باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 781 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دادىسىنىڭ تەۋبە قىلىشىغا سەۋەپ بولغان بەش ياشلىق قىز
jahil insanin yaninda kitap gibi sessiz ol
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5436
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 59
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە59دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 710 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2011-10-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-14 16:31

دادىسىنىڭ تەۋبە قىلىشىغا سەۋەپ بولغان بەش ياشلىق قىز

           دادىسىنىڭ تەۋبە قىلىشىغا سەۋەپ بولغان بەش ياشلىق قىز
رىياد شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان بىر ئادەم بولۇپ ، ھالاكەت ئىچىدە ياشايتتى ، ئاللاھنى ئەسلەپمۇ قويمايتتى ، نۇرغۇن يىللاردىن بىرى مەسجىدكىمۇ كىرمەي ئاللاغا بىرە قىتىممۇ سەجدە قىلىپ باقمىدى .

ۋە ھالبۇكى
ئاللاھ تەئالا ئۇ ئادەمنى كىچىك قىزىنىڭ قولىدا تەۋبە قىلىشىنى خالاپ قالدى........
بۇ باش پىرسۇناژىمىزنىڭ سۆزلەپ بىرىشىچە : مەن روھى چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن دوستلىرىم بىلەن ناتىۋان ئايالىمنى ئۇنۇتقان ھالەتتە ئويۇن-تاماشا ، ھالاكەت ئىچىدە تاڭ ئاتقۇزاتتىم . ئۇ نىڭ يالغۇزلۇق . غەم-قايغۇ، دەرت-خاپىلىقتىن   قىينالغىنىنى پەقەت بىر ئاللاھ بىلەتتى . ئاشۇ ۋاپادار سالىھە ئايالىم ھەقىقەتەن ماڭا ئامالسىز قالدى ، شۇنداقتىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن جىدەل قىلماستىن ماڭا نەسىھەت قىلىپ توغرا يولغا باشلاشنى ئۇنۇتمىدى .
بىر كىچىسى كىچىلىك ئولتۇرۇشتىن قايتىپ كەلدىم ،شۇ چاغدا سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى سەھەر سائەت ئۈچنى كۆرسىتىپ تۇراتتى، ئايالىم بىلەن كىچىك قىزىم قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى ، مەن بولسام بۈيۈك پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈپ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىم ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان كىىشى بارمۇ؟ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشۈم ئۈچۈن مەغفىرەت تەلەپ قىلىدىغان كىشى بارمۇ؟ تىلىگەنلىرىنى بىرىشىم ئۈچۈن سورايدىغان كىشى بارمۇ؟ دەيدىغان كىچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىنى سىن قويغۇچتىن شەھۋانى فىلىم كۆرۈپ ئۆتكۈزۈش  ئۈچۈن يانداش ھوجرا تەرەپكە ماڭدىم .
تۇيۇقسىز ئىشىك ئىچىلىپ ئەمدى بەش ياشقا كىرگەن  كىچىك قىزىم كىرىپ كەلدى ، ماڭا ھەيرانلىق ۋە مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قوپاللىق بىلەن
ئەي دادا!!! نومۇس قىلمامسەن ، ئاللاھدىن قورققىن... »دىگەن سۆزنى ئۈچ قىتىم دەپ ئىشىكنى يىپىپ چىقىپ كەتتى ، قاتتىق تەمتىرەپ سىن قويغۇنى ئېتىۋىتىپ ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران بولۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم ، ئۇنىڭ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە توختىماي تەكرارلىنىپ مىنى ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالدى .
ئاندىن ئۇنىڭ ئىزىدىن چىقىپ قارىسام ئاللىبۇرۇن ئورنىغا قايتىپ بولۇپتۇ
خۇددى ساراڭدەكلا تاڭنى ئاتقۇزدۇم....ئاشۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمگە نىمە بولغىنىنى بىلمەي قالدىم ئازغىنا ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن يىقىن ئەتراپتىكى مەسجىتتىن مۇئەززىننىڭ قورقۇنۇچلۇق كىچە جىمقىتلىقىنى بۇزۇزۇپ تاشلايدىغان بامدات نامىزى ئۈچۈن توۋلىغان ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم .
تاھارەت ئىلىپ مەسجىدكە باردىم ، ئىلگىرى بۇنچىلىك نامازغا قىزىقىپ باقمىغان ئىدىم ، ھەقىقەتەنمۇ سەبى قىزىمنىڭ سۆزلىرى مىنى ئەسىر قىلىپ ئىزتىراپقا تاشلىغان ئىدى.... ئاندىن نامازغا تەكبىر ئىيتىلدى ، ئىمام تەكبىير ئىيتتى ۋە قىرائەت قىلىدى ، ئىمامغا ئەگىشىپ سەجدە قىلدىم ، پىشانەم زىمىنغا تىگىشى بىلەن ئىچ-ئىچىمدىن قاتتىق يىغا بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتاتتى ، سەۋەبىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، بۇ سەجدە نۇرغۇن يىللاردىن بىرى ئاللاھ تەئالاغا قىلغان تۇنجى قىتىملىق سەجدەم !! ئاشۇ يىغا مەن ئۈچۈن بىر ياخشى باشلىنىش بوپ قالدى ، ھەقىقەتەن ئاشۇ يىغا بىلەن بىرگە قەلبىمدىكى كۇفرى ، نىفاق ، بۇزۇقلۇق ھەممىسى چىقىپ كەتتى ، ئىمان نۇرىنىڭ ئىچكى دۇنيارىمغا سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقىنى  ھىس قىلىشقا باشلىدىم....... 

نامازدىن كىيىن مەسجىدتە ئازراق ئولتۇرۇپ ئاندىن ئۆيۈمگە قايتىپ ئۇخلىماستىن يەنە ئىشقا باردىم ، خىزمەتداشلىرىم ئىشقا بالدۇر كەلگىنىمدىن ھەيران قىلىشتى ، دەرۋەقە كىچىلىك ئولتۇرۇشلار سەۋەپلىك دائىم ئىشقا كىچىكىپ كىلەتتىم ، مەندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ئىدى ئاخشام يۈز بەرگەن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم . خىزمەتدىشىم ماڭا سىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇشقا  مۇشۇ كىچىك قىزنى نىئمەت قىلىپ بەرگەن ، ئاشۇ چۈشكۈنلەشكەن ھالىتىڭدە جىنىڭنى ئالمىغان ئاللاھقا تەشەككۈر ئىيتقىن!!!  -دىدى . شۇ ۋاقىتتا پىشىن ۋاقتى بولدى ، كىچىدىكى ئۇيقۇسىزلىق تۈپەيلى ئىنتايىن چارچاپ كەتكەن ئىدىم شۇڭا خىزمەتدىشىمدىن مىنىڭ ئورنۇمدا خىزمىتىمنى قىلىپ قويىشىنى ئۆتۈنۈپ ، ئازراق ئارام ئىلىۋىلىش ئۈچۈن ، ۋە يەنە   مىنىڭ توغرا يولغا مىڭىشىمغا ، ئاللاھ تەرەپكە قايتىشىمغا سەۋەپ  بولغان قىزىمنى كۆرۈش ئىشتىياقىدا  ئۆيۈمگە قايتتىم .
ئايالىم يىغلىغان ھالدا مىنى كۈتىۋالدى. ئەي مەزلۇم ساڭا نىمە بولدى ؟  -دىدىم . ئۇنىڭ قىزىڭىز قازا قىلدى، دىگەن جاۋابىدىن چاقماق چاققاندەك بولۇپ  قاتتىق قايغۇدىن ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم ، ئىچ-ئىچىمدىن يىغا تۆكۈلەتتى ......بىر ئازدىن كىيىن ئۆزۈمگە كىلىپ ، ئۆز-ئۆزۈمگە بۇلار پەقەت ئاللاھ تەرەپتىن مىنىڭ ئىيمانىمنى سىناش ئۈچۈن كەلگەن بىر سىناق دەپتۇرۇپ ، ئاللاھ تەئالاغا ھەمدۇ-سانالار ئيتتىم .  ئاندىن قولۇمغا تىلىفوننى ئالدىمدە دوستۇمغا تىلىفون قىلىپ ، يىنىمغا كىلىپ ماڭا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندۈم.....

دوستۇم كەلدى قىزىمنى ئىلىپ يۇيۇپ تاراپ كىپەنلىدى ، بىرلىكتە ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردۇق ، ئاندىن ئۇنى قەبرىگە ئىلىپ باردۇق ، دوستۇم ماڭا سەندىن باشقا كىشىنىڭ ئۇنى قەبرىگە قويۇشى لايىق ئەمەس  دىدى . قىزىمنى قۇچىقىمغا ئالدىم ، كۆزلىرىمدە لىق ياش......قىزىمنى كۆمدۇم ، مىنىڭ بۇدۇنيادىكى ھاياتلىق يولۇمنى يورۇتۇپ بەرگەن بىر نۇرنى كۆمدۈم. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تەئالادىن قىزىمنى مەن ئۈچۈن دەۋزەختىن ساقلايدىغان قالقان قىلىپ بىرىشىنى سورايمەن ، مىنىڭ سەبىرچان مۇئمىنە ئايالىمنى كاتتا ئەجىرلەر بىلەن مۇكاپاتلىشىنى سورايمەن .

ئايتۈرك تەرجىمىسى
ئاخىرىدا مۇشۇنىڭدىن ئىبرەت ئىلىپ ئۆزىنى تونۇپ توغرا يولغا ماڭغان قىرىنداشلىرىم
 ئۈچۈن ئاللاھنىڭ سالامى ۋە بەركىتى بولسۇن !!!   

تەرجىمە قىلىنغان مەنبە:http://www.alshamsi.net/islam/story/story32.html
دىللارئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ
دوستلىشىش
ozturkler
Benim Için Yazilmiş Bir Şarkisin
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 224
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە224دانە
ئۆسۈش: 4540 %
مۇنبەر پۇلى: 5345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2011-10-19

ئاللاھ ئىگەم پۇتۇن مۇسۇلمان بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغاي،ھەممىمىز ئېتىقادىمىزنى ساغلاملاشتۇرايلى!
ياخشىلق قىل قولۇڭدىن كەلسە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8509
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 84
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە84دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-08
ئاخىرقى: 2011-09-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-14 19:34

تېما ئىگىسىگە رەھمەت تولىمۇ ياخشى تېما ئىكەن .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6506
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 66
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە66دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 685 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2011-09-16
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-14 20:26

تېما ئىگىسىگە ھەقىقەتەنمۇ رەھمەت ئېيتىمەن ..رەھمەت سىزگە.
بەك ئېسىل تېمىكەن.  
دوستلىشىش
دېدار
اﷲقا تەقۋادار بول، ھەمىشە ئەسلەپ تۇرغىن!چۇنكى ئ ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7815
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 104
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە104دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 1120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2011-10-15
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-14 20:39

تېما ئېگېسگە رەخمەت.بەك ياخشې تېما بوپتۇ بولسا مۇشۇنداك ياخشې تېمېلارنې كوپراق يوللاپ تۇرسېڭېز كەن .يەنە بېر قېتېم رەخمەت..............
ئوۋچىنىڭ مىلتىقى بولسا ، تۇلكىنىڭ خۇداسى يوقمىكەن .