ئەگەرياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىز بىلەن يەنە گەپ تالىشىپ سوقۇشمىسا بۇ ئۇنىڭ سىزنى ئاللىقاچان ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىزگە تولا سۆزلەپ قاخشىمىسا بۇ ئۇنىڭ سىزدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىز ئۈچۈن ياش تۆكمىسە بۇ ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ مۇزلاپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىزدىن ئەمدى پەخىرلەنمىسە بۇ ئۇنىڭ سىزگە قىزىقماس بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىزنى يېرىم كېچىدە ئۆيگە قايتىپ كېتىش توغرىلىق سۈيلىمىسە بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان سىزدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىزگە ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ۋە ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەرمىسە بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان سىزدىن بىزار بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز سىز بىلەن تۇرمۇش ۋە خىزمەت توغرىلىق سۆزلىشىشنى خالىمىسا بۇ ئۇنىڭ سىزدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز ئۆزىنىڭ خۇشاللىقلىرىدىن سىز بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالىمىسا بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان سىزگە بىپەرۋا بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز جاپا – مۇشەققەت ۋە ئاۋارىچىلىكلەرنى سىز بىلەن ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىسا بۇ ئۇنىڭ سىزگە ئىشەنمەس بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ؛
ئەگەر ياخشى كۆرگەن قىزىڭىز ھەر قانداق ئىشلارنى ئۆزى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىپ مۇستەقىل قارار چىقارسا بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان سىزگە ئېھتىياجلىق بولمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ؛
ئەگەر ئۇ قىز سىز بىلەن بىللە تۇرغاندا ھېچقانداق گەپ قىلماي سۈكۈتتە ، سۈكۈتتە ، سۈكۈتتە ۋاقىتنى ئۆتكۈزسە سىز شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ئۇ ئۇزاق ئۆتمەي سىزگە ئايرىلىپ كېتىش تەكلىپىنى قويىدۇ .
مەنبە:ئاياللار ژورنىلىدىن