باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1175 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دىن بىلەن ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتى
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1443
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1443دانە
ئۆسۈش: 7020 %
مۇنبەر پۇلى: 19399 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 15:30

دىن بىلەن ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتى






يازغۇچى -دوكتۇر تاھا ئابدۇرراھمان
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : زىياگۇل لوقمان يۇمران (Ziluryum)

تەرجىماندىن ئىلاۋە : دوكتۇر تاھا ئابدۇرراھمان چاغداش ئەرەب مۇسۇلمان پەيلاسوپلىرى ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەرەب غەربىي دىيارىنىڭ ( بەزى شىمالى ئافرىقا ئەرەب دۆلەتلىرى، ئالجىرىيە، تۇنىس، تۇماراكەش دۆلەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ ) پەيلاسوپلارنىڭ بىرى. يەنە بىر كۆزگە كۆرۈنگەن پەيلاسوپ پرافىسسور ئەبۇ يەئرۇب ئەلمەرزۇقى ئىسلام ئەقلانىيچىلىكىنى ئاساس قىلىپ، بۇرۇنقى مۇسۇلمان پەيلاسوپلارنىڭ خاتالىرىنى رەت قىلىپ، ئىسلام روھىغا بويسۇنغان ئەقلىيچىلىكنى ئاساس قىلغان چاغداش ئىسلام پەلسەپىسىدە يول باشلاپ ماڭغان بولسا، تاھا ئابدۇرراھمان پەلسەپە بىلەن تەسەۋۋۇپنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇنداقلا تەسەۋۋۇپنى ئۇنىڭغا چاپلاشقان “شالتاقلىرى” يەنى تەسەۋۋۇپتىكى سەلبىيلىك، تەسلىمچىلىك، پىكىرچىلىكنى ئەمەلدىن ئۈستۈن كۆرۈش، بىدئەتچىلىك، خۇراپاتلىق ۋە ئازغۇنلۇقتىن ئايرىپ، پەلسەپە ئاساسىسدا تەسەۋۋۇپنى ئەقلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتقان ئاز ئۇچرايدىغان پەيلاسوپلارنىڭ بىرى . ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە يەنە پەلسەپىدىكى تىل ۋە ئەخلاق مەسىلىلىرى بەلگىلىك ئورۇن تۇتقان.  ئۇ 1970 . يىلىدىن بېرى ماراكەش رابات مۇھەممەد بەشىنچى ئۈنىۋېرىسىتىدە پەلسەپە دەرس ئۆتۈپ 2005 . يىلى پىنسىيەگە چىققان.  1972. يىلى فرانسىيە سوربۇن ئۈنىۋېرىسىتىگە ئوقۇشقا بېرىپ ئۈنۋان ئالغان.  2006 . يىلى ئىيسىسكو ئىسلام ئىدىيەسە ۋە پەلسەپىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  ئەرەب ۋە فرانسوز تىللىرىدا يازغان 15 كە يېقىن ئەسىرى بار .
بۇ ئىككى كىشى ئىسلام ئەنئەنىسى ۋە مىراسلىرىنى پەلسەپە بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ بىر – بىرىنى زىت كۆرسىتىدىغان ۋە ياكى قوبۇل قىلغان پەلسەپە ئىلىملىرىگە شۇنداقلا تەسلىم بولۇپ ئىسلام ئىلاھىي ھىكمەت تەلىماتلارنى ئىنسانلارنىڭ پەلسەپىسىگە بويسۇندۇرۇپ شەرھىلەيدىغان بۇرۇنقى مۇسۇلمان پەيلاسوپلار تۇتقان يولدىن باشقىچە يول تۇتقانلاردۇر .
دوكتۇر تاھا پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانغۇچى ۋە شۇ ساھەدە يازغانلىقى ئۈچۈن بۇ يازمىسى ھەجمى كىچىك بولسىمۇ پەلسەپىيۋىلىكى كۈچلۈك، ئىبارىلىرى ئىخچام، قۇرۇلمىسى پۇختا بىر ماقالىدۇ. تەرجىمە جەريانىدا بەزى سۆز ئىبارىلەرنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۆزلەشتۈرۈپ ئېلىشقا تىرىشتىم.
ئاللاھ خالىسا دوكتۇر تاھانىڭ يەنە بىر ماقالىسى “ئىسلام روھىي تەربىيىسى ۋە ھازىرقى زامان ئىلىم – پەن دۇچ كەلگەن كىرزىسلار ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ” ناملىق ماقالىسى بىلەن يۈز كۆرەشكەيمىز .


