كىلاسسىك قاپىيە ئىلمىدىن روزى سايىت شېئىرلىرىغا نەزەر
ئابلىمىت ئابدۇراخمان
شېئىرىيەت –ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەڭ دەسلەپ بارلىققا كەلگەن،سالماقلىق ئورۇن ئىگەللەپ، ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بەدىئىي ژانىر ھىسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئاجايىت رەڭدار ئېغىز ئەدەبىيات چەشمىلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۈلگىلىك كىلاسسىك ئەدەبىيات خەزىنىسىدىكى ئەدەبىيات دۇردانىلىرى بىلەنمۇ ئىپتخارلىنىشقا ھەقلىق. ئۇيغۇر شېئىرىيتنىڭ بىر قانچە مىڭ يىللىق ئۆركەشلىك ئېقىمىدا پەلسەپە، ھېكمەت،ئىلىم،تىبابەت،تارىخ ۋە تەلىم- تەربىيە ئۈنچىلىرى ئۆزىگە لايىق شېئرىي تۈستە گەۋدىلنىپ كەلگەن. ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئېيتقاندەك:«ئۇيغۇر شېئىرىيتىنى ئۇيغۇر خەلقى مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىۋى تىنىقى، ئۇيغۇر خەلقى ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئىنتلىشچان تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ ئوبرازىچانلىق بىلەن شۆھرەت تاپقان بەدىئىي پاۋلىئونى دېيىش مۇمكىن»①. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلىرىدە شېئىرىيەت ئىجادىيتى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئاساسلىق ژانىرى بولۇش سۈپىتىدە زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشىپ، كلاسسىك شېئىرىيەتنىڭ ئاساسلىق شەكىللىرى بولغان مەسنەۋى، غەزەل، مۇخەممەس، روبائىي،تۇيۇق... قاتارلىق تۈرلەردە كۆپلىگەن ئەسەرلەر ئىجاد قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىگە خاس بولغان مول-ھوسۇللۇق يىڭى ئىجادىيەت پەللىسىنى ياراتقان. دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر مەشھۇر ئەسەر شۇنداقلا بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى تاسادىپىيلا مەيدانغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كەينىگە سانسىزلىغان ئەدىبلەرنىڭ، ئەدەبىيات ئۈچۈن كۆيگەن ئوت يۈرەكلەرنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشلەر بىلەن ئۈن- تۈنسىز تۆككەن قان-تەرى، قانلىق ئەجىر-مېھنىتى يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ تارىخ تەرەققىياتىدا كلاسسىك ئەدەبىيات دەۋرى، ھازىرقى ۋە بۇگۇنكى ئەدەبىيات دەۋرىنى بېسىپ ئاز بولمىغان داۋالغۇشلارنى ئىچىدە بۇگۇنگە ئۇلاشتى. يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۇگۇنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ ۋارىسى، دەۋىرلەر تەرەقققىيات جەريانىدىكى قولغا كەلتۇرگەن نەتىجلىرىنىڭ مەھسۇلى. يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىكى بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك- ئۇنىڭ خىلمۇ-خىللىقىدا، دەپ ئېيتىش مۇمكىن. يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 20نەچچە يىللىق مۇساپىسىدىن كۆرۇشكە بولىدۇكى، ئەدەبىي- ئىجادىيەت ئىشلىرى مىسلى كۆرۇلمىگەن دەرىجىدە گۈللىنىپ، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. ئەدەبىي ژانىرلارتۇلۇقلىنىپ، مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن كۆپ خىللىشىپ، تىما دائىرسى كېڭەيدى. مەزمۇنى چوڭقۇرلاشتى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى دەۋىرئەدىبىياتىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن ئەدەبىيات دەۋىرى بۇلۇپ قالدى. يازغۇچىلار قوشۇنى تېز سۈرئەتتە زورىيىپ، تارىختىكى زۇر قوشۇنغا ئايلاندى. ئەسەرلەرنىڭ سانىمۇ زۇر دەرىجىدە كۆپەيدى. ياخشى ئەسەرلەرنىڭ سالمىقى ئاشتى. نۇرغۇنلىغان يازغۇچى- شائىرلار تۇلۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەرخىل تېمىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يازدى. ھەتتا بەزىلىرى تىما جەھەتتە خاسلىققا يۇزلىنىپ، تېما خاسلىقى ئارقىلىق شۇ تېمىنى چۇڭقۇرلۇققا يەتكۆزۇش ئۈچۇن تىرشىپ، ئۆز ئىجادىيىتدە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە شئىرىي ئىجادىيتىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تىز بولۇپ، قولغا كەلتۇرگەن نەتىجلەرمۇ زور بولغان بولسىمۇ، گەۋدىلىك بولغانلىرى ئاز بولدى. ئەينى دەۋىردىكى كلاسسىك شائىرلار قولغا كەلتۇرگەن نەتىجلەرنى بۇگۇنكىدەك يىڭى تەرەققىياتلارغا ئىگە بولغان دەۋرلەردە تۇرۇپ بىزنىڭ قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىمىز بىلەن سىلىشتۇغاندا ئارلىقنىڭ خېلىلا چوڭلىقىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ.بۇ بوشلۇق بىزنىڭ ئالدىمىزغا ھەر ۋاقىت سۇئال بەلگۇسىنى قويۇپ كەلدى. ھەرقانداق بىر يۈكسەكلىككە يىتىشنىڭ بىر يىتەكچى ئىدىيسى، ئىچكى قانونىيتى بولغىندەك، كلاسسىك شائىرلار شېئىرىي ئىجادىيتىدە شېئىرنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللارنى مۇكەممەل بولغان بىر نەزىرىيەۋى سېسىتىمىدىن ئۆتكۈزگەن، ھەم شۇ نەزىرىيەنىڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىجادىيەت ئىلپ بارغان. بۇ نەزىرىيەۋى ئۇلارنىڭ شېئىرى ئىجادىيىتىدە ئاكتىپ ئىجابى رول ئوينىغان. كىلاسسىكلار شېئىرىيدا ۋەزىن،قاپىيە ۋە شېئىرىي سەنئەتتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئامىل بۇلىدۇ دەپ قاراپ بۇ ئۈچ ئامىل ھەقتە ئېنىق بولغان سېستىملىق بىر نەزىرىيەنى شەكىللەندۇرگەن بولۇپ، ئۇنى شئىرىي ئىجادىيتىدە قاپىيە ئىشلىتىشنىڭ ئۆلچەمى قىلىپ بىر ئىلىم نۇقتىسىغا كۆتۈرۈگەن ھەم بۇ قاپىيەگە ئائىت نەزىرىيەلەرنى« قاپىيە ئىلمى» دەپ ئاتىغان. مەن ئۈگەنگەن ئازغىنە نەزىرىيەۋى بىلىمىنى مۇستەھكەملەش ۋە يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى شېئىر ئىجادىيتىگە تەتبىقلاپ ئىلمىي تەكشۇرۇش ئېلىپ بىرشىنى ئىستىگىدە مەرھۇم شائىر رۇزى سايىت ‹1944_2001.9 ›رۇزى سايىت شېئىرلىرىدىكى قاپىيەلەرنى ئەمىلىي تەكشۇرۇش ئېلىپ باردىم. روزى سايىت شېئىرلىرى يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ ئىجادى قىممىتى بىلەن مۇھىم سالماقىنى ئىگەللەيدۇ. بۇ ھەقتە پرۇفېسسۇرئازات سۇلتان ئېيىتقاندەك: «ئۇنىڭ شېئىرلىرنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا، ئۇلارنىڭ خۇشاللىق قايغۇسىنى ئىپادىلەشكە بېغىشلانغان. ئۇ ئىجادىيەتتە دىھقانلارنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى، ئۇلارنىڭ ئىدىيە-ھېسياتىنى، بۇلۇپمۇ ياشاش شارائىتىنى، خۇشاللىقىنى، دەرد- ھالىنى، ئەكىس –ئەتتۇرۇشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنىڭ شېئىرى ئەمىلىيەتتە دىھقانلارنىڭ قەلىب ئىزھارى، دىھقانلارنىڭ قەلىب سۆزلىرى »②.
1.قاپىيە ئىلمى ھەققىدە
كىلاسسىكلار قاپىيە ئىلمىدە ۋەزىن،قاپىيە ۋەشېئىرىي سەنئەتتىن ئۇلار بۇ ئۈچ ئامىلنى مۇنداق شەرھىلىگەن.
1).ۋەزىن-رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىشىش دىمەكتۇر. ئۇ شېئىرنى نەسىرى ئەسەرلەردىن ئايرىدىغان ئۆلچەم.(بۇ ئاروز ئىلمىي دەپ ئاتىلىدۇ).
2).قاپىيە- شېئىردا ئاھاڭدارلىقنى تەمنىلەيدىغان، ئاھاڭدارلىقتا ئۆزئارا ماسلىشىدىغان سۆزلەر قاپىيە دىيلىدۇ.
3) . شېئىرىي سەنئەت ـــ شېئىرنىڭ تەسىرى كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شېئىرىدا قوللىندىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى يەنى بەدىئىي سەنئەتلەرنى كۆرسىتدۇ. ( بۇ بەلاغەت ئىلمىي دەپمۇ ئاتىلىدۇ).
قاپىيە شېئىردا مۇنداق رول ئوينايدۇ.
1). قاپىيە ئالدى بىلەن شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەشكىللەيدىغان مۇھىم ئامىل.شېئىرنىڭ مەزمۇن بۇلەكلىرى قاپىيە ئارقىلىق بۆلىنىپ تۇرىدۇ.
