ئىنىمنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىسى
ئۇ ھېچكىمگە ئەركىلىمەيدۇ
ئۇنىڭ بىر كۈندۈلۈك خاتىرىسى بار
بىر ۋاراقمۇ خەت يازمايدىغان .
ئۇ كۈنلەرنى باشلايدۇ شۇنداق
14.ئاپرىل كۈنىدىن
دەستە تىزىپ ئۈلۈم گۈلىدىن .
ئالتە ياشقا توشمىغان تېخى
سۈت چىشىنى يۈرەتتى يالاپ
ئۇنىڭ بېشىنى سىيلايدىغان قول
كېتىۋاتاتتى ئاستا-ئاستا مۇزلاپ .
ئانامنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىۋالاتتى
باشقا بالىلار ئانا دەپ ماڭسا
ئەلىنىڭ تامغا قاراپ يىغلاۋاتقىنى
تامنىڭ شۇ قەدەر سوغۇق قاراۋاتقىنى.
ئىللىق نەپەس خەيرىگۇل خانىم
ئانا توغرۇلۇق مەلۇم ئابزاسنى
شۇ قەدەر تەسىرلىك ئوقۇپ بولۇپلا
ئەلىنىڭ كۆزىدىكى ياشنى كۆرەتتى
سورىمىسا بولاتتى ئەسلى
جاۋاپ بېرەلمەيتتى بەرىبىر ئەلى
ساۋاقداشلىرى دېدى
ئەلىنىڭ ئانىسى يوق بېرەيلى تەسەللى .
قەبرىستانلىق ئارا بىر گەۋدە
ھەر پەيشەنبە يۈرەر ياش تۆكۈپ .
مەنبە ؛ ئىجادىيەت .دىيارى : كېرىيە