دىن بىلەن ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق چۈشىنىمىز ؟
بىزدىن باشقىلار دىن بىلەن ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئۇزۇندىن بېرى ئىزدىنىپ، بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ئۆزلىرىگە يېڭى تارىخ بەرپا قىلىشتا مۇھىم بىر ئاساس بولۇپ قالدى . ئۇلار بۇ تارىخىغا ھەرخىل گۈزەل نام – سۈپەتلەرنى بېرىپ زىننەتلەپ كەلدى . بىزچۇ ؟ بىزمۇ شۇنداق قىلالىدۇقمۇ ؟ ئۇلاردەك نەتىجىگە ئېرىشەلىدۇقمۇ؟ بىز ئەگەر بۇ توغرىسىدا ئۇلار ئىزدىگەندەك ئىزدەنسەك، ئۇلار تەپەككۇر قىلغاندەك تەپەككۇر قىلساق، ئەلۋەتتە ھەئە دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتۇق . ئەمەلىيەتتە بولسا بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز ئىجادىيەتتىن خالى بولۇپ، يېڭىلىق يوق، پەقەت باشقىلارنىڭ دېگىنىنى تەكرارلايدىغان بولۇپ قالدۇق .
بىز دوراپ، دېگەنلىرىنى تەكرارلىغانلار دىن بىلەن ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇنداق ئۈچ گورۇپپىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن .
1 – دىن بىلەن ئىلىم ئۆز ئارا. بىر -بىرىگە زىت (contradiction).
بۇ گۇرۇپپىدىكىلەر دىن بىلەن ئىلىمنى بىر -بىرىگە زىت، قارمۇ – قارشى ، زىت (1) بولغانلىقى ئۈچۈن زادى بىرىنى تاللاپ بىرىنى تاشلاش كېرەك دەپ قارىدى. ھەتتا ئىلىمنى دىنغا جەڭ ئېلان قىلغۇزدى ۋە بۇ جەڭنىڭ نەتىجىسى پەقەت ئىلىمنىڭ دىن ئۈستىدىن غەلبە قىلىشى بولۇش كېرەك دەپ قارىدى، ئاخىرىدا ئىلىمنى غەلىبە قىلغان دەپ ئېلان قىلشتى .
بىزدىنمۇ بىر قىسىملار بۇ خىل كۆز قاراشنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشتى. ئۇلارنىڭ دەلىل – ئىسپاتى ئاشۇ باشقىلارنىڭ تەرەققىي قلىپ بىزنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىمىز ئىدى . ئۇنداق بولغان ئىكەن شۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭساق تەرەققي قىلىمىز دەپ قارىدى. بۇلار بىلمەيدۇكى، باشقىلارنىڭ ئىلىم بىلەن دىننى زىت دەپ قاراشقا سەۋەب بولغان مۇشكىلاتلارنىڭ بىزدە يوق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ دىنى بىلەن بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىشمەيدۇ.
ئۇلار بۇ نۇقساننى بىزگە تېڭىشقا ھەرقانچە ئۇرۇنسىمۇ بۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ .
2 – دىن بىلەن ئىلىم زىت ئەمەس، ئەمما ئىككىسى ئايرىم ئايرىم نەرسە (Separation).
بۇلار ئالدىنقىلاردەك دىن بىلەن ئىلىمنى زىت ، بىرى بار يەردە بىرى تۇرمايدۇ دەپ قارىمىسىمۇ، ئىككىسى ئايرىم نەرسە؛ ئىككىسىنىڭ ئوبىكتى باشقا باشقا ؛ ئىلىم ئىشلىگەن يەردە دىن ئىشلىمەيدۇ، دىن ئىشلىگەن يەردە ئىلىم ئىشلىمەيدۇ (2) دەپ قاراشتى. بۇلارنىڭ قارىشىچە ئىلىمنىڭ ئوبىكتى بىلىش ۋە ھەقىقەت بولسا دىننىڭ ئوبىكتى ھېس – تۇيغۇ ئىدى. بىلىش ۋە ھەقىقەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھىسيات ۋە تۇيغۇغا ماس كەلمەيدۇ . ھېس – تۇيغۇرنىڭ قانۇنىيەتلىرىمۇ بىلىش ۋە ھەقىقەتكە ماس كەلمەيدۇ . شۇنداق بولغان ئىكەن ئىلىممۇ دىننى يىقىتالمايدۇ، دىنمۇ ئىلىمنى يىقىتىشقا كۈچى يەتمەيدۇ .
بىزدىنمۇ يەنە بىر قىسىملار بۇ كۆز قاراشقا يېپىشتى . ئۇلارنىڭ دەلىلى بولسا ئىلىم ئەقلىي يەكۈنگە تايانسا، دىن قەلبنىڭ قايىل بولىشىغا قۇرۇلاتتى . بىزنىڭمۇ باشقىلاردەك تەرەققىي قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەقىلنى شۇلارنىڭ شەرتلىرىگە بويسۇندۇرۇشىمىز كېرەك ئىدى. بىزدىن بۇرۇنقىلاردىن ئۇلارنىڭ بۇ گېپىگە ئوخشاشراق گەپ چىقىپ قالسا پەخىرلىنىپ كېتىشتى ھەم ئۇلارغا ئەگىشىشنى تەۋسىيە قىلىشتى ( مەسىلەن : ئبنى رۇشد ئىلىم ئالىملارغا ماس كېلىدىغان ئەقلى ئىسپاتقا (بۇرھان) تايىنىدۇ، دىن بولسا ئاۋاملارغا ماس كېلىدىغان ئىشىنىشكە تايىنىدۇ دەپ قاراپ ئىلىم بىلەن دىننى ئايرىۋەتكەن ) . بۇلار بىلمەيدۇكى ئىسپاتنىڭ (ئەقىل) ئۆزى ئىشىنىشتىن (قەلب) ئايرىلالمايدۇ . ئىشىنىشمۇ (قەلب) ئىسپاتسىز (ئەقىل) بولالمايدۇ .