2). شېئىرىي مەزمۇننىڭ يارقىن،تەسىرلىك،ئۇنۇملۇك ئىپادىلىنىشى ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ.شېئىرىي مەزمۇندىكى تەسىرچانلىق قاپىيە ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.شېئىردا قاپىيە ماھارىتى ئۈستۇن بولسا،تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ.
3).قاپىيە شېئىرىي ئەسەرلەردە جەزىبە كۈچىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.نۇرغۇن شېئىرىي سەنئەتلەر قاپىيە بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بۇلۇپ رېتىم ئاھاڭدارلىقمۇ قاپىيە ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. قاپىيە ياخشى بولمىسا تەسىر كۈچى سوسلايدۇ.
قاپىيەنى تەشكىل قىلغۇچى تاۋۇشلار ئۈچكە بۆلىنىدۇ.
1) ھەرىكە ـــ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئە،ئو،ئۆ،ئې ھەرىپلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.
2) ھەرفى ئىللەــ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئا،ئۇ،ئۈ،ئى ھەرىپلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.
3) ھەرف ـــ ئۈزۈك تاۋۇش ھەرىپلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. قاپىيە ئىلمىدە ھەرف بىلەن ھەرفى ئىللە ئىككىسىنىڭ قاپىيەدىكى رولى ئوخشاش بولغاچقا بىر دەپ سانىلىدۇ. ئەمما ھەرىكەنىڭ رولى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.
قاپىيە ئىلمىدە ھەرف ۋە ھەرفى ئىللەدىن توققۇز ئامىل بارلىققا كېلىدۇ.
1) رەۋى، 2) قەيد، 3) رىدف، 4) تەئسس، 5) دەخل، 6) ۋەسل، 7) خۇرۇچ، 8) مەزىد، 9) نائىرە قاتارلىقلار
1). رەۋى- قاپىيەدە تۈۋرۇكلۇك رول ئوينايدىغان تاۋۇشتۇر. رەۋى ئەرەبچە «تۇگىككە يۇڭ باغلايدىغان ئارقان»دىگەن مەنىدىكى سۆز. قاپىيە ئىلمىدە قاپىيە بولۇپ كەلگەن سۆزنىڭ يىلتىزىدىكى ئاخىرىقى ھەرىپىنى كۆرسىتىدۇ. رەۋى بىرشېئىردىكى ھەرقانداق قاپىيەدە ئوخشاش ھەرىپتىن تەركىب تاپىدۇ. رەۋى بولمىسا قاپىيەمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ.
مەسىلەن: تېپىلسىمۇ تېپىلار «توققۇزى تەل» كىشىلەر،
تېپىلمىغاي ئالەمدىن ئارزۇسى ھەل كىشىلەر.
بىزگە ئارزۇ ئەزەلدىن خاتىرجەنلىك،ئىناقلىق،
قوغلىغانچە قاچتى ئۇ،بەردۇق بەدەل،كىشىلەر...③
بۇ روبائىيدا «تەل»، «ھەل»،«بەدەل» قاتارلىق سۆزلەر قاپىيەبۇلۇپ، «تەل»، «ھەل»، «بەدەل» سۆزىلىرىدىكى «ل» رەۋى بولىدۇ..
قاپىيە سۆزى ئەگەر ھەرىكە «ئە» ھەرىپى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا، ئۇچاغدا«ئە» ھەرىپى سۆز يىلتىزىنىڭ ئاخىرقى ھەرىپى ياكى قوشۇمچە بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇ رەۋى ھېسابلانمايدۇ. ئالدىدىكى ھەرىپ رەۋى ھېسابلىنىدۇ.شۇنداقلا «ئە» ھەرىپى سۆز يىلتىزىنىڭ ئاخىرقى ھەرىپى ياكى قوشۇمچە بۇلسۇن رەۋى بولالمايدۇ. ئۈزۈك تاۋۇش ھەرىپلىرنىڭ رەۋى بۇلىشى كەڭ ئۇمۇملاشقان.
مەسىلەن : رەقىبلەر سۆز قىلسىمۇ تەمە،
تىلىڭنى يىغ-سىرىڭنى دېمە.
ئاغزى بوشلۇق-غەپلەت،ئۆلۈمدۇر،
ھوشيارلىققا يېتىدۇ نېمە؟④
بۇ روبائىيدا«تەمە»،«دېمە»،«نېمە»قاتارلىق سۆزلەر ئۆز-ئارا قاپىيەبۇلۇپ كەلگەن. سۆز ئاخىرىدىكى«ئە» ھەرىپى رەۋى ئەمەس، بەلكى«م»ھەرىپى رەۋى بۇلىدۇ.
مەسىلەن:بىر زامان يىغلاتتىڭ ئەي چەرخى پەلەك،
بەرمىدىڭ ئەجرىمگە مۇۋاپىق خەمەك.
