باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 355 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيەلىك بولىشىغا سەل قارىماڭ
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-20 13:35

قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيەلىك بولىشىغا سەل قارىماڭ

خەلقىمىز ئەلمىساقتىن قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن   بولۇپ،تەربىيە ۋە ئەخلاقنى قىز-ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىگى دەپ قارىغان،ئەمما خۇراپارلىق،ئاڭسىزلىقنىڭ دەردىدىن قۇتىلالمىغان قىسمەن كىشىلەر بۇزىقچىلىق،جۈملىدىن ئېغىر گۇناغا ئىتتىرگەنلىك دەپ قاراپ،بۈگۈنكى ئەۋزەل شارايىتتىمۇ قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيىلىنىششىگە يەنىلا سەل قارىلىۋاتىدۇ.

   بىلسەك، ئاياللار ئائىلىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئالى مەلىماتلىق ئەربابلارمۇ،داڭلىق شەخسىلەرمۇ ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولىدۇ.تويدىن كىيىن ئايالىنىڭ كۆينىشى ھەم ياردىمىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى يارتىدۇ.

     يەنە قارايدىغان بولساق،بىلىم ئەخلاق بىلەن قوراللانغان ئاياللار تەببى ھالدا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ،بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى،ئېرى،پەرزەنتلىرىمۇ پەخىرلىنىدۇ.

ئەكسىچە تەربىيە ئالمىغان ئاياللارچۇ؟  ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىۋىتىشكىمۇ بولمايدۇ.  بىراق ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى باشقىلارنىڭ نارازىلىغىنى قوزغايدۇ-دە تەربىيە كۆرمىگەن دىگەن نامغا قىالىدۇ. 

كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنى ئاڭسىز-تەربىيەسىز قالدۇرماسلىغىمىز ئۈچۈن قىز-ئاياللارنى ئاڭلىق بۈلىملىك قىلىپ تەربىيەلەش ھەمدە شۇ تەربىيەنى باللىرىغا يەتكۈزەلەيدىغان قىلىپ تەربىيەلەش زۆرۈر بولماقتا،باللىرىمىزنىڭ تۇنجى ئۇستازى  بولغان ئاياللىرىمىزنى بىلىم ۋە تەربىيەدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ياكى ئىتىۋار بەرمەسلىك يولۇچىلار ئاپتۇۋۇزىنى ئەما ياكى جاھىل بىر شوپۇرغا ھايداتقۇزغان بىلەن باراۋەر.دىمەك قىز-ئاياللىرىمىز سەۋىيەلىك، بىلىملىك بولۇش ناھايىتە مۇھىم  .

شۇڭا ئاتا-ئانىلىرىمىز قىزلىرىمىزنىڭ بۈلۈملىك،ئەخلاق-پەزىلەتلىك،ئائىلىسىنى،پەرزەنتلىرىنى سۆيۈدىغان ئاڭلىق بولۇش ئۈچۈن كۆڭۇل بۆلىشى،ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشى لازىم.قىز-ئاياللارمۇ ھۆسۈن جامالى ،كېيىم- كېچىگى،ئالتۇن جابدۇقلىرىنىڭ ئۆزىگە زىننەت بولماستىن،بەلكى ئالغان تەربىيەسى بىلەن بىلىمنىڭ ھەقىقى زىننەت ئىكەنلىگىنى تونۇپ يېتىشى كىرەك

 

مەنبە:ئەخلاق-تەربىيە ژورنىلىدىن