3 – دىن بىلەن ئىلىم زىتمۇ ئەمەس، بىر بىرى بىلەن ماسلىشالمايدۇ (Incompatibility) ..
دىن ۋە ئىلىم ھەر ئىككىسى مەلۇم ئوبىكتىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چۈشەندۈرىدۇ . ئەمما بىر – بىرىگە ماسلاشمايدۇ. مەسىلەن ئىلىمدىكى ئىشىنىش بىلەن دىندىكى ئىشىنىش، ئىلىمدىكى بىلىش بىلەن دىندىكى بىلىش ئوخشاشمايدۇ . بۇنداق بولغاندا ئىلىم بىلەن دىن ھاياتلىقنىڭ ئىككى خىل شەكلى ھېسابلىنىدۇ ياكى بىر بىرىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئىككى “دۇنيا” دەپ قارىلىدۇ. بۇنداق بولغان ئىكەن ، دىننى ئىلىمنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ دەپ رەت قىلىشنىڭ ئورنى يوق ۋە ياكى دىنغا ئىلىمنى زورلاپ تېڭىپ ئۇنى كۈچلۈك قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ ئورنى يوق (3).
بىزدىن يەنە بۇ خىل قاراشنى ياقلايدىغان بىر قىسىملار مەيدانغا كەلدى . ئۇلارنىڭ قارىشىچە دىن شەيئىلەرنى ئابىستراكىت ئىشارەت ۋە مەجاز بىلەن ئىپادىلىسە، ئىلىم ھەقىقەت ۋە كونكرېتلىق بىلەن ئىپادىلەيتتى . خۇددى شېئىرنىڭ تىلى بىلەن مەنتىقىنىڭ تىلى پەرقلەنگەندەك پەرقلىنەتتى.
مانا بۇ باشقىلارنىڭ ئىزدىنىشى ۋە تەپەككۇرى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئۈچ خىل قاراش . دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بىزدىن بەزىلەر بۇنى قارىغۇلارچە قوبۇل قىلىشتى. ھالبۇكى بىرىنچى قاراشتا زىتلىق سەۋەبىدىن دىننى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنسا، ئىككىنچى قاراشتا ئىلىمنى دىندىن ئۈستۈن قويۇۋالدى ، ئۈچىنچى قاراشتا بولسا ئىلىمنى دىن بىلەن تەڭ دەرىجە قىلىپ قويدى .
بۇ دورامچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى قانداق ؟
بىزگە نىسبەتەن يۇقىردىكى قاراشلار، دىنىمىز بىلەن ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بايان قىلىپ بەرمەستىن بەلكى تېخىمۇ چىگىش قىلىۋېتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ مۇناسىۋەتنى بۇرۇنقى ئەجداتلىرىمىز چۈشەنگەن توغرا شەكلىدە چۈشىنەلمەي قالدۇق. بۇ توغرا يولغا كىرىش ئۈچۈن بىز ئاۋۋال يۇقارقى دورامچىلىقنى چۆرۈپ تاشلاپ ، باشقىلاردىن بىزگە سىڭىپ كىرگەن تۆۋەندىكى ئىككى خىل تەسەۋۋۇرنى رەت قىلىشىمىز كېرەك .
بىرىنچى خىل تەسەۋۋۇر، ئىلىم دېيىلسە تەبىئىي پەننىلا كۆزدە تۇتۇش .
دەيمىزكى، ئىلىمنى پەقەت تەبىئىي پەنگىلا خاس قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ . سەۋەبى تۆۋەندىكى ئىككى پرىنسىپقا ئالاقىدار :
1 . ئەقىل كۆپ مەرتىۋىلىك بولىدۇ  (ranks of reason)
بۇنىڭ بايانى شۇكى، ئىلىم جاۋابىنى بېرىدىغىنى دەل: “ئەقلىم بىلەن نېمىنى چۈشىنىمەن؟ دېگەن سوئال بولۇپ، نەتىجىدە ئىلىمدىكى ئاساس ساغلام ئەقىلدىن ئىبارەت بولىدۇ(4). بىراق ساغلام ئەقىلمۇ-ئادەتتە كەڭ تارقالغاندەك -بىر مەرتىۋىدە بولماستىن، ھەقىقەتتە نەچچە مەرتىۋىدە بولىدۇ. بۇ ئەقلى مەرتىۋىلەرنىڭ قايسىسى تېپىلسا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىگە لايىق ئىلىم بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن قاچانكى ئىلىم چېتىلغان ئاشۇ ئەقىلنىڭ مەرتىۋىسى تەبىئىي پەنلەر چېتىلغان ئەقىلنىڭ مەرتىۋىسىدىن يۇقىرى بولۇپ قالسا، بۇ ئىلىم تەبىئىي پەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىمدىن ئۈستۈن بولىدۇ. ئوخشاشلا ئىلىم چېتىلغان ئاشۇ ئەقىلنىڭ مەرتىۋىسى تەبىئىي پەنلەر چېتىلغان ئەقىلنىڭ مەرتىۋىسىدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، بۇ ئىلىم تەبىئىي پەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىمدىن تۆۋەن بولىدۇ. دېمەك ئىلىم دېگەن تەبىئىي پەنلەر بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغان دەرىجىدە كەڭدۇر.
