باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1879 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: باش سۈرىتى پوچتا ماركىسىغا بېسىلغان تۇنجى ئۇيغۇر
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-18 19:06

باش سۈرىتى پوچتا ماركىسىغا بېسىلغان تۇنجى ئۇيغۇر

 جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر سەنئەتكارلار جەمئىيىتى — جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىيات-سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە مەشھۇر سەنئەتكارلارنىڭ سالاپىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى باش شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆز ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇنبىرىنى جانلاندۇرغان، يۈكسەك سەنئەت ئەخلاقىغا ئىگە، ئالاھىدە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى ئىچىدىن «100 تۆھپىكار» نى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ باش سۈرىتىنى پوچتا ماركىسىغا بېسىپ، ئۇنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارا تارقاتتى. تونۇلغان شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي ئوبزورچى، ئەدەبىي تەرجىمان، مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتچىسى، تۆھپىكار ژۇرنالىست نەسرۇللا ئابلەت «2010-يىلى — جۇڭگودىكى مەشھۇر سەنئەتكارلار» شەرىپىگە ئېرىشىپ، باش سۈرىتى پوچتا ماركىسىغا بېسىلدى. بۇ ئۇيغۇرلار تارىخىدا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش.
نەسرۇللا ئابلەت 1946-يىلى 13-فېۋرال ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزا تېتىر كەنتىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1981-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ، ئىلگىرى- كېيىن ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا مەدەنىيەت خىزمەت يېتەكچىسى ۋە مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، 2006-يىلى 5-ئايدا ئارامغا چىققان.
نەسرۇللا ئابلەت ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ جاپاكەش تۆھپىكارى. ئۇ 1997-يىلى ئىئانە توپلاپ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر شائىرى، ئۇلۇغ پېداگوگى، ئوت يۈرەك كومپوزىتورى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ 260 كىۋادرات مېتىرلىق خاتىرە سارىيىنىڭ سېلىنىشىغا زور كۈچ سەرپ قىلغان.
نەسرۇللا ئابلەتنىڭ ئىجادىيىتى كۆپ قىرلىق ۋە كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 950 پارچە شېئىرى، يەتتە پارچە داستانى ئېلان قىلىنغان. «ھاقارەتلەنگەن پەرىشتە»، «مۇھەببەت ۋە رەزىللىك»، «كېپىنەك چۈشى» قاتارلىق پوۋېستلار توپلاملىرى، «يېشىل ياپراق»، «يامغۇر»، «سۆيگۈ شەجەرىسى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. «غورۇر توزانلىرى»، «كۈلپەتلىك تەقدىر» قاتارلىق ئىككى پارچە رومانى، «نەسرۇللا ئابلەت ئوبزورلىرى» ناملىق توپلىمى، «ئەلۋىدا، قورال» ناملىق تەرجىمە رومانى نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇ يەنە خەنزۇ شائىرلىرىنىڭ 20 نەچچە پارچە شېئىر، داستانلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. ئەدىبنىڭ توققۇز پارچە شېئىر، داستانلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
جۇڭگو يازغۇچىلىرى ئەسىر مۇھاكىمە تەشكىلىي ھەيئىتى، «جۇڭگو يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى، ئەدەبىيات-سەنئەت گېزىتى، جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى تەتقىقات مەركىزى ۋە دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلار ئەدەبىياتى سەنئەتكارلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان يىللىق ئەسەر باھالاشتا شائىر نەسرۇللا ئابلەتنىڭ «ھايات ناخشىلىرى»، «ئۈزۈك خىياللار»، «يامغۇر ناخشىسى»، «باھار خىياللىرى»، «تىلىكىم»، «بۇغداغا»، «قىرغاققا قاراپ»، «چىدام توغرىلىق ناخشا»، «دادا» (داستان) قاتارلىق ئەسەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن 1-، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «جۇڭخۇا بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيەت ئىلاھى» دەپ تەرىپلەنگەن. يۇقارقى ئورۇنلار يەنە 2005-يىلى ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم «مۇنەۋۋەر يازغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. 2007-يىلى «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىراتى ئۇنىڭغا «تۆھپىكار» مۇكاپاتىنى، 2011-يىلى 4-ئايدا «مۇنەۋۋەر ئەدىب مۇكاپاتى» نى بەرگەن.
2003-يىلى نەسرۇللا ئابلەتنىڭ «ھايات ناخشىلىرى» ناملىق شېئىرى دۇنيا جۇڭگولۇقلار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى، دۇنيا مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن «خەلقئارالىق مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
نەسرۇللا ئابلەت 2 مىليون خەتتىن ئارتۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى توپلاپ ھەم رەتلەپ «ئاتۇش خەلق قوشاقلىرى»، «ئاتۇش خەلق چۆچەكلىرى»، «ئاتۇش خەلق ماقال-تەمسىللىرى»، «ئاتۇش خەلق داستانلىرى» قاتارلىق تۆت توپلامنى نەشر قىلدۇرغان.
نەسرۇللا ئابلەت 1980-يىلى 3-ئايدىن 2005-يىلى 6-ئايغىچە «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ مائارىپ تارىخى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ نامايەندىسى — ئاتۇش ئېكساق ھۈسەينىيە مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىرىلغان «مەشئەل» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن. ئۇ يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا «قومالتاغ باغرىدىكى ئۆچمەس مەشئەل»، «تېتىر بوستانلىقىدىكى شانلىق ئىزلار»، «ئىشتارچىدىكى مەرىپەت نۇرى» ناملىق ئۈچ پارچە كىتابنى يېزىپ چىقىپ، مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

(نەسرۇللا ئابلەت جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئۆز مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. زىيارەتنىڭ تەپسىلاتى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىمىزنىڭ «رادىيو ژۇرنىلى» پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىلىدۇ)
 
نەسرۇللا ئابلەت ھازىر جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر سەنئەتكارلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو سەنئەتكارلار ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئۇيغۇر 12 مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.
نەسرۇللا ئابلەتنىڭ ئىجادىيەتتىكى تۆھپىلىرى «جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزالىرى ئىسىملىكى قامۇسى»، «دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەر قامۇسى» ۋە «دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلار قامۇسى» قاتارلىق نوپۇزلۇق قامۇسلاردا تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەردە مۇكاپاتلانغان ئەسەرلىرى «جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نادىر ئەسەرلىرى» ناملىق زور ھەجىملىك ئون توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.
     
     مەنبە:ئاتاقلىق ئەدىپلەر قامۇسىدىن
دوستلىشىش
ئەنى-بەنى
كىشىدىن تامايىم يوق.....تىلىگىمنى ئاللا ئىگەم ئۆز ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8592
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 43
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە43دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-14
ئاخىرقى: 2011-08-26
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-21 14:12

بىر كۈرۈشكە ،،ئالدىراۋاتىمەن......   رەسىمى بوپكەتكەن بولسىچۇ