جاھىلىيەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇشقا بولامدۇ؟
ئاپتۇرى: مۇھەممەد قۇتۇپ
ئۆزىنى دەۋەتكە بېغىشلىغان بىر تۈركۈم ئىخلاسمەن قىزىققان ياشلاردىن خەتەرلىك بىر كۆرۈنۈش كېلىپ چىقىۋاتىدۇ....
مەلۇم بىر ياشنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتى ئاخىرقى يىلغا قەدەم قويغان چاغدا،ئۇ تۇيۇقسىزلا ئوقۇش تاشلايدۇ.
چۈنكى بۇ(ئۇنىڭ نەزىرىدە)جاھىلىيەت ھىساپلىنىدۇ....ئۇنىڭدىن كىيىن كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىمىغا يەتكۈدەك ئاددى
خىزمەتتىن بىرنى تېپىپ ئىشلەيدۇ.ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى بوشلۇقنى «مەن ئۆزەمنى تىزگىنلىدىم،كۆڭلۈمنىڭ قىزقىشلىرىنى
يەڭدىم.دۇنيا ھاياتىنىڭ گۈزەللىكلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلدىم،ئاللاھ ۋە دەۋەت ئۈچۈن "ئىخلاسمەن" بولدۇم.مەن
ئۆزەمنى ھەقىقى " ئۈلگە" گە ئايلاندۇردۇم »دىگەن ھېسياتلار توشقۇزىدۇ.
بىز يۇقۇردا (مۇشۇ كىتاپتىكى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئالدىدىكى مەزمۇننى كۆرسىتىدۇ) ئىدىيۋى ھۇجۇم ھەققىدىكى سۆزىمىزدە
مائارىپ پىرۇگىراممىلىرىنى يولغا قويۇش ئىدىيۋى جەھەتتە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئەڭ چوڭ ئامىللىرىدىن بىرى
ئىكەنلىگىنى سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بىز مەكتەپ ئىنىستىتۇتلاردىكى«ئوقۇتۇش پىرۇگىراممىلىرى»نىڭ دۈشمەنلىرىمىز بىزنى
ئىسلامدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئورناتقان ئوپئوچۇق جاھىلىيەت " پىرۇگىراممىلىرى" ئىكەنلىگىدىن قىلچە گۇمانلانمايمىز.
ئەگەر بۇ پىرۇگىراممىلارنىڭ دائىملىق ۋەتەن،مىللەت، ئەلمانى ۋە سوتسىيالىزىم ...تەشەببۇسلىرىنى تارقىتىش ۋە ئاللاھنىڭ
قانۇنى بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشلەرنى ھەر دائىم خەلىققە تونۇشتۇرۇشتىن باشقا ھىچقانداق رولى بولمىغان تەقدىردىمۇ،
ئەلۋەتتە بۇ گۇناھ جەھەتتە يىتەرلىك بولغان بولاتتى.
بىراق ئەمىلىيەت بۇ خىل باسقۇچلاردىن قانداقتۇر بىرەر باسقۇچتا توختاپ قالمايدۇ. بەلكى ئاخىرقى ھىساپتا بەندىلەرنى
ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن ۋاز كەچۈرۈشنى نىشان قىلىدىغان،دىنغا قارشى ئىلىم ۋە مەدەنىيەتنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن ئېيىتقاندا بۇ جاھىلىيەت مەدەنىيىتىدىن چىكىنىشنى ۋە جاھىلىيەت مائارىپىدىن تۇيۇقسىزلا قول ئۈزۈشنى
قارار قىلغان بۇ ياشنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن بىز گۇمانلانمايمىز...
گەرچە بۇنىڭدا ئاڭدىكى يىتەرسىزلىكنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئېغىر خاتالىققا يول قويۇلغان بولسىمۇ!....بىز بۇ تەتقىقاتتا
بىر قانچە قېتىم يالغۇز ئىخلاسمەنلىكنىڭ ئۆزىلا يىتەرلىك بولمايدۇ.ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆرسەتكەندەك ئىخلاس
بىلەن بىرگە پاراسەت بۇلىشى كېرەك ، دىدۇق.
ئېيتقىنكى، «بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، (كىشىلەرنى) اﷲ غا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگە
ئاساسلىنىمىز.ﷲ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن» سۈرە يۈسۈف 108-ئايەت.
مۇشۇ خىل شەكىلدە ئوقۇش تاشلاۋاتقان ياشلار بىخەۋەر قالغان ئىش مۇنداق بىر نەچچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1.ئەگەر بىز جاھىلىيەت ئىلىمى ۋە جاھىلىيەت مەدەنىيىتى دىگەن باھانە بىلەن بىلىم ۋە مەدەنىيەت ئۆگۈنىشتىن
پۈتۈنلەي ۋاز كەچسەك، ئۇنداقتا بۇ ،دۈشمەنلىرىمىز بىزگە قارشى پايدىلىنىدىغان قوراللاردىن بىرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن
بولىمىز.چۈنكى كىشلەرنىڭ ئېڭىدا نادانلىق دەۋەت بىلەن، ئىلىم دىندىن چىكىنىش ۋە دىننى رەت قىلىش بىلەن باغلانغان.
(يەنى كىشلەر دىننى ئالىملار پەننى مەكتەپتە ئوقۇمايدۇ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلار دىنسىز بولىدۇ دەپ قارايدۇ) مانا بۇ دەل
ئىسلام ئويغىنىش ھەركىتى مەيدانغا كىلىشتىن بۇرۇنقى ھالەت ئىدى.دۈشمەنلەر كىشلەرنى دىندىن نەپرەتلەندۈرۈش ئۈچۈن
ئاشۇ ھالەتتىن ياخشى پايدىلانغان ئىدى.
ئىسلام ئويغىنىش ھەركىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى- بىز ئۇ ھەقتىكى سۆزىمىزنىڭ باشلانمىسىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك-يېڭى دەۋەتنى
ئېلىپ بارغۇچىلار «يېڭى مەدەنىيەت»ۋە تەرەققىياتنى قوبۇل قىلغان ئەپەندىلەر ئىدى،بىراق ئۇلار شۇنداق تۇرۇپ،دىنغا
قايىتتى ۋە دىننى دەۋەت ئېلىپ باردى...بۇ دۈشمەنلەر ئۈچۈن چىدىغۇسىز تاسادىبىيلىق بولدى.يەنە كىلىپ كۆپلىگەن
دۈشمەنلەرنى ئۆز پىلانىدىن گۇمانلاندۇرۇپ قويدى.ھەمدە ئۇلارنى ئۆچمەنلىگى كۈچلۈك بولغانلىقتىن -ئىسلام خىزمىتىگە
ۋەھشىلەرچە زەربە بېرىدىغان قىلىۋەتتى.ئاخىرىدا بۇ زەربىلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بازا تېخىمۇ
كېڭىيىپ كۆپلىگەن ياشلار ئىسلامغا يۈزلەندى.
ئەگەر بىز بۈگۈن قانداقتۇر بىر باھانە-سەۋەپ بىلەن مەدەنىيەت ۋە ئىلىم پەندىن ۋاز كەچسەك،ئۇنداقتا ئىسلامى ھەركەت
ئىسلامغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قاباھەتلىك كۈرەشتە ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىنىرگىيە ئامىللىرىدىن بىر ئامىلنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.
ھەمدە ئىسلام ئويغىنىش ھەركىتىدىن ئىلگىرىكى ۋەزىيەتكە قايتىپ كېتىدۇ...شۇنداق بولغاندا بىز دۈشمەنلەرنىڭ كىشلەرنى
دىندىن نەپرەتلەندۈرىشىگە،بىلمەي ۋە ئويلانماي ياردەم بەرگەن بولىمىز!
2.بۈگۈنكى مەكتەپ ۋە ئۇنۋېرسىتىتلاردا ئۈگىتىلىۋاتقان بىلىملەرنىڭ ھەممىسى زەھەر ئەمەس،ھەممىسى زىيانلىق ئەمەس.
ھەممىسى بىز ئۆگەنمىسەكمۇ بولىدىغان بىلىم ئەمەس!
توغرا ، ئۇلار جاھىلىيەت روھىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ.شۇڭا بىز ئىلمىي نەزىرىيە كىتاپلىرىمىزدا ئىلمىي ھەقىقەت شۇكى،
ئاللاھ ياراتتى،ئاللاھ قۇرئاندا:
" مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە(ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى،
(ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى) كۆرسەتتى» سۈرە تاھا 50-ئايەت.
دىگەننىڭ ئورنىدا «تەبىئەت» ياراتتى.تەبىئەت پالانى مەۋجۇداتقا مۇنداق خۇسۇسىيەتنى بەردى...دەۋاتىمىز.
بىز « تەبىئەت قانۇنىيىتى» ھەققىدە سۆزلىگەن چېغىمىزدا، ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ئۇلۇغ كۈچنى توختىتىشقا،ئۇنى
ياكى ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئىقتىدارى يەتمەيدۇ دىگەن دىگەن ئۇقۇملارنى بىلدۈرۈپ قويىدىغان گەپلەرنى
قىلىۋاتىمىز ۋە بۇ گەپلەرنى ياۋرۇپا مەنبەلىرىدىن تەرجىمە قىلىۋاتقان ئىلىم-پەن كىتاپلىرىدىن قارىغۇلارچە كۆچۈرۈپ
ئۇنىڭغا ئۆزىمىزنىڭ ئىسىملىرىمىزنى يېزىۋاتىمىز.بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلمايۋاتىمىزكى، ياۋرۇپادىكى چىركاۋلارنىڭ
مەيدانى شۇ جايدىكى ئىلىمنى ئاشۇنداق دىننى دۈشمەن دەپ قارايدىغان روھنى قوبۇل قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ
قويغان.بىراق بۇ روھ ھەقىقى ئىلىم ئەمەس! بەلكى ئۇ ئاشۇ ئىلىم بىلەن ئارلاشقان ئىدىيۋى خاھىش ۋە بۇزۇق خىيال
ئىدى.
