باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1349 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوغۇللار ، سىلەر بۇلارنى بىلەمسىلەر
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-20 18:39

ئوغۇللار ، سىلەر بۇلارنى بىلەمسىلەر

ئەگەرياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىز بىلەن يەنە گەپ تالىشىپ سوقۇشمىسا بۇ ئۇنىڭ سىزنى ئاللىقاچان ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ؛
 ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىزگە تولا سۆزلەپ قاخشىمىسا بۇ ئۇنىڭ سىزدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىز ئۈچۈن ياش تۆكمىسە بۇ ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ مۇزلاپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ؛
 ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىزدىن ئەمدى پەخىرلەنمىسە بۇ ئۇنىڭ سىزگە قىزىقماس بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىزنى يېرىم كېچىدە ئۆيگە قايتىپ كېتىش توغرىلىق سۈيلىمىسە بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان سىزدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىزگە ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ۋە ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەرمىسە بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان سىزدىن بىزار بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىز بىلەن تۇرمۇش ۋە خىزمەت توغرىلىق سۆزلىشىشنى خالىمىسا بۇ ئۇنىڭ سىزدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز ئۆزىنىڭ خۇشاللىقلىرىدىن  سىز بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالىمىسا بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان سىزگە بىپەرۋا بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز جاپا – مۇشەققەت ۋە ئاۋارىچىلىكلەرنى سىز بىلەن ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىسا بۇ ئۇنىڭ سىزگە ئىشەنمەس بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز ھەر قانداق ئىشلارنى ئۆزى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىپ مۇستەقىل قارار چىقارسا بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان سىزگە ئېھتىياجلىق بولمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ؛
ئەگەر ئۇ قىز سىز بىلەن بىللە تۇرغاندا ھېچقانداق گەپ قىلماي سۈكۈتتە ، سۈكۈتتە ، سۈكۈتتە ۋاقىتنى ئۆتكۈزسە سىز شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ئۇ ئۇزاق ئۆتمەي سىزگە ئايرىلىپ كېتىش تەكلىپىنى قويىدۇ .
          
                 مەنبە:ئاياللار ژورنىلىدىن