2 . ئىلىمنىڭ بىر – بىرىنى تولۇقلىشى
يەنى ھەر قانداق بىر ئىلىم تاكامۇللىشىشى ئۈچۈن ئۆزىدىن ئالىيراق بولغان بىر ئىلىمگە موھتاج بولىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق ئىلىمنىڭ چېكى، ئەيىبلىرى بولىدۇ. بۇ ئەيىبلەر ۋە چەكلەرنى پەقەت مەزكۇر ئىلىمدىن تېخىمۇ ئۈستۈن بولغان بىر ئىلىم بىلەن تولۇقلاش مۇمكىن. تەبىئىي پەن ئىلىملىرىنىڭ ئەيىپلىرىنى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئالىي بولغان بىر ئىلىم يېپىپ تۇرىدۇ .
ئىككىنچى خىل تەسەۋۋۇر دىننى پەقەت ئىمانغىلا خاس قىلىش .
دەيمىزكى دىننىمۇ پەقەت ئىمان ياكىي روھانىيلىققىلا خاس قىلىشقا بولمايدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك ئىككى پرىنسىپتۇر .
1 . پرىنسىپ ، ھايات بىرلا ساھە ئەمەس. بۇنىڭ بايانى شۇكى، دىن جاۋاب ئېلىپ كېلىدىغان ئەڭ ماھىيەتلىك سوئال : قانداق ياشايمەن؟ دىن ئىبارەت . دىن بۇنىڭغا سالىھ، توغرا يولدا ياشا دەپ جاۋاب بېرىدۇ (5). ئەمما بۇ سالىھ بولۇپ ياشاش بىرلا ساھەدە بولمايدۇ، بەلكى بىر قانچە ساھەنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەتتۇر . بۇ ساھەلەرنى تۆۋەندىكى ئۈچ چوڭ تۈرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن .
1. ئىمان ( بۇنىڭغا ئېتىقاد، ئىشىنىشكە دائىر بارلىق ئىشلار كىرىدۇ )
2 . ئىلىم (ياكى بىلىش، بارلىق بىلىم تۈرلىرى كىرىدۇ )
3. ئەمەل (بارلىق ئىش – ھەرىكەت)
دىن تەلەپ قىلىدىغان سالىھ بولۇپ ياشاش بۇ ئۈچىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ۋۇجۇتقا كېلىدۇ . يالغۇز ئىمان بىلەنلا، ياكى يالغۇز ئىلىم بىلەنلا ياكى يالغۇز ئەمەل بىلەنلا، ۋە ياكى بۇلاردىن ئىككىسى بىلەنلا ياشاش دىن تەلەپ قىلغان سالىھ بولۇپ ياشاشقا يەتكۈزەلمەيدۇ. بەلكى بۇ ئۈچىنىڭ بىرلىشىشىدىن كېلىدۇ. شۇڭا دەيمىزكى دىن يالغۇز ئىمان ياكى روھىيەت ياكى مېتافىزىكىلا ئەمەس .
2 . پرىنسىپ ، يۇقىرىقى ئۈچ خىل شەكىلنىڭ بىر – بىرىنى تەقەززا قىلىشى ۋە تولۇقلىشى
يۇقۇردىكى بۇ ئۈچ ساھەنىڭ ھەر بىرى ئۆزى يالغۇز ھاياتلىقنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ . بەلكى يەنە قالغان ئىككىسىنى تەقەززا قىلىپ تۇرىدۇ. بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ. بىر – بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ.
ئۇنداقتا دىن بىلەن ئىلىمنىڭ بىز چۈشىنىدىغان توغرا ئالاقىسى قايسى ؟
1 – يۇقىردا دېيىلگەن پرىنسىپ يەنى ئەقىلنىڭ كۆپ مەرتىۋىلىك پرىنسىپىغا ئاساسەن، بىز چۈشىنىدىغان ئىلىم باشقىلار چۈشەنگەن ئىلىم ئۇقۇمىدىن كەڭرى بولىدۇ. شۇنداقلا يەنە باشقا بىر پرىنسىپ يەنى ئىلىمنىڭ تاكامۇللىشىشى پرىنسىپىگە ئاساسەن ھەر بىر ئىلىم ئۆزىدىن ئالىيراق بولغان يەنە بىر ئىلىمگە موھتاج بولىدۇ. بۇ ئۇقۇم باشقىلار بىلگەن ئىلىم ئۇقۇمىغا ئوخشىمايدۇ.
2 – دىنمۇ يۇقىردا دېيىلگەن بىر پرىنسىپ يەنى ھاياتلىقنىڭ ئۈچ ساھەسى پرىنسىپى ۋە يەنە باشقا بىر پرىنسىپ ھاياتلىقنىڭ ئۈچ خىل ساھەسى بىر- بىرىنى تەقەززا قىلىش ۋە تولۇقلاش پرىنسىپىگە ئاساسەن باشقىلار چۈشەنگەن دىن ئۇقۇمىدىن كەڭرى بولىدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ باشقىلار بىلگەن دىن ئۇقۇمىدىن پەرقلىنىدۇ.
يۇقىرىقى دىن بىلىن ئىلىم ئۇقۇمىنىڭ كەڭرى بولغان ئىككى ئۇقۇمىغا ئاساسەن دەيمىز :