ئەمدى ئۇ كاجلىق ياندى ئۆزەڭگە،
ئەمرىمگە كۆنمەي يوق ئامالىڭ بۆلەك⑤.
بۇ روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن «پەلەك»،«خەمەك»، «بۆلەك» قاتارلىق سۆزلەر دىكى «ك» ھەرىپى رەۋى ھىسابلىنىدۇ.
(2. قەيد- قاپىيە ئىلمىدە رەۋى ھەرپىنىڭ ئالدىدا كېلىدىغان ۋە كىينىگە ھەرپى ئىللە قۇبۇل قىلمايدىغان ئۈزۈك تاۋۇش ھەرىپى«قەيد» بولىدۇ. رەۋى ھەرىپى بىلەن قەيد ھەرىپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۇزۇق تاۋۇش بولمايدۇ. «قەيد» ئۇزۇك تاۋۇشتىن تەركىپ تاپىدۇ. ھەم رەۋىگە بىۋاستە ئۇلىنىپ كېلىدۇ. مەسىلەن:
ئەل قوزغالسا قوزغىلار تەخت،
ئەل قوغدىسا قوغدىلار بەخت.
ئەل ئېشىغا توپا چاچسا كىم،
شاھ بولسىمۇ بۇلۇر بەدبەخت!⑥
بۇ روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن «تەخت»،«بەخت»، «بەدبەخت» قاتارلىق سۆزلەردىكى«ت» ھەرىپى رەۋى بولىدۇ.«خ»ھەرىپى قەيد بولىدۇ.
3) . رىدف-ـ رىدف ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى ئاددىي رىدف (رىدف موفرەت)، يەنە بىرى مۇرەككەپ رىدف (رىدف زائىد).
① ئاددىي رىدف دىگىنىمىز ــ ھەرفى ئىللە بىۋاستە ھالدا رەۋىنىڭ ئالدىدا كەلگەن بولسا بۇ« ئاددىي رىدف» بولىدۇ. مەسىلەن:
قويساڭ غەبلەت ياستۇقىغا باش،
تېگەر بىركۈن باش-كۆزۈڭگە تاش.
بىلسەڭ ياران بىزگە ھەممىدىن،
بولغىنى خوپ ھوشيارلىق يولداش.⑦
بۇ روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن«باش»،«تاش»،«يولداش»قاتارلىق سۆزلەردىكى «ش» ھەرىپى رەۋى بولىدۇ.«ا» ھەرىپى ھەرفى ئىللە بولۇپ، بىۋاستە رەۋىنىڭ ئالدىدا كەلگەن. شۇڭا بۇ «ا» ھەرىپى ئاددىي رىدف بولىدۇ.
② مۇرەككەپ رىدف ــ رەۋى بىلەن ئاددىي رىدف ئۇتتۇرسىدىكى ھەرىكەنى كۆرىستىدۇ. مەسىلەن: كەتمىكى بولغاندەك كېلىشنىڭ بۇ راست،
بەرمىكى بولىدۇ ئېلىشنىڭ ئۇ دوست.
ئالغاننى بەرمىسەڭ تىلىڭ قىسقىدۇر،
يولى شۆ ئۆزىنى بىلىشنىڭ، بۇ راست.
بۇ روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن « كېلىشنىڭ »،«ئېلىشنىڭ» سۆز تەركىبىدىكى ئەسلى سۆز يىلتىزى«كېلىش»، «ئېلىش»بولىدۇ. يۇقارىقى نەزىرىيەتنى شەرھىلەشتە روزى سايىت شېئىرىلىدا بۇنىڭغا مۇۋاپىق قاپىيە سۆزلىرىنى ئۇچراتمىغانلىقم ئۈچۈن روزى سايىتنىڭ روبائىيسىنى ئۆزگەرىتتىم. مىسرا ئاخىرىدىكى«دوست» نى«راست» قا.«راست» سۆزىگە ئوخشاش سۆزلەر قاپىيە بولۇپ كەلسە «ا» ئاددى رىدف، «س» ھەرىپى مۇرەككەپ رىدف بولىدۇ.
4) . تەئسس ــ قاپىيەدە ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ۋە بىر ھەرىكەدىن تەركىب تاپقان يېپىق بۇغۇمنىڭ ئالدىدا كەلگەن«ئا» ھەرىپى «تەئسس» دىيلىدۇ. مەسىلەن:
ئاشىققا ئازارىڭ ئادالەتمىدى؟
ئارزۇغا ئارتارىڭ ئاھانەتمىدى؟
ئالدىڭدا ئارمانلار ئايلاندى «ئاھ»قا،
«ئاھ-ئاھ» لاش،ئامرىقىم ئامانەتمىدى؟⑧
بۇ روبائىيدا قاپىيە بۇلۇپ كەلگەن «ئادالەتمىدى»، «ئاھانەتمىدى»، «ئامانەتمىدى» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ئەسلى سۆز يىلتىزى «ئادالەت»، «ئاھانەت»، «ئامانەت». بۇ سۆزلەر تەركىۋىدىكى «ت»ھەرىپى رەۋى بۇلىدۇ. «دا»دىكى«ا»،«ھا»دىكى«ا»، «ما»دىكى «ا» ھەرىپلىرى «تەئسس» بولىدۇ.
