قېرىندىشىم مۇسۇلمانمۇ سىز؟
قېرىندىشىم مۇسۇلمانمۇ سىز؟
مۇسۇلماندەك ياشاڭ سىز ئەبەت.
سوۋغا قىلسۇن ئاللاھ دىللارغا،
ئىسلام ئۈچۈن يۈكسەك مۇھەببەت.
ئاللاھ بەردى بىزگە ھاياتلىق،
بەردى يەنە شۇنچە كۆپ نىئمەت.
ئالەمدىكى بارچە شەيئىنى،
ئىنسان ئۈچۈن قىلدۇرۇپ خىزمەت.
ھاياتلىقنى بىرىپ بىزلەرگە،
بەرمىسە گەر ئەقىل-پاراسەت.
ھايۋان كەبى خارۇ -زارلىقتا،
يۈرمەسمىدۇق تىنەپ -تەمتىرەپ.
ئەمەسمۇ بۇزىمىن بىز ئۈچۈن!
قۇياش،ئاي ۋە يۇلتۇز بىزئۈچۈن!
ئارام ئال دەپ ياراتقان كىچە،
ھەمدە نۇرلۇق كۈندۈز بىز ئۈچۈن!
كاپالىتى قىلىپ ھاياتنىڭ،
ياراتقان شۇھاۋا بىز ئۈچۈن.
تەبىئەتنى زىننەتلەپ تۇرغان،
گۈل-گىياھلار داۋا بىز ئۈچۈن.
ئاللاھنىڭكى نىمەتلىرىنى،
بىرەلمەيمىزبىر-بىرلەپ ساناپ.
ئاللاھ بەرگەن شۇ ئەقىل بىلەن،
باقايلى بىز تازا بىر ئويلاپ.
بىزگە بىرىپ شۇنچە كۆپ نىئمەت،
تەلەپ قىلدى بىزلەردىن نىمە؟.
دىدى پەقەت<<ياشا ئىنساندەك،
ھاياتىڭنى خاراپ ئەيلىمە>>
ھەققە يۈزلەن،ھەقىقەت ئىزلە،
رەزىللىكتىن بول مەڭگۈ يىراق.
بىلىم چىندا بولسىمۇ ئۆگەن،
دىل قەسىرىڭگە ياندۇرۇپ چىراق.
ۋاپادار بول ئاتا-ئاناڭغا،
ھۆرمەتلىگىن ئاۋام ،چوڭلارنى.
سەبىيلەرگە كۆيۈن، قىل ئىززەت،
ئازغانلارغا كۆرسەت يوللارنى.
سەمىميلىك ،ئىنساپ ،دىيانەت،
ۋۇجۇدۇڭغا يار بولسۇن ھەر ۋاخ.
ۋىجدانىڭغا قىلما خىيانەت،
يوقالمىسۇن ھايا ۋە ئەخلاق>>.
ئادىمىيلىك مىزانى ئۈچۈن،
ئەمەسمۇ بۇ ئەقەللىي ساۋات.
شۇنچىلىك ئاڭ -ساپا بولمىسا،
بەك مەنىسىز ئۆتمەمدۇ ھايات؟
قېرىندىشىم مۇسۇلمانغۇ بىز؟
مۇسۇلماندەك ياشايلى ئەبەت.
سوۋغا قىلسۇن ئاللاھ دىللارغا،
ئىسلام ئۈچۈن يۈكسەك مۇھەببەت.
مەنبە:ئىجادىيتم