باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 677 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەسىلە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرى
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 21:48

مەسىلە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرى

1.باشقىلارنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىڭىزمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەڭ ،نۇرغۇن ئىشلاردا كۆڭلىڭىزدە سان بولسىلا بولدى ، ھەممىنى دەۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق .
2.خۇشال بولغان ۋاقتىڭىزدا ئېچىلىپ كۈلۈڭ ، خۇشاللىقىڭىزدىن كۆپچىلىكمۇ ئورتاق بەھىرلەنسۇن ،ئازاپلانغان ۋاقتىڭىزدا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىڭ .
3.پىرىنسىپقا خىلاپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇڭ ، ياردەم بېرەلىگۈدەك ئىمكانىيەت بولسىلا ياردەم قىلىڭ ، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماڭ .بەلكى كېيىنكى چىقىش يولى قالدۇرۇڭ .
4.خۇشاللىق ئەڭ مۇھىم ،سىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدىغان كىشىلەر نەرسىلەر ۋە ئىشلار بىلەن بىللە يۈرۈڭ ، سىزنى خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلىدىغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇڭ .
5.دائىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى شىكايەت قىلىپ ئاجىزلىقىڭىزنى ئاشكارىلىماڭ .
6. دۇنيادا ئەزەلدىن مۇكەممەل نەرسە يوق ، مۇكەممەل ئادەممۇ بولغان ئەمەس ، مۇھىمى ئۆزىڭىزنىڭ نىمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىز كۆڭلىڭىزگە ئايان بولسۇن ،ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىڭىزگە ئېرىشسىڭىز چوقۇم يەنە بىر نەرسىڭىزدىن مەھرۇم قېلىشىڭىز مۇمكىن ،ئەگەر ھەممە نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئېنىقكى ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قالىسىز .
7.مەن دوستۇم ئېيتقان مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ياخشى كۆرىمەن :«بەزىدە ئۇنتۇشقا ماھىر بولۇش ياخشى ئىش   ».
8.ئىككى ئادەم بىرلا ۋاقىتتا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە مەردانىلىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ خاتالىقنى تونۇغاننى كەڭ قورساقلىق دەيمىز ،خاتالىقنى يوشۇرغان ئادەم بۇ خاتالىققا قەرز بولۇپ ھامىنى بۇ قەرزنى قايتۇرىدۇ .
9.ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان ئادەمنى كۆرگەندە ئىللىق كۈلۈمسىرەڭ ، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئادەمگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ، چۈنكى ياقتۇرىدىغان ئادەمگە بولغان ئىللىق كۈلۈمسىرەش توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان ئىش .
10.كىرپە تەبىئەتلىك ئادەم بولماڭ ، مۇمكىنقەدەر باشقىلارغا ئاداۋەت تۇتماڭ ،بەزى ئىشلارنى ئەستە چىڭ ساقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق .
11.مۇرەسسە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش بىلەن بىرگە ئۆزىڭىزنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇڭ .
12.ئۆگىنىشنى توختاتماڭ ،مەيلى تىل ئۆگىنىش بولسۇن ،تاماق ئېتىش سەنئىتى بولسۇن ۋەياكى باشقا تېخنىكىلىق ماھارەتلەر بولسۇن ئۆگىنىشنى توختاتماڭ .
13.پۇل ناھايىتى مۇھىم ، بىراق ئىقتىسادتا ئەر كىشىگە ياكى ئاتا – ئانىغىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ ،چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ پۇل تېپىش ئىقتىدارىڭىزنى ساقلاڭ .
17.قانداق تاللىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ھەرگىز پۇشايمان قىلماڭ ، چۈنكى پۇشايمانغا قاچا يوق .
18.كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلىشنى بىلىڭ ، ھاياجانلانغاندا چېكىدىن ئاشقان سۆزلەرنى قىلىپ سالماڭ .
19.باشقىلارغا ئالدىراپ ۋەدە بەرمەڭ ،ئەمەل قىلالمىغان ۋەدە قىلمىغان ۋەدىدىن ئېچىنىشلىق .
20.چۈشىنىش بولمىسىمۇ مۇھەببەت بولىدۇ دەپ قارىماڭ ،چۈشىنىشمىگەن ئەھۋالدا بىز پەقەت بىر – بىرىمىزنى ياقتۇرىمىز ،بىراق بۇ خىل ھېسىيات مۇھەببەت دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكىنى يوق ،بىر – بىرىمىزنىڭ يىتەرسىزلىكلىرى ئاشكارىلانغان ۋاقىتتا بىزنىڭ ياقتۇرۇپ قېلىشلىرىمىزمۇ ئاخىرلىشىشى مۇمكىن .
21.سۆز قىلغاندا ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن تۈزلا سۆز قىلساق بولىۋېرىدۇ ، قانداقلا بولمىسۇن بۇ يالغان سۆز ساختا قىياپەتتىن ياخشىراق .
22.ئۆزىڭىزگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ ،كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەس ۋاقىتتا ھېچنىمىنى ئويلىماڭ ،ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى يەڭ ،بىراق ھاراق ئىچمەڭ .