5).دەخل ــ«تەئسس»تىن كىيىن كەلگەن ھەرىكە«دەخل»دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
دېمەيمەن«سېنى دەپ كۆردۈم مالامەت»،
سېنىڭچۇن مالامەت كۆرگىنىم ئامەت.
ۋەدەڭگە ۋاپانى كۆرسەڭلا راۋا،
توي ماڭا ھەر قانچە زۇلمى قىيامەت⑨.
يۇقارىقى روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن « مالامەت »،« ئامەت »، « قىيامەت » قاتارلىق سۆزلەر تەركىبىدىكى «م»ھەرىپلىرى دەخل بولىدۇ. بەزىدە دەخل ئوخشاش ھەرىپتىن تەركىب تاپمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. ئوخشاش ھەرىپتىن تەركىب تاپمىغان دەخل«ئاجىز دەخل» ھېسابلىنىدۇ. دەخل ئاجىز بولغان قاپىيە ئاجىز قاپىيە دىيلىدۇ.
6). ۋەسىل ــ سول تەرەپتىن رەۋىگە ئۇلىنىپ كىلىدىغان ھەرفى ئىللە ياكى سول تەرەپتىن ھەرىكە ئارقىلىق ئۇلىنىپ كەلگەن ئۈزۈك تاۋۇش ھەرىپى «ۋەسل» بولىدۇ.بەزى
«ۋەسل» نىڭ ئۆزى ھەرفى ئىللەدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. مەسىلەن:
بۇ ئۆمۇر چەكلىكلا، ھاياتلىق باقى،
توختىماي ئايلىنار تىرىكلىك چاقى.
ئەي ئىنسان، پەخىرلەن غالىبلىقىڭدىن،
ئۆلمىدۇق بوغقانغا ئەجەل تىرناقى.⑩
يۇقارىقى روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن «باقى»،«چاقى»،«تىرناقى» قاتارلىق سۆزلەرتەركىۋىدىكى سۆز يىلتىزى«باق»،«چاق»،«تىرناق». بۇ سۆزلەر تەركىبىدىكى «ق» ھەرىپى رەۋى.«ق» ھەرىپگە كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن«ى» ھەرىپى ۋەسىل بولىدۇ.
7).خۇرۇچ ــ ۋەسىلدىن كىيىن ئۇنىڭغا ئۇلىنىپ كىلىدىغان ھەرىكە «خۇرۇچ» بولىدۇ. مەسىلەن: مەي ئىچىپ ھەييامنىڭ «نەزىم جامى»دىن، سۆزلىسەم قۇرلاردا ئۇنىڭ نامىدىن.
دېدى ئۇ: ئاسانمۇ «چېدىرچى» بولماق،
رەنج كۆرۈپ يۈرمەپسەن غەپلەت دامىدىن ...⑪
بۇ روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن«جامىدىن»،«نامىدىن»، «دامىدىن» قاتارلىق سۆزلەر تەركىۋىدىكى سۆز يىلتىزى «جام»،«نام»، «دام». ھەر قايسىسىدىكى «م» ھەرىپى رەۋى.«م» ھەرىپىگە كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن «ى» ھەرىپى« ۋەسل» بولىدۇ. «ى» ھەرىپىگە ئۇلىنىپ كەلگەن«د» ھەرىپى «خۇرۇچ» بولىدۇ.
8). مەزىد ــ قاپىيە تەركىبىدە «خۇرۇچ » تىن كىيىن ئۇرۇن ئالىدىغان ئۇزۇك تاۋۇش، ھەرف ياكى ھەرفى ئىللە «مەزىد» دىيلىدۇ. مەسىلەن:
گۈل، رەڭنى ئالدىڭمۇ يارنىڭ لېۋىدىن؟
مەي ھىدىنى تاپتىڭمۇ جانان دېمىدىن؟
ئەي ساقى، ماي كەلتۈر، جىمىنى ئۇنتۇپ،
ئىچەي مەن،قۇتۇلاي بۇ دەم غېمىدىن!⑫
يۇقارىقى رۇبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن«لېۋىدىن»،«دېمىدىن»، «غېمىدىن» قاتارلىق سۆزلەر تەركىۋىدىكى سۆز يىلتىزى «لەۋ»،«دەم»،«غەم» بولىدۇ. «لەۋ» سۆزى يىلتىزى تەركىبىدىكى«ۋ»، «دەم» سۆزى يىلتىزى تەركىبىدىكى «م»، «غەم» سۆزى يىلتىزى تەركىبىدىكى «م» ھەرىپى رەۋى بولىدۇ. «ۋ» ھەرىپىگە، «م» ھەرىپىگە كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن «ى» ھەرىپى ۋەسىل بولىدۇ. «ى» ھەرىپىگە ئۇلىنىپ كەلگەن«د» ھەرىپى خۇرۇچ بولىدۇ. «د» ھەرىپىگە ئۇلىنىپ كەلگەن«ى» ھەرىپى مەزىيد بولىدۇ.
9). نائىرە ـــ قاپىيە تەركىبىدە« مەزىد» دىن كىيىن كەلگەن ھەرف ياكى ھەرفى ئىللە «نائىرە» دىيلىدۇ.
مەسىلەن: بىز جاھاننىڭ باغ- گۈلزارىدۇرمىز،
مەۋجۇدادنىڭ تاج- تۇمارىدۇرمىز.
ئۆمۈر تاجىنىڭ دېغى-تەمەننا،
ئۇنىڭدىن كۈرمىڭ بىزاردۇرمىز!⑬
يۇقارىقى رۇبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن «گۈلزارىدۇرمىز »،« تۇمارىدۇرمىز »، «بىزاردۇرمىز » قاتارلىق سۆزلەر تەركىۋىدىكى سۆز يىلتىزى «گۈلزار»،«تۇمار»، «بىزار». بۇ سۆزلەر تەركىبىدىكى «ر» ھەرىپى رەۋى بولىدۇ. «ر» ھەرىپىگە كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن «ى» ھەرىپى ۋەسىل بولىدۇ. «ى» ھەرىپىگە ئۇلىنىپ كەلگەن«د» ھەرىپى خۇرۇچ بولىدۇ. «د» ھەرىپىگە ئۇلىنىپ كەلگەن«ۇ» ھەرىپى «مەزىيد» بولىدۇ. «ۇ» ھەرىپىگە ئۇلىنىپ كەلگەن «ر» ھەرىپى نائىرە بولىدۇ.
ھەرىكەدىن تەركىب تاپىدىغان 6 ئامىل.
1) رەس، 2)ئشباھ، 3)ھەزۋ، 4) تەۋجېھ، 5)مەجرا 6) نەفاز قاتارلىقلار.
1). رەس ـــ «ا»ياكى «تەئسس»نىڭ ئالدىدا كېلىدىغان يۇشۇرۇن«ئە» ھەرىپى «رەس» دىيلىدۇ. ئەرەب تىلىدا ھەرفى ئىللە بار يەردە، يەنى «ا» بار يەردە «رەس» يۇشۇرۇن بولىدۇ. رەس ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە كۆپ قۇللىنىلمىغان بولغاچقا بۇ ھەقتە ئايرىم توختالمىدىم.
2). ئىشباھ ـــ دەخىلدىن كىيىن كەلگەن ھەرىكەلەرگە رەۋى ھەرىپىدىن كېيىن ۋەسىل ئۇلانغان بولسا « ئىشباھ » بولىدۇ. مەسىلەن :
تولا يادلاپ سىنىڭ ئېتنىڭنى،
دەرد قاپلىدى يۈرەك قېتىڭنى.
كۆرسەتسەڭچۇ ئەي جانان دىدار،
خار قىلمىساڭ مۇھەببىتىمنى!؟⑭
يۇقارىقى رۇبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن « ئېتىڭنى »،« قېتىڭنى »، « مۇھەببىتىمنى » قاتارلىق سۆزلەرنىڭ يىلتىزى «ئات»، «قات »، «مۇھەببەت ». بۇ سۆزلەر تەركىبىدىكى «مەت» بۇغۇممىدىكى «م» ھەرىپى «دەخل». «مەت» بۇغۇممىدىكى «ە» ھەرىپى « تەۋجېھ». بۇ سۆزلەر تەركىۋىدىكى «ت»ھەرىپى رەۋى.
3) . ھەزۋ ــــ «قەيد»نىڭ ئالدىدا كەلگەن ھەرىكە «ھەزۋ» دەپ ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن: ئەل قوزغالسا قوزغىلار تەخت،
ئەل قوغدىسا قوغدىلار بەخت.
ئەل ئېشىغا توپا چاچسا كىم،
شاھ بولسىمۇ بۇلۇر بەدبەخت!⑮
بۇروبائىيدىكى«تەخت»،«بەخت»،«بەد بەخت»قاتارلىق سۆزلەردىكى «ت» ھەرىپى «رەۋى» بولىدۇ. «خ»ھەرىپى «قەيد». «قەيد» نىڭ ئالدىدا كەلگەن«ە» ھەرىپى «ھەزۋ» بولىدۇ.
4). تەۋجېھ ـــ دەخىلدىن كىيىن كەلگەن ھەرىكەلەرگە رەۋى ھەرىپىدىن كېيىن ۋەسىل ئۇلانمىغان بولسا«تەۋجېھ» بولىدۇ. مەسىلەن:
دېمەيمەن «سېنى دەپ كۆردۈم مالامەت»
سېنىڭچۈن مالامەت كۆرگىنىم ئامەت.
ۋەدىگە ۋاپانى كۆرسەڭلا راۋا،
توي ماڭا ھەر قانچە زۇلمى قىيامەت!⑯
يۇقارىقى رۇبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن «مالامەت»، «ئامەت»، «قىيامەت» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ يىلتىزى «مالامەت»، «ئامەت»، «قىيامەت» بولۇپ، بۇ سۆزلەر تەركىبىدىكى «مەت» بۇغۇممىدىكى «م» ھەرىپى «دەخل» بولىدۇ. «مەت» بۇغۇممىدىكى «ە» ھەرىپى « تەۋجېھ»بولىدۇ. بۇ سۆزلەر تەركىۋىدىكى «ت»ھەرىپى رەۋى. يۇقىرىدا شەرھىلىگىنىمىزدەك «رەۋى»دىن كىيىن ۋەسىل ئۇلانمىغان شۇڭا بۇ «تەۋجېھ» ھىسابلىنىدۇ.
5). مەجرا ــ «رەۋى» ھەرىپىدىن كېيىن كېلىپ «رەۋى» ھەرىپى بىلەن« ۋەسل»نى بىر-بىرگە ئۇلاپ تۇرىدىغان ھەرىكە «مەجرا» دىيلىدۇ. ئەگەر ۋەسىل ھەرفى ئىللەدىن تەركىپ تاپقان بولسا مەجرا يۇشۇرۇن بولىدۇ. مەسىلەن:
تولا يادلاپ سېنىڭ ئېتىڭنى،
دەرد قاپلىدى يۈرەك قېتىمنى.
كۆرسەتسەڭچۇ ئەي جانان دىدار،
خار قىلمىساڭ مۇھەببىتىمنى!؟⑰
يۇقارىقى روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن«ئېتىڭنى»، «قېتىمنى»،« مۇھەببىتىمنى» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ سۆز يىلتىزى «ئات »، «قات »،« مۇھەببەت».سۆزلەرتەركىبىدىكى«ت» ھەرىپى رەۋى بولىدۇ.«ئېتىڭنى» سۆزىدىكى «ت» بىلەن «ڭ» ھەرىپىنى باغلىغۇچى «ى» ھەرىپى،« قېتىمنى »سۆزىدىكى «ت» بىلەن «م» ھەرىپىنى باغلىغۇچى «ى» ھەرىپى،« مۇھەببىتىمنى » سۆزىدىكى «ت» بىلەن «م» ھەرىپىنى باغلىغۇچى«ى»ھەرىپى « مەجرا »بولىدۇ.
6).نەفاســـ«ۋەسل»دىن كىيىن كەلگەن ھەرىكەلەرنىڭ ھەممىسى«نەفاس» دىيلىدۇ.
مەسىلەن:«قېرىساق قولقانات بولار بالىمىز»
دېمىسە كۆيەمتى ئاتا-ئانىمىز.
مۇشتۇمچە تۇغۇلدۇق،ھالال بۇ كۈندە،
ئارزۇغا جاۋابەن شۇمۇ ھالىمىز؟...⑱
بۇ روبائىدىكى « بالىمىز »، « ئانىمىز »، « ھالىمىز » قاتارلىق سۆزلەر ئۆز-ئارا قاپىيىداش.سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى«لى» بوغۇمىدىكى «ى»،«نى» بوغۇمىدىكى «ى»،«لى» بوغۇمىدىكى «ى» مەجرا،«م» ھەرىپى ۋەسل،«م» ھەرىپىگە كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن «ى» ھەرىپى «نەفاس» بولىدۇ.
