باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 309 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھايات سەپىرىدە ئويلىغانلىرىم
سەۋەپكاردىن ھەمىڭلارغا سالام
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 74
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
ئۆسۈش: 930 %
مۇنبەر پۇلى: 1375 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-18 12:13

ھايات سەپىرىدە ئويلىغانلىرىم

ھايات سەپىرىدە ئويلىغانلىرىم


بۇ دۇنيادا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە لايىق ئورنى بولىدىكەن .ھەتتا قۇرت-قوڭغۇزلارمۇ بىكاردىن بىكار ھېكمەتسىز يارىتىلمىغان ئىكەن . ئۇلارنىڭ بىرى كەم بولسا ئۇنىڭ قەدرى ئۆتۈلىدىكەن ، بىرى ئارتۇق بولسا ئۇنىڭ جەبىرى بولىدىكەن . بايلىققا ،راھەتكە ئىنتىلمەيدىغان ،يوقسۇزلۇق جاپادىن قاچمايدىغان ئادەم بولمايدىكەن ،خاتىرجەملىك ئىچىدە ئارامسىزلىق ،ئارامسىزلىق ئىچىدە خاتىرجەملىك ھامان مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىكەن .شۇڭا خۇشاللىقمۇ ،قايغۇمۇ بىر-بىرىنى قوغلۇشۇپ تۇرىدىكەن .
بۇ دۇنيادا ئارزۇسىز ياشايدىغان ئادەم يوق . ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆزىگە چۇشلۇق ئارزۇسى بولىدۇ . ھەمدە شۇ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېششى ئۈچۈن ئوخشىمغان دەرىجىدە ئىزدىنىدۇ ،ئىنتىلدۇ،تىلەيدۇ ،شۇ ئارزۇ ئىشتىياقىدا بەزىلەر يىغلىسا ،بەزىلەر كۈلىدۇ،بەزىلەر ئازاپلانسا ،بەزىلەر راھەتلىندۇ ،بەزىلەر ئېگىلسە ،بەزىلەر غادىيىدۇ،بەزىلەر مۇشت كۈتەرسە،يەنە بەزىلەر قىلىچ كۈتۈرىدۇ،ئاخىرىدا جۈرئەتلىك ،قورقماس باتۇر ،مەرد كىشلەر مۇرادىغا يىتىدكەن . ئەكىسچە قورققاق،نامەرد ،جۈرئەتسىز ،قورقۇنچاق كىشىلەر جەبرى-جاپادىن قۇتىلالمايدىكەن . ھاياتتا ئارزۇغا يەتكەنلەر ئاز ،يىتەلمىگەنلەر كۆپ بۇلۇپ ھايات شۇنداق داۋاملىشدكەن .ئادەم بۇ دۇنيادا ئارزۇغا تاينىپ ياشايدىكەن . ھەمدە شۇ ئارزۇسنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ باقىدىكەن ، لېكىن بۇ ئارزۇلارنىڭ كۈپۈنچىسى مەۋجۇت بولمايدىكەن ئەكىسچە تۇنجۇقۇپ كىشىنى ئازاپلاپ ، تۇرۇپلا دۇنيادىن يۇقايدىكەن ۋە يەنە نەچچە مۈشكۈل ئىشلارغا دۇچ كېلىدىكەن .ئۆزۈم گاھىدا شۇنداق ئويلاپ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىمەنكى ــ بەزىلەرنىڭ ھاياتى تۇرمۇشى نىمە ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدىغاندۇ ،بەزىلەر خۇددى ياغ ئىچىدىكى بۆرەككە ئوخشىسا غەم-قايغۇسىز ئەيىش ئىشرەت بىلەن ياشىسا ،بەزىلەر ئۆمۈر بۇيى ئىشلەپ رىيازەت چېكىپ يەنە بىر-بىرىدىن نارازى بولىدۇ . نىمە ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ قۇلى ئۇزۇن ؟ ھەممىگە ئەجىرسىز ،ئەمگەكسىز ئىگە بولىدۇ ؟ بەزىلەر بولسا ئۆمۈر بۇيى تىرشىپ -تىرمىشىپمۇ كۆزلگەن ئارزۇسغا يىتەلمەيدىغاندۇ ؟ ئادەم تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان تۇساقلارغا ،قىيىن مۈشكىلاتلارغا دۇچار بولىدۇ . بىراق بۇلارنىڭ بىرسىمۇ غېرىپلىق ، سەرگەردانلىق ،مىسكىنلىك ،دەرتمەنلىك ئازاپىغا يېتەلمەيدۇ (مىنىڭچە). مەن دەل مۇشۇ ئازاپ ئىچىدە ياشاۋاتقان بىچارە . مەن گەرچە مېنىڭ بۇ ھاياتىم دەرت ئازاپ بىلەن تولغان بولسىمۇ ئەمما مەن بىر ئۈزەمنىڭ ۋە ئۆيدىكلىرىمنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمەن .
زارلانما قەلبىم زارلانما ، خارلانما قەلبىم خارللانما ، ئالدانما !


ئويلۇدۇم ئۈزەمنىڭ كەچۈرمىشلىرنى .
خىيالكەن كۆڭۈلكەن خاتالىق يۇلى ،
يىراق تۇر ھېسيات ئارزۇ ھەۋەستىن .
بىلىم ئېلىشتۇر بەختنىڭ يۇلى ،



مەنبە : مۇھەممەتتوختى ئۇبۇلقاسىم (سەۋەپكار) تۇقاي
نۇپــــــــۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمـــــــۇس كېمىيۋاتىدۇ

(ســـەۋەپـــــــــــــكـــــــار)
دوستلىشىش
كۆكئاي
باراۋەرسىزلىك ئىتپاقلىققا ئۆچ.ئىتپاقلىق دۆلەت
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 610
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە610دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 6958 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2011-10-20

ياشاشتىكى قەسەملەر ئىچەمىز دائىم
ياشاش ئۈچۈن قەسەملەرنى ئۇنۇتۇش لازىم

مۇشۇنداق بىر ئۆزبەكچە ناخشا بۇلدىغان

ئەمدى كەچۈرمىشلېرىڭىزنى ئويلاپ تىگىگە يەتكەن بولسىڭىز ئازاپلارنى تاشلاپ ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلېرى بۇيىچە گۈزەل ياشاڭ
dinimizislam.blogbus.com