ئەستايىدىل خىزمەت قىلغان چاغ جىددىي مەسىلە توغرىسىدا ئىزدىنىش ، خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەش ، كەسكىن قارار چىقىرىش .. ، ئەرلەر بۇنداق چاغدا ئاياللارغا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىدۇ . ئاياللار بۇنداق تېرىشچان ئەرلەرنى كۆرگەندە ئىختىيارىسىز كۆيۈنگۈسى ، مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغۇسى كېلىدۇ .
چېنىقىپ پىشانىسىدىن تەر تامچىلىغان چاغ ئەرلەر چېنىققاندا ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ ، بۇنداق ھاياتىي كۈچ ئاياللارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ ، بولۇپمۇ ئەرلەر پىشانىسىدىكى تەر تامچىلىرى نۇرغۇن ئايالنى ئاشىق تەشنا قىلىدۇ .
ئىجتىھات بىلەن ئائىلە ئىشىنى قىلىش ئائىلە ئىشى ئاياللارغىلا خاس ئەمەس ، قارىماققا قوپال كۆرۈنىدىغان ئەرلەرنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىشى ئاياللارغا ئىللىق تۇيغۇ بېرىدۇ .
ئانچە - مۇنچە بالىلىق قىلىش ناگان - ناگاندا بالىلاردەك تەتۈرلۈك قىلىپ ، ئەركىلەپ قڭيۇش ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپ كۈيۈنۈش ، مۇھەببەتكە ئېرىشىشنىڭ ئىپادىسى ، شۇڭا بۇنداق چاغدىكى ئەرلەر ئاياللارنىڭ كۈيۈنىشىگە ئېرىشەلەيدۇ .
- شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
[ بۇ يازمىنىكوكتالالىق 2011-08-17 17:11قايتا تەھرىرل ]