ھەممە ئىشلار كېتەر يولىدا،
بولمىساقلا دۈشمەن قولىدا.
سۆيگۈ ئۈچۈن بۇجانىم پىدا،
سەن بولمىساڭ بولمايدۇ ماڭا.
ھاياتىمىنىڭ سۆيگۈ ۋە قەھرى،
سېنىڭ بىلەن كەلگەنكەن ئەسلى.
بىر پەسىل بار،مۇھەببەت پەسلى،
سەن بولمىساڭ بولمايدۇ ماڭا.
سېنىڭ ئىدىم بۇرۇنلا،بىلسەڭ،
جۈربوپ كەلدىم،يىغلىساڭ-كۈلسەڭ.
ئازاپ چەكتىم قەلبىڭدىن سىلسەڭ،
سەن بولمىساڭ بولمايدۇ ماڭا.
جىق ئىشلارنى ئۇنۇتتۇم،بىراق،
كېتەلمىدىم بىر سەندىن يىراق.
بەك قىينىدى رەھىمسىز پىراق،
سەن بولمىساڭ بولمايدۇ ماڭا.
ئۈنسىز سۆيۈش ئاجايىپ لەززەت،
ئازابى دەل قاراڭغۇ زۇلمەت.
بىرنەرسەم كەم دۇنيادا پەقەت،
سەن بولمىساڭ بولمايدۇ ماڭا.
يا ئازاپتىن جاننى ئالىسەن،
يا بىركۈنى سۆيۈپ قالىسەن.
ھەركويلارغا ئۆزۈڭ سالىسەن،
سەن بولمىساڭ بولمايدۇ ماڭا.
2011.يىل 13.ئاۋغۇست قەشقەر
[ بۇ يازمىنىozturkler 2011-08-13 23:46قايتا تەھرىرلى ]