1 -بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزدە دىن بىلەن ئىلىم بىر – بىرىگە زىتمۇ ئەمەس، قارىمۇ قارىشىمۇ ئەمەس، ئالاھىدە پەرقلىقمۇ ئەمەس، بىر -بىرىنى يەكلەيدىغانمۇ ئەمەس. بەلكى بىرى بىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. يەنى ئىمان ۋە ئەمەل دىننىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولغاندەك ئىلىممۇ دىننىڭ بىر تەركىبى قىسمىدۇر.
2 – بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى ئىلىم دىن بىلەن چىقىشالايدۇ (دىن بىلەن ئىلىم زىت دېگەنلەرگە خىلاپ ھالدا )، ئەمما ئىلىم دىندىن مەرتىۋە جەھەتتى يۇقىرى بولمايدۇ (دىن بىلەن ئىلىم پەرقلىنىدۇ دېگەنلەرگە خىلاپ ھالدا ) ۋە يەنە شۇنداقلا دىن بىلەن تەڭ بىر مەرتىۋىدە كەلمەيدۇ ( دىن بىلەن ئىلىم توقۇنۇشىدۇ دېگەنلەرگە خىلاپ ھالدا ) ئەمما ئىلىم دىندىن بىر دەرىجە ئاستىدا تۇرىدۇ. ئەمما بىرى يەنە بىرىدىن ئەۋزەل بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇددى بىر پۈتۈن نەرسىنىڭ بىر پارچىسى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغاندەك، 3 تىن 1 تۆۋەن بولغاندەك .
3 – بىز دىننىڭ بىر تەركىبى دەپ قارىغان ئىلىم يالغۇز دىنىي ئىلىملەرنىلا كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى زاغرا تىلىمىزدا پەننىي بىلىملەر دەپ قارالغان ماتېماتىكا پەنلىرى، تەبىئىي پەنلەر، ئىجتىمائىيەت ۋە ئىنسانىيەت پەنلىرى، ھاياتلىق پەنلىرى ئىشقىلىپ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى يۇقىردا دېيىلگەن ئىككى پرىنسىپقا (ئەقىلنىڭ كۆپ مەرتىۋىسى ۋە ئىلىملەرنىڭ بىر بىرىنى تولۇقلىشى ) بويسۇنغان ھەر قانداق ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋە ياكى ئۇنى قوللىنىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىبادەت قىلىش ، دىن تەلەپ قىلغان سالىھ بولۇپ ياشاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىرىنچى پىرىنسىپتا ئىلىملەرنىڭ ئەقىلنىڭ كۆپ مەرتىۋىلىكىگە قاراپ ھەرخىل بولىدىغانلىقى ، ئۇنىڭ ئەڭ ئالىيسىنىڭ تەبىئەتتىن ھالقىغان ئىلىم ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىككىنچى پرىنسىپتا ھەر قانداق ئىلىمنىڭ ئۆزىدىن ئالىي بولغان يەنە بىر ئىلىمگە تۇتۇشقانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىدىكى كەمچىلىكنى تولۇقلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
4- باشقىلار چۈشەنگەننىڭ ئەكسىچە، ئىلىمنىڭ تەرەققىي قىلىپ بېرىشى دىننىڭ تەسىرىنى تارايتماستىن ئەكسىچە كەڭرىتىپ بارىدۇ. دىننى ئارىلاشتۇرماستىن ئۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ بارىدۇ. چۈنكى ئىلىمنى دىننىڭ بىر تەركىبى قىسمى دەپ قارىغانكەنمىز، ئىلىم تەرەققىي قىلغانسېرى بىزنىڭ بىلىش دائىرىمىزنى كەڭرىتىپ، چۈشەنچىمىزنى يارقىنلاشتۇرۇپ بارىدۇ. دىننى ئەڭ ياخشى شەكلىدە تەتبىقلاشقا ياردەم قىلىدۇ .
خۇلاسە كالام شۇكى : ئىسلامنىڭ قارىشىدا دىن بىلەن ئىلىمنىڭ ئالاقىسى: بۇ ئىككىسى بىر بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن، ئىلىم دىننىڭ تەركىبى قىسىمى بولغان ئالاقىدۇر. بىز دىننى ئىلىمدىن ئاۋۋال قويىمىز . بۇ دېگەنلىك بىرىنى بىرىدىن ئەۋزەل كۆرگەنلىك ئەمەس بەلكى پۈتۈنلۈكنى جۈزئىيلىكنىڭ، ئومۇمنى خاسنىڭ ئالدىغا قويغاندەك ئىشتۇر . كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ئىلىم بايقىغان كەشپىياتلار، ئوتتۇرغا قويغان ھەقىيقەتلەر بۇ دىننىڭ راستلىقىغا، ئەھكاملىرىنىڭ توغرىلىقىغا ئىسپات بولۇپ تۇرۇپتۇ. خۇددى نامازلىرىمىز پەرۋەردىگارىمىز بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى كۈچەيتىپ تۇرغاندەك كۈچەيتىپ تۇرۇپتۇ .

مەنبە-ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1097
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1097دانە
ئۆسۈش: 5220 %
مۇنبەر پۇلى: 14704 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-01-07

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بۇرادەر ،مۇشۇنداق ياخشى تىما بولسا يوللاپ تۇرۇڭ.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8525
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 148
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1555 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-09
ئاخىرقى: 2011-12-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 17:14

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بۇرادەر ،مۇشۇنداق ياخشى تىما بولسا يوللاپ تۇرۇڭ
تاھارەتسىز يۈرمەڭ!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8565
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 61
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە61دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 791 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-12
ئاخىرقى: 2011-12-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 18:34

بۇ يەردە يەنە مۇنداق بىر نۇقتا باردەك قىلامدۇ قانداق. يەنى ئىلىم  بىلەن پەننىڭ مۇناسىۋىتى. بىز  ئۇيغۇر تىلىدا ئادەتتە ئىلىم -پەن دەپ  بىرلەشتۇرۇپ ئالىمىز.لىكىن   ئەمەلىيەتتە ئىلىم بولسا  دىنى بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايىتى چوڭ ئۇقۇم . پەن بولسا يەككە ئۇقۇم بولۇپ مەسلەن ئىجتمائىي پەن، تەبىئىي پەن  دېگەندەك بۇلار ئايرىم ئايرىم  . ئەمەلىيەتتە نېمە بولسا بولسۇن ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئىنسانغا باغلىندۇ.  ھەمىمىسى شۇ ئىنسان ئۈچۈن   . قولۇم بىلەن بېشمنىڭ قانداق مۇناسىۋتى بولسۇن؟ ئۇنىڭ بىرى كەم بولسا مەن پۈتۈن ئادەم بولمايمەن. . بەلكىم تەرجىمان ئۇقۇشماستىن پەن بىلەن دىننىڭ.... دېگەنى ئىلىم بىلەن دىننىڭ دەپ تەرجىمە قىلىۋەتكەن بولشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق خاتالىق بىزنى گاڭگىرتىپ قويىدۇ. ماھىيەتتە بۇنداق ئۇقۇملار  مەدەنىيەت دېگەن يەنە بىر نەرسە بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بەزىدە مۇشۇ پەيلاسوپ دېگەنلەر ئۇنى بۇنى دەپ ئېزىپ كېتىىپ قالىدۇ. مېنڭچە ھازىرقى زاماندا بۇنداق سېلشتۇرما تەتقىقاتنىڭ ۋاقتى سەل ئۆتۈپ قالدى.. شۇنداقتىمۇ ئاپتۇر ناھايىتى ئەستايدىل ۋە ھۇشيارلىق بىلەن بىزگە توغرا يولنى قايتا كۆرستىپ بېرىپتۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!  

