قارا ئاققۇ
1
لەۋگە-لەۋ يەتمىگەن ئارىدا
ئۇپۇق ھەسرەت رەڭگىدە قىتىپ قالدى.
چۆچەكلەر
ياقا يىرتىپ سۆرەن سالدى.
"ئا" ھەرىپى
ئاغزىمدىن تۆكۈلۈپ قىچىپ كەتتى.
ئەللەيلەر
بۆشۈكنى قۇچاغلاپ
ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ ئۇزۇن تۈن كىچىلەرگە كىرىپ كەتتى...
شاماللار تونۇش ھېدلارنى ئېلىپ كەلدى،
يامغۇر قىرائىتىنى باشلىغاندا
بەكمۇ يىراقتىن
بەكمۇ يىراقتىن
...
نىمىلەرنىدۇر ئىزلەۋاتىمەن
يوقلىرى باردەك
بارلىرى يوقتەك...
ھەممە ماڭا ناتۇنۇش
تاملاردەك سوغۇق
سېنىڭ چۆچەكلىرىڭدەك ئۇزۇن ھەم قاراڭغۇ
...
كۆزلەر قىزاردى
سەن نان ياققان تونۇردىن قىزىل
تۇرمۇشتەك ئاچچىق.
بۇغۇزغا قاپسالدى
سەن نان ياققان قوللاردەك قاتتىق
ئۇزۇندىن بىرى ئېيتىلمىغان بىر سۆز.
تەنلەر سوۋۇشقا باشلىغاندا
ناماز شامغا كىرىۋاتقاندا
بىر قۇش جەننەتنى قاراپ ئۇچتى...
ئاستا-ئاستا...
ئاستا ئاستا...
2
ھاياتلىقنىڭ بېتى ئۆرىلمەكتە
كۆز ياشلىرىڭدەك قاپقارا
ھەسرەتلىرىڭدەك ھەممىنى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ...
غازانلار تۆكۈلمەكتە
پاپيېشىل...
ياپيېشىل...
بۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ !
ۋايىغا يەتكەن ئاۋازلار
ئەمدى تىلى چىققان كۈلكىلەر
تىرىكچىلىك ئۈچۈن غەمگە ئايلىنىپ كەتكەن
تۇزدەك مىھىرلىك كۆزلەر
ئارمانلىرىغا قاراپ ئاخىرقى قىتىم كۈلگەندە
بۇلۇتلۇق ئاسمان بايرىقىنى يىرىم چۈشۈرگەندە
...
ناماز شامدىن ئۆتتى بىر قۇش نەي بىلىمەكتە ھېجران شېخىدا
ئۈچ قۇش نەي قىلىپ چالماقتا ئەڭ گۈزەل كۈيلەردەك
ئارمانلىرىڭنى ، ئارمانلىرىڭدا...