باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 669 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ۋايساشنىڭ قىممىتى بارمۇ؟
تاھارەتسىز يۈرمەڭ!namz okug
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8565
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 88
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە88دانە
ئۆسۈش: 320 %
مۇنبەر پۇلى: 1011 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-12
ئاخىرقى: 2012-02-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-13 11:38

ۋايساشنىڭ قىممىتى بارمۇ؟

 ۋايساشنىڭ قىممىتى بارمۇ؟

ئاپتورى:  زاكات (سۆيگۇم) 


 ۋايساشنىڭ ئۆزى  بىزگە ئانچە مۇنچە ئىش پۇشقىنى چىقىرىشقا،خۇددى ئاياللارنىڭ دەردىنى يېقىن دوستىغا تۆكۈپ كۆڭلى ئېچلىپ قالغانلىقىدەك قسىقىچە ئارام ئېلىش پۇرستى بېرىشى مۇمكىن لىكىن مەيلى چەكتىن ئاشقان تەنقىد بولسۇن ياكى ۋايساش بولسۇن ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرەلمەيدۇ.چۈنكى ئۇ تەپەككۇرغا ئوخشمايدۇ. ماھىيەتتە ئۇ بىر ئاجىزلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
     ناۋادا سىز مەلۇم كەسىپ بىلەن شۇغۇللنىۋاتقان بولسىڭىز ھەم بىر تەرەپتىن ئۇنى ياقتۇرمىسىڭىز،ئۇنىڭدىن بىزار بولسىڭىز، ماھىيەتتە ئۆزىڭىزنى كەمسىتىكەن،كۆزگە ئىلمىغان بولسىز.  ناۋادا سىز ناۋايلىقنى ياقتۇرۇپ تۇرۇپ قاسساپلىق  قىلىڭسىز، ناۋاداسىز شۇپۇرلۇققا قىزىقىپ تۇرۇپ ساياھەت يېتەكچىسى بولسىڭىز ھەم باشقىلارغا‹بۇ خىزمەت بەك جاپالىق ،بەك خۇشۇم كەتتى لىكىن جان باقماي ئامالىم يوق...›دەپ ۋايساپ بەرسڭىز بۇ سىىزنىڭ ئاجىزلىقڭىزنى، ئۆزىڭىزنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىڭىزنى ،ئۆزىڭىزگە ھەققى كۆيۇنمەيدىغانلىقڭىزنى ئاشكارلاپ قويىدۇ.
  بىزدە مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئاجىز، ئۆزىدىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارنى بايقاپ ئۆزنىڭ ئسىتراتىگيلىك پىلاننى سىزىپ چىقىپ ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان كىشلەر ئاز. نارازلىقلار ۋايساشلار، ئەقلى چولتىلار دەرتمەنلەر تولا دەيدۇ. قايسى بىر قۇمۇللۇق ئەدىب.مەن ئۇنىڭغا يەنە « ھەممىدىن كېچىپ ۋىسالغا يېتىدىغان ھېندستانچە ئاشىقلىققا سېلشتۇرغاندا توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن تەڭ  رايدىن قايتىدىغان ۋاز كېچىدىغان ئالاھىدىلىكىمىز بار.  سوغۇققان مۇئامىلدە بولۇپ قېينچلىققا باش ئەگمەي ،ئارزۇسى ئۈچۈن تەۋەككۇل قىلىدىغان كۈچ- قۇۋۋەت ھەم كەمچىل. بىز مۇڭلۇق تەمبۇردىن تەسەللى تاپالايمىز، ئەكبەرنىڭ گېتاردىن،مۆمىنجاننىڭ ناخشلىرىدىن،ۋەزىنى بار ئىلى خەلق ناخشلىرىدىن ۋاقتلىق كەيپىياتىمىزنى تەڭشىيەلەيمىز ، ئېشىپ كەتكەندە پەقەت بولمىغاندا بىرەرسگە ۋايساپ بېرىمىز لىكىن ھەل قىلىش چارسى بىر ياقتا قالىدۇ.›دېگەننى قوشۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ.