 ئېھ ئاللاھ بىزنى سەن توغرا يولغا باشلىغايسىەن.ئازغانلارنىڭ ۋە غەزىپڭگە يولۇققانلارنىڭ يولىغا ئەمەس سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن.

ئەڭ ياخشسىسى بىز ئىسلامغا،ئاللاھنىڭ دىنى ئېسلساق ،ئۇ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كۆرسەتكەن يولدىن باشقىغا قىلچلىك بولسمۇ ئېغىپ كەتمسەك شۇ كۇپايە.
  غەربمۇ كېرەك ئەمەس،شەرقمۇ كېرەك ئەمەس ئىسلام بولسلا بولدى__ ئىران جۇمھۇريتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى زۇڭتۇڭى -ھۈمەينى (ھەجەپ توغرا دەپتكەنسزيا.)
[ بۇ يازمىنىزاكات 2011-08-16 18:59قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
رامىزان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8606
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
ئۆسۈش: 370 %
مۇنبەر پۇلى: 620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-15
ئاخىرقى: 2011-12-18
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 20:44

بۇ يەردە يەنە مۇنداق بىر نۇقتا باردەك قىلامدۇ قانداق. يەنى ئىلىم  بىلەن پەننىڭ مۇناسىۋىتى. بىز  ئۇيغۇر تىلىدا ئادەتتە ئىلىم -پەن دەپ  بىرلەشتۇرۇپ ئالىمىز.لىكىن   ئەمەلىيەتتە ئىلىم بولسا  دىنى بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايىتى چوڭ ئۇقۇم . پەن بولسا يەككە ئۇقۇم بولۇپ مەسلەن ئىجتمائىي پەن، تەبىئىي پەن  دېگەندەك بۇلار ئايرىم ئايرىم  . ئەمەلىيەتتە نېمە بولسا بولسۇن ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئىنسانغا باغلىندۇ.  ھەمىمىسى شۇ ئىنسان ئۈچۈن   . قولۇم بىلەن بېشمنىڭ قانداق مۇناسىۋتى بولسۇن؟ ئۇنىڭ بىرى كەم بولسا مەن پۈتۈن ئادەم بولمايمەن. . بەلكىم تەرجىمان ئۇقۇشماستىن پەن بىلەن دىننىڭ.... دېگەنى ئىلىم بىلەن دىننىڭ دەپ تەرجىمە قىلىۋەتكەن بولشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق خاتالىق بىزنى گاڭگىرتىپ قويىدۇ. ماھىيەتتە بۇنداق ئۇقۇملار  مەدەنىيەت دېگەن يەنە بىر نەرسە بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بەزىدە مۇشۇ پەيلاسوپ دېگەنلەر ئۇنى بۇنى دەپ ئېزىپ كېتىىپ قالىدۇ. مېنڭچە ھازىرقى زاماندا بۇنداق سېلشتۇرما تەتقىقاتنىڭ ۋاقتى سەل ئۆتۈپ قالدى.. شۇنداقتىمۇ ئاپتۇر ناھايىتى ئەستايدىل ۋە ھۇشيارلىق بىلەن بىزگە توغرا يولنى قايتا كۆرستىپ بېرىپتۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!  

