باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 693 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاق ئات مىنگەننىڭ ھەممىسى ئاق ئاتلىق شاھزادىمۇ
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-12 10:21

ئاق ئات مىنگەننىڭ ھەممىسى ئاق ئاتلىق شاھزادىمۇ

شۇنداق، «ئۇزۇن قاناتلىقىنىڭ ھەممىسى پەرىشتە بولۇشى ناتايىن، ئۇ بىر قۇشسىمان ئادەم بولۇشى مۇمكىن؛ ئاق ئات مىنگەننىڭ ھەممىسى ئاق ئاتلىق شاھزادە بولۇشىمۇ ناتايىن، چۈنكى تاڭسىڭمۇ ئاق ئات مىنىدۇ». بۇ خىلى يىللاردىن بۇيان توردا ئېقىپ يۈرگەن مەسخىرە نەقىللىرىنىڭ بىرى. بۇنى ھالىنى ئات تارتالمايدىغان ئالاقە تورى يېڭىلىق يارىتىش كەسپى ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەسىگە قويىدىغان بولساق، ھەقىقىي ھەزىللىكلەرنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
جۇڭگو ئامېرىكا ئەمەس، جۇڭگۆەن كەنتىمۇ كرېمنىي جىلغىسى ئەمەس. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، جۇڭگودا ھەر يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەر ئامېرىكىدا يىلىغا قۇرۇلغان شىركەتلەرنى ئون ھەسسىلەيدىكەن. مەبلەغ سېلىش نىسبىتى ئومۇمىي سانىنىڭ %1 تىگىمۇ يەتمەيدىكەن. دېمەك، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلار ئارىسىدا مۇتلەق ماسلىق يوق. مەبلەغ سالغۇچىلار ئاز، ئەمما پۇل تېپىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار كۆپ. جۇڭگودا قارىماققا مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرىقىدەك قىلسىمۇ، دائىم ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا نىزا ۋە ئالدامچىلىقلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، يېڭىلىق يارىتىش ئارزۇ كۈچلۈك نۇرغۇن ياشلار جەمئىيىتىمىزدە توختاپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا قانداق مەبلەغ سالغۇچىنى ئىزدەش كېرەك؟
داڭلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. ئۇلار ئادەتتىكى بىر-ئىككى تال يەمچۈككە مەبلەغ سېلىپ ئولتۇرمايدۇ. شۇڭلاشقا، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار، مەبلەغ سالغۇچىنى ئىزدىگەندە ئالدى بىلەن ئانچە داڭقى چىقىمىغان، ئەمما شۇ خىل تۈرگە قىزىقىدىغان مەبلەغ سالغۇچىنى ئىزدىسىڭىز ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى ھەمكارلىقتا مەبلەغ سالغۇچىنىڭ قىزىقىشى ۋە شۇ خىل تۈرگەن بولغان ئىشەنچى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، سىز شۇ خىلدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى چۈشىنىشكە ماھىر بولۇشىڭىز، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ۋە پۇلنىڭ كەينىدە تۇرۇۋاتقان مەبلەغ سالغۇچىنى ياخشى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدا پىكىر بىردەكلىكى، ئۆز ئارا ئىشەنچ ۋە بىر-بىرىنى كەچۈرۈۋېتىش ھالەتلىرى شەكىللەنسە، ئۇ ھالدا بۇ خىل ھەمكارلىق تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. سىز قارشى تەرەپ بىلەن ھەمكارلاشقاندا، سىزنىڭ بۇ تەتقىقات تۈرىڭىزنىڭ قانچىلىك ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ قانچە ئۇزۇن داۋاملىشالايدىغانلىقىنى توغرا مۆلچەرلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر يولنى خاتا تاللاپ قالسىڭىز، سىزنىڭ پالاكەت ئازگىلىغا دۈم چۈشكىنىڭىز شۇ! شۇڭلاشقا، ئىگىلىك تىكلەشتە، سىز پۇل تېپىشنىڭ ئېھتىياتچانلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە سىزنىڭ تاللاش دائىرىڭىزنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىڭىز كېرەك.
