ئېھ، يىقىملىق كۈي ...
ئېھ، يىقىملىق كۈي...
چولپاننىڭ ئارخىرقى نۇرلىرىغا ئەگىشىپ ئەفسۇنكار سېمفۇنىيەڭ زىمىننىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچە سىڭىشكە باشلىدى... كۆزۈڭنى قاچانغىچە ئاچمايسەن ئەزىزەم؟ ... تاڭنىڭ ئاۋۋالقى كۈيلىرى تۈننى چاك – چېكىدىن ئېرىتىشكە باشلىدى. ئەپسۇس، قەلىبلەر تېخى ئېرىمىدىمۇ؟ ...
ئېھ، يىقىملىق كۈي...
قۇياش دارغا ئېسىلدى... بارچە جاندار ھەققە زىكىر قىلماقتا. ئالدىراش دۇنيا ئىچىدىن ئۆزۈمنى ئىزلىمەكتىمەن. گۈزەل ھەدىيەلەرنى قاچانغىچە تۇمار قىلىپ ئاسمايسەن؟ گۈزەللىك ۋادىسىغا قاچانغىچە ئىنتىلمەيسەن؟ ئەي، قەلىب ئېسىيانلىرى زۇلمەتكە ئايلانغان بىپەرۋا مەخلۇق، قەلىبلەر تېخى ئېرىمىدىمۇ؟ ...
ئېھ، يىقىملىق كۈي...
قايناق بازار ئىچىدىن كىملىك ئىزلەنمەكتە... كىملەردۇر دۇنيا ھېرىسلىكىدە قوللىرىنى سوغاتلارغا توشقۇزۇپ دوقمۇشلاردا تېنەپ يۈرمەكتە... « ئەي، ئاسىي ! گۇناھ تاغىرنى يۈدۈپ نەگە ماڭدىڭ؟! » - دەيمەن ئۆزۈمگە. بىلمىدىم، قەلىبلەر تېخى ئېرىمىدىمۇ؟ ...
ئېھ، يىقىملىق كۈي...
ئۇپۇق قىزاردى ... ھەممە دوزاققا ئوتۇن توشىماقتا ... دوزاقنىڭ رەڭگى ئۇپۇق رەڭگىنى بىر ئالدى، ئەنە ... قۇشلار توپ – توپى بىلەن ئۆيلىرىگە قايتىشماقتا... ئەپسۇس، مەن تېخى ئۆيۈمنى تىپىپ بولالمىدىم... ئەتراپ تۈن لىباسىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۆزىگە ئارىتماقتا. كۆڭۈللەر ھەم قارايماقتا. ئەي، ئاداشقان كۆزلەر! ، قەلىب مۇزلۇقلىرىڭ تېخى ئېرىمىدىمۇ؟ ...
ئېھ، يىقىملىق كۈي...
تۈن قوينىدىن كىشىلەر يورۇقلۇق ئىزدىشىپ يۈرۈشمەكتە... قۇياشنىڭ زەررە ئىللىقىدا مىليون يىللىق مۇزلۇقلار ئېرىيدۇ. ھەققە ئېنتىلگەن تاغلار ئېرىپ قورام تاشلار ئۆزىلىرىنى پەسكە تاشلىشىدۇ. ئەي، قارايغان يۈزلەر، قەلىبلەر تېخى ئېرىمىدىمۇ؟ ...
ئېھ يىقىملىق كۈي...
سېمفۇنىيە داۋام ئەتمەكتە... تاغلار ئۆلۈم ئاتلىرىنى مېنىشىپ كۇكۇم – تالغان بولۇش ئۈچۈن يۈرۈپ كېتىشتى... دېڭىزلار غەزەپلىك دولقۇنلاپ بىر – بىرىگە قوشۇلۇش ئۈچۈن ئۇپۇق پەردىلىرىنى يىرتىشماقتا ... كەلگەنلەر ھەم كەتكەنلەر يىڭنە قۇلىقىدىن كارۋان تارتىش ئۈچۈن سورۇن ھازىرلىماقتا... جاھان تارىخېدىكى ئەڭ چوڭ بازار كۈنى يىقىنلاپ قالدى. ئەي، گۈلۈم! قەلىبلەر تېخى ئېرىمىدىمۇ؟...
ئېھ، يىقىملىق كۈي ... قەلىبلەرنى تېخى ئېرىتالمىدىڭمۇ؟ ...
ئاپتۇر ئاتا بۆرە