  چوقۇمكى ۋايساش ئادەمنىڭ خاراكىتىرنى ئۆزگەرتەلمسىمۇ لىكىن  ئۇ ئۇزاق داۋاملاسسا بۇنداق ناچار كەيىپىيات شۇ ئادەمنىڭ پىسخىكسىدا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. ئاسان ئاچچىقلىندىغان، ھېچنىمدىن رازى بولمايدىغان،ياراتمايدىغان، قوسۇر ئىزدەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. ناۋادا بىر ئادەمدە ھاياتقا ئىشەنچ بىلەن قاراش،ئۆزىنى ۋە كەسپنى قىزغىن سۆيۇش ،ئاكتىپ روھى ھالەت بولمسا ئۇنى كۈتۈۋالدىغىنى بوشاڭلىق ۋە بۇرۇختۇملۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بىزدە دائىم ھاۋارايدىن قاقشايدىغان، بىردەم ھەجەپ ئىسسىپ كەتتا دېسەك  بىردەم ھاۋانىڭ تۇتۇلغانلىقىغا ئۆچ بولۇپ قالدىغان، توك توختاپ قالسا،سۇ توختاپ قالسا تۇيۇقسىز بىر ئىش يۈز بەرسە قاقشاپ شا بولۇپ قالدىغان ئەھۋاللار تولا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭغا ئەقىلمىز بويىچە مۇئامىلە تۇتماي ھېسياتىمىز بويىچە ئىش تۇتدىغان  تەرىپمىز سەۋەب بولۇپ تۇرماقتا. بۇ شۇبھىسىزكى بىزنىڭ نۇرغۇن ساھالەردە مۇۋەپپىقيەت قازىنش نسبىتمىزنى تۆۋەنلىتىپ بارىدۇ.‹قايغۇرماڭ،باتۇرلارچە ياشاڭ!›ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى دالى گارنىگ، ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىشلارغا تەن بېرىش كېرەك. ئۇنڭغا مىڭ قاقشىغان بىكار. دەيدۇ ۋە ئۆتمۇشدىن پۇشايمان يەپ كەلگۇسدىن ئەندىشە قىىلپ يۈرگەن بىنورمال پىسخكىغا قارشى ‹قولاقنى يۇپۇرۇپ› ‹بۈگۈن ئۈچۈن ھەقىقى ياشاش›نى ئوتتۇرغا قويىدۇ. مىسال ئۈچۈن ئۆزنىڭ سەتلىكىدىن ئاغرىنپ ۋايساپ يۇردىغان قىزچاقنىڭ لىفىتتىن چۇشىۋاتقاندا بىر پۇتى يوق بىر چىرايلىق قىزنىڭ ناھايىتى خوشال ھالەتتە چاقلىق ئوروندۇقنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ دەرھال ھېلقى ناچار كەپىياتتىن قۇتۇلغانلقىنى سۆزلەيدۇ. جەڭ مەيداندا ئاكوپقا سولنىپ قېلىپ دۈشمەن ئوقنىڭ تېگىپ ئۆلۈشنى كۈتۈپ ياتقان ئەسكەرنىڭ ئىلگىرىكى چاغلاردا ئايالدىن نارازى بولۇپ بىر مۇنچە كۆڭۈلسىزلىك تەرگەنلىكى، ئىشك ئالدىدىكى كىچكىكىنا چىملىق ئۈچۈن خوشنسى بىلەن تەگەشكەنلكىنى ئويلاپ ھاياتنى مەنسىز ۋايسىاش نارازلىقلار بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكنى ئويلاپ قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ. تەلىي كېلپ ھايات قېلىپ دۆلتىگە قايتقان بۇ ئەسكەر كېيىن پۈتۈنلەي باشقا ئادەمگە ئۆزگىرىدۇ. بىز مۇسۇلمانلارچە تۇرمۇش كەچۇرسەكمۇ ھاياتقا مۇسۇلمانلارغاخاس سەۋىر تاقەت بىلەن ياشمىقىمىز بەسى مۇشكۈل. ئىنشائاللاھ دەپ ئۆزىنىڭ قولدىن كەلمگەندە ئاللاھقا تاپشۇرۇش بىزدە ئۇنتۇلۇپ قېلۋاتىدۇ.
  خۇلاسە ئورنىدا شۇنى ئېيتىمەنكى  بىر نەرسىدىن نارازى بولغان ئادەم شۇنىڭ ھەل قىلىش تەرىپىنى كۆرستىپ مەيلى توغرا بولسۇن خاتا بولسۇن كۆپچلىك بىلەن ئورتاقلشىپ باقمىسا ئۇنىڭ يازغان ماقالىسىنىڭ ئۆزىمۇ  قۇرۇق ھاياجاندىن ،ۋايساشدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
   مېنڭچە  مەسلىنى بايقاشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئۇنى تەكشۇرۇش .تەكشۇرۇپ ئۆزىمىزدىكى مەسىلىلەرنى بايقاش ئاندىن ئۇنىڭ زادى ئۆزىمزنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلدىنمۇ ياكى تاشقى سەۋەبتىنمۇ بۇنى ئايرىش.
