ئاللاھ:<<سىلەر ئاللاھقا ئىشىندىغان بولساڭلار ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىڭلار>> ۋە <<ئاللاھ تەۋەككۇل قىلغۇچلارنى ياخشى كۆرىدۇ.>> دىگەن. ئۇنداقتا تەۋەككۇل دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ ھەقىقىتچۇ؟ بىز يۇقىردائاللاھ دۇنياداپايدىلىقنىمۇ ،زىيانلىقنىمۇ ۋە ئۇنىڭ قانۇنيەتلىرىنىمۇ ياراتقان دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. تەۋەككۇل قىلىش سەۋەبلەرنى تەرك ئىتىش دېگەنلىكمۇ؟
سوپىيلىققا تەۋەككۇل قىلىش سەۋەبىنى تەرك ئىتىش دەپ قاراپ رىزقى ئىشلىمىسمۇ قولغا كىلىدۇ، كىسەل داۋالىمىسمۇ ساقىيدۇ دەپ ئۈمىد قىلىپ چۆل - باياۋاندا ئوزوقسىز ماڭدىغان ، بىلىم ئۈگەنمەي ئالىم بولوشنى ئارزۇ قىلدىغان كىشىلەر بار. بۇ ئىسلام قانۇنىغا قارشى ئىتىقاد، ئىسلام قانۇنى <<زىمىندا تارقىلىڭلار ۋە ئاللاھ نىڭ پەزىلىنى تەلەپ قىلىڭلار>> ۋە << ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى داۋالىنىڭلار>> << ئوزۇقلۇق ئىلىڭلار>> ............ دىگەن.
<<ئىلىم ئۈگنىش پەرىز >> ئىسلام قانۇنى بىلىم ئىگەنلەشتىن ئۆزىچىلا كىلىپ قالىدۇ دەپ گۇمان قىلمىدى.سوپلار ئىسلام دىنغا قارشى ئىش قىلدى. ماددىزىمچىلار سەۋەب. سەۋەب قىلىنغان نەرسىنى قىلىدۇ.دورا شىپالىق بىرىدۇ،مۇتلەق تىرشىشتىن نىجاتلىققا ئىرىشكىلى بولدۇ.دەپ ئىتىقاد قىلدۇ.بۇ ئەمەليەتكە ئۇيغۇن ئەمەس،چۈنكى بەزىدە داۋالاشقا ئۈنۈم بەرمەي سەۋەب ئىگىسى ئامالسىز قالدۇ.بەزىدە بىر ياتاقتا ئوخشاش ئىككى كېسەل بولوپ ئۇنىڭ بىرسى ئۆلۈپ كىتدۇ بىرسى ساقىيدۇ.بەزىدە دىھقان يەرنى ئاغدۇرۇپ ياخشى ئوغۇتلاپ ئۇرۇق سالدۇ.كىيىن قاتتىق سوغۇق ياكى ئىسسىق ياكى قۇرغاقچىلىق ياكى كەلكۈن ھەممىسنى ۋەيران قىلۋىتىدۇ.سەۋەب يالغۇزلا نەتىجە بەرمەيدۇ. ئەمما ئىنسان سەۋەب قوللىنىپ نەتىجىسىنى ئاللاھتىن تىلىشى كىرەك. تۆگىنى باغلىساڭ ، تۇرىشىنى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىل . كىتاپ كۆر ئاندىن ئىمتاھاندىن ئۆتۈشنى ئاللاھتىن تىلە........ مانا بۇ ھەقىقى تەۋەككۇل قىلىش . تەۋەككۇل قىلىش سەۋەب قوللانماسلىق،ئاللاھنىڭ قانۇنىنى ۋە ئاللاھنىڭ پايدا- زىيان يەتكۈزگۈچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇش،پايدىنى ئاللاھنىڭ باشقىسىدىن تەلەپ قىلىش دىگەنلىك ئەمەس.
ھەر قانداق ئىشقا سەۋەب لازىم.سەۋەب قىلىش شەرىئەتنىڭ بۇيرۇقغا بوي سۇنغانلىق ۋە دۇنيادىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىغا ئەگەشكەنلىك لىكىن سەۋەبنىڭ ئۆزىلا يىتەرلىك ئەمەس. نەتىجە ئاللاھنىڭ ئىلكىدە . ئاللاھقا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلغۇچى تەلەپ قىلغان نەرسىسىگە ئىرشىشى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدۇ. توغرا بولغان ھەرقانداق ۋاستىنى قوللىندۇ،ۋە نىشانغا يەتكۈزگۈچى ئاللاھ دەپ ئىتىقاد قىلدۇ.ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدۇ، خالىغان نەرسىنى ئاللاھتىن تەلەپ قىلدۇ.
<<ئىسلام دىنىنى ئومومي چۈشەندۈرۈش >> ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى