ئۇتۇق بىروۋنىڭ خەير – ساخاۋىتى ئەمەس، ئۇ ئاسماندىن چۈشمەيدۇ ۋە ياكى مەڭگۈ رېئاللىققا ئايلىنالمايدىغان شېرىن چۈشمۇ ئەمەس. ئۇتۇق ھەممىلا ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان، تىرىشچان ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتالايدىغان كىشىلەر قولغا كەلتۈرەلەيدىغان نەتىجە. بۈگۈنكى كەسكىن رىقابەت ۋە تېز سۈرئەتتىكى يېڭىلىنىش ھەر بىرىمىزنىڭ ئۇتۇققا بولغان تەلپۈنۈشىمىزنى قانچە كۈچەيتسە، بىزدىن يەنە شۇنچە كۆپ تىرىشچانلىقنى، جاپاغا چىداپ، قەيسىرانە ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، نېمىشقا بەزىلەر بىر ئۆمۈر ياشاپمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ:
1. ئۆزىگە بولغان تونۇشنىڭ چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق بولماسلىقى. ھەر بىرىمىز ئەسلىدىنلا يېڭى ھاياتلىق، يېڭى مۆجىزە. ھەر بىر ھاياتلىق ئۆزىگە خاس تەبىئىي ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ. ھەربىرىمىزنىڭ مەلۇم ساھەدە تەبىئىي تالانتىمىز بار، ئۇنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ئۈنۈملۈك تەربىيە قىلىش ئۇتۇق قازىنىشىمىزنىڭ خېمىرتۇرۇچىدۇر. شۇڭا، ئىقتىدارىمىزنىڭ نېمىگە باپلىقىنى بايقىشىمىز ھەم شۇنىڭغا قاراپ مۇقىم نىشان بېكىتىپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.
2. ئېنىق نىشان بەلگىلەشكە سەل قاراش. نىشان ماياك، كومپاس. ئۇتۇق قازىنىشتا ئېنىق بىر نىشاننىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ھاياتلىقتا ئېنىق نىشانىمىز بولمىغاچقا، ھامان كىملەرنىڭدۇر قولىغا قاراپ ياشاشقا مەجبۇر بولىمىز.
3. قانائەت تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىپ، ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلىشى. ھەممىمىز ئوقۇپ، ھۈنەر – كەسىپ ئىگىلەپ، بالىلىقتىكى چۈشلىرىمىزدەك ئالىم، سىياسىيون، دۇنياۋى چولپان، خەلق ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچى، ماھىر تەنھەرىكەتچى، ھېچبولمىغاندا ئۆزىمىز قىزىققان كەسىپنىڭ نېنىنى بىر ئۆمۈر يېيەلەيدىغان ھەم شۇ ساھەدە مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ بىرسىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تۇرمۇشتىكى ئەگرى – توقايلىقلار ياكى جان باققۇدەك خىزمەت ياكى ئىش ئورنىغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى زىيادە قانائەت تۇيغۇسى شۇ ئارزۇلىرىمىز ۋە نىشانلىرىمىزنى ئۆز جايىدىلا خىيال پېتى قالدۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قورساق تويغانغا، كۈنىمىز ئۆتۈۋاتقانغا شۈكرى – قانائەت قىلىپ ياشاشقا باشلايمىز – دە، مەغلۇبىيەتچىلەردىن پەرقىمىز قالمايدۇ. بۇ تالاي ئارزۇلىرىمىزنىڭ بىخ ھالىتىدىلا نابۇت بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.
4. ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنالماسلىق. دەۋر كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، بىزدىن ئۆزىمىزنى يېڭىلاشنى، ئۇنىڭغا ماسلىشالايدىغان ئىقتىدار ۋە ئىشەنچ ھازىرلاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق، خېلى كۆپلىرىمىز زامان تەلەپلىرىگە ماس ھەرىكەت قىلماي قەدىرئەھۋال ياشاۋاتىمەنغۇ، دەپ يەنىمۇ پاراۋان ياشاشقا سەل قارايمىز.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇتۇق ئۆزلۈكىدىن بارلىققا كەلمەيدۇ. ھەر بىر ئۇتۇق شۇ ئۇتۇق قازانغۇچىنى يېڭىدىن بىر ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ. بىز ئارزۇلارغا باي، ئارمانلىرىمىز تولا. ئەمما، ‹‹ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان ›› بولماسلىق، دەرمان بولۇشقا سەۋەب قىلماسلىق بىزنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىمىزدىكى كىشەن. دېمەككى، ئۇتۇق ئۆزلۈكىدىن بارلىققا كەلمەيدۇ. ھەممىمىز ئېنىق نىشان بېكىتىپ، كۆزلىگەن نىشانىمىزغا قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرىلىسەك، ھامان بىر كۈنى نىشانغا يېتىپ ئۇتۇق قازىنالايمىز.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى