باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 791 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سالام خەت
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1443
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1443دانە
ئۆسۈش: 7020 %
مۇنبەر پۇلى: 19399 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 16:11

سالام خەت


سالام خەت
                                                                 (ھېكايە)
                                             يۇرا لىشىت (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)
31 – دېكابىر، ۋېلادىمىر پافكوۋ ئىشخانىسىدا ھۆججەت كۆرۈۋاتاتتى. تېلېفون ھەر بىر جىرىڭلىسا دەرھال تۇرۇپكىنى ئېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ سورىغانلىرىغا قىسقا، ئەستايىدىل جاۋاب قايتۇرغاچ، ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى.
ئىشىك يېنىك چېكىلىپ، كاتىپ رودېچكا ئىشخانىغا كىردى - دە:
ـــــ كەچۈرۈڭ، دىققىتىڭىزنى بۆلىدىغان بولدۇم. بىر پارچە خېتىڭىز بار ئىدى، - دېگىنىچە خەتنى ئۈستەلگە قويۇپ چىقىپ كەتتى. پافكوۋ كونۋېرتنى ئېچىپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى.

‹‹قەدىرلىك ئانا:
شۇ تاپتا ساڭا خەت يازماقتىمەن، خېلى بولدى ساڭا خەت يازالمىدىم. چۈنكى كاماندىروپكىغا چىقتىم، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم، دەم ئېلىشىمنى ئېلىپ ساياھەتكە باردىم...››
ـــــ بۇ قانداق گەپتۇ، - پافكوۋ ھەيرانلىقتا كونۋېرتقا تەپسىلىي قارىدى. كونۋېرتقا ئۇنىڭ ئادرېسى، ئىسمى توغرا، ئېنىق يېزىلغانىدى.
پافكوۋ ھەر قانچە ئويلىنىپمۇ بۇنىڭ تېگىگە يېتەلمىدى - دە، خەتنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى:
‹‹ھازىر بۇ يەردە ساپ ھاۋالىق كۈز، ئىللىق باھار، زىمىستان قىش بولۇۋاتىدۇ. تەن سالامەتلىكىممۇ ياخشى، ناھايىتى ياخشى، ئانچە ياخشى ئەمەس، ناچار.
يېقىندا مەن تىياتىرخانىغا باردىم، كىنو كۆردۈم، مۇزېينى ئارىلىدىم، قاۋاقخانىغا باردىم. يېنىڭدا پۇل يوقلۇقىنى بىلىپ، 5، 10، 15، 20، 30 رۇبلى ئەۋەتتىم. مەن ھازىر ئىنژېنېر، زاۋۇت باشلىقى، ئىدارە باشلىقى بولدۇم. كېلىنىڭ كاتىيەدىن ساڭا سالام.
ئوغلۇڭ پافكادىن.››

‹‹سۆيۈملۈك ئوغلۇم:

خېتىڭگە نەقەدەر ئىنتىزارمەن – ھە! بىراق سەن بەك ئالدىراش، ماڭا خەت يېزىشقا چولاڭ يوقتۇر؟ شۇڭا ساڭا ۋاكالىتەن بىر پارچە خەت يازدىم. خەتتىكى ئۆزۈڭگە ماس كەلمەيدىغان يەرلەرنى سىزىۋېتىپ، قالغىنىنى ماڭا ئەۋەتىپ بەر. ماڭا شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە.
سېنى سۆيۈپ ئاناڭ.››
پافكوۋ خەتنى ئوقۇپ بولۇپ ئېغىر ئۇھسىندى. ‹‹ئانا، سەن نەقەدەر ئۇلۇغ – ھە، خەتنىڭ بالدۇر ئەمەس، كېيىن ئەمەس، دەل 31 – دېكابىر قولۇمغا تەگكىنىنى دېمەمسەن، بۈگۈنكى ئىشلىرىم چېچىمدىنمۇ تولا ئىدى›› دەپ پىچىرلىدى ئۆز – ئۆزىگە.
ئۇ يەنە بىر قېتىم ئۇھسىندى – دە، ھۆججەتلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، خەتتىكى ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدىغان جايلىرىنى سىزىشقا باشلىدى.
ئابدۇللا روزىمۇھەممەد تەرجىمىسى

ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8525
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 148
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1555 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-09
ئاخىرقى: 2011-12-03

ياخشې يېزېپسز
ئەپسۇس، دۇنيا كۆز يىشىغا ئىشەنمەيدۇ~~!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5023
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 235
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
ئۆسۈش: 620 %
مۇنبەر پۇلى: 2780 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2011-12-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 22:32

ئانا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىنسان ھە... بۇ ئانا ئوغلىنىڭ ۋاقتىنى ئىلىشنى خالىماي تاپقان ئامالىنى...بۇنداق ئىشنى پەقەت ئانىلارلا قىلالايدۇ...ئەپسۇس بىز ئانىمىزغا قانچىلىك ۋاقت ئاجرىتالىدۇق..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
ئۆسۈش: 952 %
مۇنبەر پۇلى: 970 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2011-12-04
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-17 12:56

ھەقىيقەتەن ئىسىل تەرجىمە ئەسەر ئىكەن ،بولسا بۇنداق تەرجىمە ئەسەرلەر كۈپلەپ يۇلىنىپ تورسا.