 ئىككىنچىدىن ئۇنى ھەل قىلىشقا بولامدۇ؟  بولسا قانداق تەدبىر قوللىنشىم كېرەك دېگەننى ئويلاشتىن ئىبارەت. بۇ باسقۇچتا سىزنىڭ كاللىڭىزغا تەبىئىي ھالدا بىر قانچە ھەل قىلىش چارىسى تەدبىرى كېلىدۇ. بۇلارنى بىر ۋاراق قەغەزگە ئېسڭىزدىن كۆتۈرلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن راۋان ئۇيغۇر تىلدا يېزىپ قويۇشىڭىز كېرەك.
 ئۇچىنچى قەدەم: زادى قايسلىرى مەن ئەڭ ھەل قىلىشقا تېگشلىك دېگەننى ئويلاپ دەرىجىگە ئايرىۋلىش. بىرىنچى ئىككىنچى دېگەندەك. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەسىلدە ئۆزىڭىزدە ساقلانغان مەسىلەرنى يەنە بىر ياققا گۇرۇپپىلاپ قويسڭىزمۇ  بولىدۇ.
تۆتىنچىدىن ، ھەل قىلىشنى  بىكىتشتىن ئىبارەت. بۇ جەريان خۇددى مۇسابىقىلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا ئوخشايدۇ. مۇشۇ باسقۇچتا سىز مەسىلەن: بىرەر خىزمەت ئورنڭىىزدىن كەسپىڭىزدىن ۋە ئۇنىڭ يۇكىنڭ ئېغرلىقدىن ۋاسىغان بولسڭىىز، زادى مۇشۇ كەسپىنى قىلىش قىلماسلىقىنى بىرىنچى بولۇپ بىكتىسز. ناۋادا ھەقىقەتەن بۇ كەسىپ سىزگە ئەزقاتمىسا،مۇشۇ پېتى داۋاملاشسسا نابۇت بولدىغانلىقىڭىز ياكى تەرەققى قىلالمايدىغانلىڭىزنى ھەققى ھېس قىلسىڭىز. ناۋادا ئازراقمۇ رايىڭىز قالمغان بولسا مۇشۇ باسقۇچتا ۋاز كېچىش كېرەك دەپ ئۇنىڭ ئۇدۇلغا يازسسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا ۋاز كەچسىڭىز خېلى كۆپ تەرەپتە تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلسىڭىز ھەم ۋاقتىنچە ۋاز كېچشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى شۇ ھامان ھېس قىلىسڭىز  ئۇ ھالدا  ھەل قىلىش چارسى دېگەن يەرگە چوقۇم بىر نەرسە يازالايسىز.(بۇ ۋاقىتتا ۋايساشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى تەبئىي ھالدا ھېس قىلس.)
  ناۋادا سىز ئەتراپتىكى نەرسىلەر تۈپەيلى ئەمەس ئۆزىڭىزدىكى مەسىلە ئىكەنلكىنى بىلىپ قالسىڭىز ئۇنىڭغا  بىر قاتار يېتلدۇرۇشكە تېگشلىك خاراكتىرىڭىزنى يېزىپ بۇندىن كېينكى نىشانىڭىزنى يېزىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
 قسىقىسى بىز بارلىق نارازلىق ۋە ۋايساشلانى چۆرۇپ تاشلاپ ھەل قىلىشقا،قارا سۆز بويىچە :مىدىراشقا ھەرىكەتلىنشكە ئاتلىنشمىز كېرەك. مېنڭچە بۇنداق ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ھەل قىلىش ناھايىتى كۆڭۈللۇك بۇ ھەر ھالدا كۈندۇلۇك خاتىرە يازغاندىن كۆپ ياخشى.
  كىم بىلىدۇ مۇشۇنداق قىلىش سىزنىڭ كەلگۇسىدە كارامەت ئىشلارنى قىلالىشىڭىزغا .باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىشڭىزگە سەۋەب بولۇپ قالامدۇ تېخى. مېنڭچە بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ.  ھەممىمىز ۋايسغاندا دەرھال يىغلىپ قالغان مەسىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەرتىپلىك بىر نىشان بىكتەيلى

2011.8.13  ___غۇلجا
  
   مەنبە: ئۆز ئىجادىيتىم.
[ بۇ يازمىنىزاكات 2011-08-13 11:51قايتا تەھرىرلىدى ]
،ئىلى دىيارى مۇنبىىرى يېڭدىن ئېچلپتۇ.قانداراق يەردۇ بىر كۆرۇپ باقارسىز! كىرا ھەقسىز مانا www.yldiyar.com
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8163
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-16
ئاخىرقى: 2011-08-22

ئەسسالامۇئەلەيكۇم  تىيمىڭىزنى كۆرۈپ ،سىزگە سالام بەرمەي چىققۇم كەلمىدى.