شۇڭلاشقا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتىڭىزنى ئاساس قىلىشىڭىز، چەتئەلدىكى بەزى ئىشلارغا بەك ئېتىبار بېرىپ كەتمەسلىكىڭىز كېرەك. چۈنكى سىز بۇ يەردە ياشايسىز، مۇشۇ يەرنىڭ ئەھۋالىغا، بازار سىياسىتى، مال باھاسى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى قاتارلىقلارنى تۇتقا قىلىپ ئاندىن، ھەمكارلاشقۇچى ياكى مەبلەغ سالغۇچى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. شىركەت دېگەن ئوقۇم پۈتۈن يەرشارىدا بىرلىككە كەلگەن بىلەن، ئۇنىڭ ھەرقايسى جايدا قوللانغان تۈزۈمى ۋە خاراكتېرىدە پەرق مەۋجۇت. ئەگەر سىزنىڭ ھەمكارلىق ئىشلىرىڭىز كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولسا، ئۇنداقتا سىز شىركەتنى باشقۇرۇشقا ئۆتسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە، سىز شىركەت باشقۇرۇش ئىلمى توغرىلىق كۆپ نەرسىلەرنى ئوقۇغان بولسىڭىزمۇ مۇمكىن، ئەمما ئۇلار كىتابتىكى ياكى باشقىلارنىڭ نەرسىلىرى. شۇڭلاشقا، سىز ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانسىڭىز بولىدۇ. بۇ جەرياندا سىزنىڭ مەبلەغ سالغۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز ناھايىتى مۇھىم. ئەمما سىز بۇ كىشى ماڭا مەڭگۈ مەبلەغ سالىدۇ، دەپ ئويلاپ قالماڭ. چۈنكى توختام ۋاقتى توشسا كېلىشىم بويىچە ئۈلۈشىنى ئېلىپ يولىغان راۋان بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ مەقسىتى سىزنىڭ شىركىتىڭىزنىڭ ئۆسۈپ -يېتىلىش جەريانىنى بىرگە باشتىن كەچۈرۈش بولماستىن، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىپ، كۆپ پايدىغا ئېرىشىشتۇر. ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ سىز بىلەن بولغان ھەمكارلىقى بۇ خىل ئېھتىياجنى تەمىنلىيەلمىسە، ئۇنداقتا سىز قارشى تەرەپتىن ياكى ئىشخانىڭىزدىكى كومپيۇتېردىن ئاغرىنماي، ئۆزىڭىزنىڭ قوللانغان ئۇسۇلىڭىز ۋە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندىكى پوزىتسىيىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ.
نېمە دېمەكچى؟ دېمەكچى بولغىنىم ئۆزگىچە ئۇسۇل، يەنە باشقىلار قوللىنىپ باقمىغان ئۇسۇل بىلەن بۇ ساھەگە قەدەم قويۇڭ، باشقىلارنى دورىماڭ، باشقىلارنىڭ ئەندىزىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىبلىنامىسى قىلماڭ. چۈنكى ئۇزۇن قاناتلىقنىڭ ھەممىسى پەرىشتە ئەمەس، ئۇ قۇشسىمان ئادەم بولۇشىمۇ مۇمكىن؛ ئاق ئات مىنگەننىڭ ھەممىسى ئاق ئاتلىق شاھزادە، ئەمەس، چۈنكى «غەربكە ساياھەت» فىلىمىدىكى تاڭ راھىبى تاڭ سىڭمۇ ئاق مىنىدۇ. بۇ ساھەدە قۇياش بولالمىسىڭىز ھېچقىسى يوق، چۈنكى بۇ ساھەدىكى قۇياشلارنىڭمۇ سىزدەك مەزگىلى بولغان. ئەمما بۇ ساھەدە نۇر چاچماسلىققا ھېچقانداق باھانىڭىز يوق. بىلىشىڭىز كېرەككى، بۇ يولغا تاڭسىڭلىق سالاھىيەت بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئاق ئاتلىق شاھزادە سالاھىيىتى بىلەن قەدەم ئېلىڭ، شۇندىلا، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئاشقۇسى.
 



           مەنبە:تەرمىلەر ژورنىلىدىن