بۇلارنىڭ ھەممىسى توغرا!....بىراق بۇ دىگەنلىك بىز دوختۇرلۇق،ئىنژىنىرلىق،ماتىماتكا ۋە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ھەر
تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگەنمىسەكمۇ بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس! شۇنداقلا بىز ئاشۇ بىلىملەرنى ھاياتىمىزدىن چۆرۈپ
تاشلىۋەتسەكمۇ، بىزنىڭ ھاياتىمىز ئوخشاشلا ساغلام بولىۋىرىدۇ دىگەنلىك ئەمەس!...مەسىلەن بۇ بىلىملەر تىرىكلەر
ئۈچۈن ھەقىقەتەن زۆرۈر.ئەگەر بىز قانداقتۇر بىر باھانە-سەۋەپ بىلەن بۇ بىلىملەرنى ئۆگەنمىسەك بىز مەۋجۇتلىقىمىزدا
مۇكەممەل بولالمايمىز.شۇنداقلا زىمىندا خەلىپە بۇلۇش،يەر شارىغا ئاللاھنىڭ دىنىنى ھۆكۈمران قىلىش،زىمىننى
گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ بىزنى يارىتىشتىكى مەقسىتىنى ئورۇنداشتىن ئاجىز كەلگەن
بولىمىز.دەل شۇ سەۋەپتىن ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بارلىق ئىسىملارنى ئۆگەتتى.ئادەم بالىلىرىغا قۇلاق،كۆز
ۋە يۈرەكلەرنى ياراتتى.
«ﷲ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىددىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، اﷲ سىلەرگە
شۈكۈر قىلسۇن دەپ، قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى» سۈرە نەھىل 78-ئايەت.
3.بۇ ئۇممەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا يىتەكلەش.
«شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە(يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار
ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق.»
سۈرە بەقەرە 143-ئايەتنىڭ بىرقىسىمى.
بۇگۈن يەر شارىدا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىۋاتقان ئىسلام ھەرىكىتى ئازغۇن ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا يىتەكلەش ۋەزىپىسىنى
ئۈستىگە ئالغان.ئەجىبا ئۇ،ئۇمۇمەن ھاياتتا،خۇسۇسەن بۇگۈنكى ھاياتتا مۇھىم تەرەپلەردىن بىر تەرەپتە نادان تۇرۇپ
ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا يىتەكلىيەلەمدۇ؟ ياكى ئۇ ھازىرقى زامان جاھىلىيەت مائارىپىدىن خەۋەردار بۇلۇپ،ئۇنىڭ
پىرىنسىپلىرىنى نادانلىق يولى بىلەن ئەمەس،بەلكى ئىلىم يولى ئارقىلىق تۈزىتىش كېرەكمۇ؟
ۋەھالەنكى نادانلىق ھىچ نەرسىنى قەتئىي توغرا يولغا باشلىيالمايدۇ!
مەن ئۆزەمنىڭ شەخسى تەجىربەم ھەققىدە سۆزلەيمەن:
مېنىڭ ئالى مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدىكى،فىرۇئىد ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىم،مىنى ھازىرقى زامان
ياۋرۇپا ھاياتىدىكى بۇزۇقچىلىق ۋە غەرىپ ئىدىيىسىدىكى ئېغىپ كىتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى بىلىشكە يۈزلەندۈرگەن،
ھەمدە تەربىيە ساھەسىدە،پىسخىلوگىيە ئىلىمىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ساھەلەردە توغرا ئىسلامى پىرىنسىپنى تۇنىۋىلىشىمنى
تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئاچقۇچ بولغان ئىدى.
مەن پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ بۇيرىغاندەك : «جىمى ھەمدۇ سانا بىزلەرنى بۇ (نېمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن
ﷲ غا بولسۇنكى، ﷲ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق» دەيمەن.
(سۈرە ئەئراف 43-ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
4.مەن يەنە بىر تەرەپتىن شۇنداق دەيمەن: ئەگەر مەن غەرىپ بىلىملىرىگە خەۋەردار بۇلۇشتىن قەلبىم ۋە ئىدىيەمنى
چىڭ تاقىۋالغان بولسام،مەن ئۇنىڭدىكى «چاتاق» تەرەپلەرنى قەيەردىن بىلىمەن؟ توغرا يول بىلەن تەپەككۇر قىلىپ
ئىزدىنىشكە قەيەردىن كىرىشىمەن؟!
ياق! بۇنداق «ئىستىل»دىن پەقەت مۇشۇ دىننىڭ دۈشمەنلىرىدىن باشقا ھىچكىم پايدا ئالالمايدۇ!
مەنبە: مۇھەممەد قۇتۇپنىڭ «ئىسلام ئويغىنىش ھەركىتى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.