گۈلۈم ماڭدىم يىراقلارغا كۆزۈم شەبنەم تۆكەر ئەمدى،
بولۇپ سۇلتان يەنە ھىجران يۈرۈگۈمنى ئېزەر ئەمدى.
كۆزۈم ئارقىمدىلا قالدى،گويا كەلمەسكە ماڭغاندەك،
سىنى كۆرمەسكە ئاي-يىللاپ سەۋر قانداق يىتەر ئەمدى.
يىراق جايلارغا يول ئالدىم ئەجەپمۇ غىرىبان ھالىم،
سىنى تۇتماققا قول سۇنسام بىلەگىم ئۈزۈلەر ئەمدى.
ئەقىدەمگە ئىشەن جانىم ،سىنى بىر تاللا گۈل دەيمەن،
مۇھەببەتنىڭ چىن ۋەزنىنى ئۆلچەيدۇ بۇ سەپەر ئەمدى.
بەخت ئىشىكى چەكمەككە ئۇزۇن بەيگىگە ئات سالدىم،
ئۆتۈپ كەتسە بۈگۈن زۇلمەت، قوياش ئەتە كۈتەر ئەمدى.
خەير ئاللاھقا تاپشۇردۇم،دىدارلاشقۇنچە خۇش قالغىن،
سىنىڭ ياخشى تىلەكلەرىڭ، ماڭا چەكسىز گۆھەر ئەمدى.
مەنبە: ئىجادىيىتىم