۆز دەۋرىنىڭ ئىقتىدارلىق كامىلى ئىدى، سەنئەتنى قىزغىن سۆيەتتى، ئۇد، ساتار، تەمبۇر، چاھارتار (تۆت تار) غىجەكلەرنى ياخشى چالاتتى. تۈركچە، پارسچە بەھۇزۇر شېئىر يازالايتتى. قىسقىسى، ئۇ ھەم ئەلەم، ھەم قەلەم ساھەسىنىڭ ئىستىداتلىق ماھىرى ئىدى.»
    سۇلتان سەئىدخان يۇقىرىقىدەك سۈپەتلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسيا رايونلىرىدا ناھايىتى تېز شۆھرەت تاپقان ۋە كۆپ ھىمايىگە ئىگە بولغان. ئۇ «يەكەن خانلىقى» نىڭ خانى سۈپىتىدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىللىرىدە ئالدى بىلەن پارچىلىنىپ كەتكەن فېئودال بۆلۈنمە بەگلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، قەشقەرنى مەركەز قىلغان «يەكەن خەلقى» دائىرىسىدە (سەئىدخان دەۋرىدە شەرقتە قۇمۇلدىن غەربتە بەدەخشانغىچە بولغان رايونلارنىڭ ھەممىسى «يەكەن خانلىقى» غا قارايتتى) بىر قەدەر مۇقىم سىياسىي ۋەزىيەت تۇرغۇزغان، ھەرخىل ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئىسلاھاتلىرىنى ئېلىپ بارغان. بولۇپمۇ ئۇ مەرىپەتنى قىزغىن سۆيگەچكە، ئۆز دەۋرىنىڭ بىلىم ئەھلىلىرىنى ئالاھىدە ئەتىۋارلىغان، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە باشقا پەنلەر بويىچە كۆپلىگەن شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن سەئىدخان دەۋرىدە قەشقەر ۋە يەكەن قايتىدىن جانلىنىپ، يەنە بىر قېتىم مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان.
    سەئىدخان گەرچە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى توپلاپ، رەتلەش ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈشتەك دەۋر بۆلگۈچ تارىخىي ئەھمىيەتلىك خىزمەتكە ئۆزى بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلىمىغان بولسىمۇ، كۆڭلىگە ئاشۇنداق بىر يۈكسەك مۇددىئانى پۈكۈپ، بۇ ئىش ئۈچۈن ياخشى شەرت - شارائىت ھازىرلاشقا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئەينى چاغدا ئۇ قاراخانىيلار دەۋرىدە قۇرۇلغان مەشھۇر «ساجىيە مەدرىسى» ۋە يەكەندە قۇرغان «خانلىق مەدرىسى» لىرى ھەمدە يەكەندىكى ئوردا كۆل بويىغا قۇرغان «دىۋانخانا» (خانلىق كۈتۈپخانا) شۇ ۋاقىتلاردا سەئىدىيە خانلىقى تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە مەشھۇر بىلىم يۇرتلىرى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى ئىدى، بۇ ئىلىم يۇرتلىرىدا ئەرەب تىلى، پارس تىلى، ھېساب، تارىخ، مېدىتسىنا، ئاسترونومىيە، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەر قاتارلىق ئىلىملاردىن تاشقىرى ئەدەبىيات، مۇسقى (مۇزىكاشۇناسلىق) قاتارلىق پەنلەر تەسس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ھەر قايسى جايلاردىكى مەشھۇر ئالىملار ئۇيۇشقانىدى، سەئىدخان دەۋرىدىكى قەشقەر ۋە يەكەننىڭ بۇنداق گۈللەنگەن ۋەزىيىتىنى خۇددى ئەلشىر ناۋائى دەۋرىدىكى ھېراتنىڭ ۋەزىيىتىگە ئوخشىتىش مۇمكىن.
     سەئىدخان يۇقىرىدا كۆرسەتكىنىمىزدەك تالانتلىق شائىر، مەشھۇر مۇسەننى ھەم موغەننى (مۇزىكانت ھەم مۇقامچى) بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىجادىيەتلىرى دەۋرىمىزگە تولۇق يېتىپ كېلەلمىگەن، پەقەت «تارىخى رەشىدى» دە ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە شېئىرلىرى ئۆرنەك قىلىنغان:
قايسى گۈلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۈلى رەناسى بار،
قايسى گۈلنىڭ بىر مېنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار.
ھۈر بىرلە جەننەتۇل - مەئۋانى كۆڭلۈم نەيلەسۇن،
يارنىڭ كۈيىدە يۈزمىڭ جەننە تۇل مەئۋاسى بار.
لەئىلدىن خەتتى بودۇر ھەر ھەم دەم تىرىكلىككە نىشان.
خۇش نىشاندۇركى ئىكى قاشىدىن توغراسى بار.
بىر سۇجۇك سۆز بىرلا ئۆلگەن جىسمىم بەردىڭ ھايات،
لەئى جان بەخشىڭدە گوياكىم مەسىھ ئەنقاسى بار.
يۈزى ئۆزرە كاكۇلۇ زولفىن پەرىشان كۆرگىلى،
ئى سەئىد ئاشۇفتە كۆڭلۈمنىڭ ئەجەب سەۋداسى بار.

   سەئىدخاننىڭ بۇ شېئىرنى مۇقام ئاھاڭىغا سېلىپ ئېيتقانلىقى مەلۇم، بۇ يەردە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، سەئىدخان قۇرغان «يەكەن خانلىقى» دەۋرى «قاراخانىيلار خانلىقى» دەۋرىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۈللىنىش دەۋرى ھېسابلانسىمۇ، لېكىن بۇ دەۋردە تىل جەھەتتە ئەرەب ۋە پارسلاشتۇرۇشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەنئەنىۋى ساپلىقى كۆرۈنەرلىك بۇزۇلۇشقا ئۇچراپ، شۇ دەۋىرنىڭ ئەدەبىيات ۋە مۇزىكا تىلىدا ئەكس ئەتكەن، بۇنداق ھالەتنى سەئىدخان دەۋرى مەدەنىيىتنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى دېيىش مۇمكىن.
[ بۇ يازمىنىjula520 2011-08-22 10:34قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8258
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 210 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-22
ئاخىرقى: 2012-01-07

سەئىدخان قۇرغان خانلىق ئاخىردا «ئاق تاغلىق»«قارا تاغلىق»لارنىڭ قۇلىدا تۈگەشتى،ئۇلارنىڭ مازارلىرىنى تاۋاپ قىلىپ كىتىدىكەن بەزەنلەر.
سەئىدخان مەرىپەتپەرۋەر خان ئىكەن
ئانىلار ئايىقى ئاستىدا جەننەت
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 496
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە496دانە
ئۆسۈش: 1030 %
مۇنبەر پۇلى: 5765 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-03-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 00:42

http://serhush.com/?p=260

تارىخىمىزدىكى شەخسىلەر