ئېھ ئاللاھ بىزنى سەن توغرا يولغا باشلىغايسىەن.ئازغانلارنىڭ ۋە غەزىپڭگە يولۇققانلارنىڭ يولىغا ئەمەس سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن.





قېرىندىشىم، مەنچە بۇنداق سېلىشتۇرۇشنىڭ يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بار، مەن ھەر قېتىم يۇرتۇمغا قايتقىنىمدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ پەن بىلەن دىننى بىر- بىرىگە زىت دەپ قاراپ بالىلىرىنى مەكتەپتىن ئايرىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولىدۇ. كۆپىنچىسى پەقەت دىننى ئۆگەنسىلا بولدى پەننى ئۆگىنىشنىڭ پايدىسى يوق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە پەننىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگۈنىش دىننى تېخىمۇ ياخشى ئۆگۈنۈپ، تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنىش ۋە ياخشى تەدبىقلاشتا ياردىمى زور بولىدۇ، شۇڭا پەيغەمبىرىمىزمۇ بىزنى ئىلىم ئۆگۈنىشكە دەۋەت قىلىپ(بۇ ئەلۋەتتە پەننىي بىلىملەرنىمۇ ئۆز- ئىچىگە ئالىدۇ) «ئىلىم ئۆگىنىڭلا ئەگەر ئۇ چىننىڭ دۆلىتىدە بولسىمۇ» دىگەن. ئەلۋەتتە پەننىي بىلىم ئۆگۈنىش دىننىي ئىلىملەرنى ياخشى ئۆگۈنىش ئاساسىدا بولۇشى كېرەك.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 2095
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2095دانە
ئۆسۈش: 4840 %
مۇنبەر پۇلى: 25028 سوم
تۆھپىسى: 172 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-07
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 23:47

ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم    <<ئىلىم ئۆگىنىڭلا ئەگەر ئۇ چىننىڭ دۆلىتىدە بولسىمۇ»   بۇ ھەدىس ئەمەس ، ئەرەپ ماقال تەمسىلى .    قاتتىق دىققەت قىلايلى .

ماۋۇ سۈرەتلىك فىلىم تېمىغا مۇناسىۋەتلىككەن  ، ئۇيغۇرچە خەتلىك  ، كۆرۈپ قويۇڭلا 58 مىنىۇت ۋاقىت چىقىرىپ .



بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 2009-يىلى BBC تەرىپىدىن ( British Broadcasting Company ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى–جۇڭگونىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئوخشاش دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ بىرى.)ئىشلەنگەن.فىلىمدە فىزىكىشۇناس پروفېسسور جىم خەلىل-ئەلىنىڭ سۈرىيە، ئىران، تۇنىس، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ زىيارەت جەريانىدا ئۆگەنگەن 8-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتىكى ئىسلام دۇنياسىدىكى غايەت زور ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى سۆزلەيدۇ ھەمدە ئىسلامىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەبئىي پەنگە دائىر مەزمۇنلىرىنى قىسمەن ئېچىپ بېرىدۇ.
جەمئىي 3 قىسىم، بۇ 1-قىسىمى.
فىلىم نامى: BBC Science and Islam
فىلىم تۈرى: ھۆججەتلىك، ئىسلام
دۆلەت: ئەنگىلىيە
ۋاقتى: 2009-06-01
تىلى: ئىنگلىزچە

 
فىلىمدە خارەزمى (ئەلخارەزىم)نىڭ ئىسمى قۇئارەزىم دەپ خاتا ئېلىنىپ قالغان. تۇلۇق ئىسمى: ئەبۇ جەئپەر مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇللا ئەل خارەزمى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئوغۇزلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كىيىنكى تۇنجى ئۇلۇغ ئالىمى. ئىنكاس قىلغان سارۋان ئەپەندىگە تەشەككۈر، خاتالىق بايقالسا داۋاملىق ئەسكەرتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز، كۆپەيسە قايتا ئىشلەيمىز.


تەرجىمان: س.ھ.قىران






مەنبە http://boretegin.com/?p=438  
[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-08-17 00:04قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1097
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1097دانە
ئۆسۈش: 5220 %
مۇنبەر پۇلى: 14704 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-01-07
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-17 02:03

ياخشى فىلىم يوللاپسىلە ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.