مېنىڭچە، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر شېئىرىتىدە روزى سايىت شېئىر ئىجادىيتى مەيلى ئاڭلىق ھالدىكى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇسۇلى بىلەن بولسۇن ياكى ئاڭسىز ھالدىكى تەقلىد قىلىش شەكلى بىلەن بولسۇن، بۇ ئېنىقكى يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر شېئىر ئىجادىيتىنى ئۇيغۇر كىلاستىك ئەدىبىياتى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرىتىگە تۇتىشىدىغان، باغلىنىشچانلىققا ئىگە بولغان بىر 《ھالقا》دىرىشكە بولىدۇ. روزى سايىتنىڭ شېئىر ئىجادىيتىدىكى يۇقىرى ماھارىتى ئىچىدىن سېستىملىق بىر شېئىرىيەت نەزىرىيەسىنى كۆرۈۋىلىش بىلەن بىرگە، كىلاسسىكلار نىڭ بۇ خىل شېئىرىيەت نەزىرىيىسىدىن ، شېئىرىيەتكە تۇتقان ئىلمىي پۇزىتسىيەسىدىن ئۇزۇق ئالغانلىقىنى كۆرۈۋىلىش تەس ئەمەس. شۇنداقلا بۇ خىل ئىجادى ۋارىسچانلىق ئۆزى ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيتىنىڭ يۇكسەكلىككە كۆتۈرۇلىشىدىكى مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى خۇلاسىلاشقا بولىدۇ. بىز مەيلى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىغا قارايلى ئۇلارنىڭ مەلۇم دەۋىردە ئۆزئەدەبىياتىغا قويغان نەزىرىيەۋى سىستىمىسى بولغان بۇلىدۇ. بۇ نەزىرىيەۋى سىستىما مەيلى قايسى خىل يۇلىنىشكە تەۋە بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر شۇ دەۋىر ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن، ئەدەبىيات تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. يەنە بىرتەرەپتىن مۇئەييەن دەرىجىدە شۇ دەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ قايتۇرما ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى دىرىشكە بۇلىدۇ. روزى سايتنىڭ شېئىر ئىجادىيتىگە قەدەم قويشىغا، ئەدەبىياتىنى چۇشىنىشىگە كىلاسسىك ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ۋە شۇ مەزگىللەردىكى شائىر ئۇستازلارنىڭ شېئىرىيەت قارىشى كۈچلۇك تەسىرىنى كۆرسەتكەنلىگى ئېنىق. روزى سايىت بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« ئوقۇش مەزگىللىدە زور تىرىشچانلىق بىلەن شۇ مەزگىللەردە بار بولغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسىرلىرنىڭ نەمۇنىلىرى،كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرنى ئۇگەندىم. ئەپسۇس سېستىمىلىق نەزىرىيەۋى بىلىم ئىلىش تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىدىم. شۇ مەزگىللەردە بۇنىڭدىن باشقا مەمتېلى زونۇن،قۇربان ئىمىن،مۇھەممەت سىدىق، تۇمۇرىلەر بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تۇغرىسىدا نۇرغۇن قىتىم ئۆگىنىش ھەم سۆھبەت مۇلاھىزىلەردە بولدۇم .بۇ مىنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى چۈشىنىشىمىدە مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنداق قىلىپ مەن كىتاب ئۇقۇشتىن، شېئىرىي ئۇقۇشتىن بىردەممۇ ئايرىلىپ باقمىدىم...».ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:« مەن بەختىمىگە يارىشا، كىتابخۇمار كىشلەر ئاپەتتتىن ساقلاپ قالغان ناھايتىى ئاز تاش باسما ۋاراقلار ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ئەلىشىر نەۋائىيسىدىن، شاھ مەشرىپىدىن، ئەخمەت شاھسىدىن شېئىرىيەتنىڭ تۇنجى ساۋىقىنى ئېلىشقا ئۈلگۈردۈم. يەنە مەن ئۆزەمنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، نىمشېھىد ئارمىيسى. .. بارلىقىنىمۇ بىلىۋالدىم...». بىز كۆرۈپ ئۆتكەندەك روزى سايىت كلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بىلەن ئۆزىنى قۇراللاندۇرۇپ، كىلاسسىك شېئىرىيتىمىزدىكى ئىجادىيەت ئۇسۇللاردىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت مەنزىرسى سىزىپ چىقىشنى مەخسەت قىلغان. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن كىلاسسىك شېئىرىي شەكىللەرنىڭ روزى سايىت شىېئىرلىرىدا داۋاملىشىشى تەقلىدىچانلىققا ئىگە بۇلغان ئۆرنەك ئېلىشنىڭ، ئىجادى ۋارىسچانلىق روھىنىڭ، كلاسسىك شېئىرىيەتكە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ نەتىجىسى دىرىشكە بولىدۇ.
بۇ ماقالىنىڭ داۋامى بار ئىدى. ھازىرچە دەسلەپكى قەدەمدە «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان نۇسخسىنى ئاسا قىلغان ھالدا تۇرداشلار بىلەن پىكىرلىشىشنى مەخسەت قىلىپ تۇرداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. كىينكى قەدەمدە كىلاسسىك شېئىرىيتىمىزە شېئىر قاپىيەلىرىدە ساقلىنىدىغان نۇقسانلار ھەققىدىكى نەزىرىيەنى روزى سايىت شېئىرلىرىدىن مىساللارنى ئېلىپ تەييارلىغان ماقالەمنى ھەم قاپىيەلەر ئۇستىدە ئۆزەمنىڭ ماتىماتىكلىق ھىسابلاش ئۇسۇلى بويىچە نۇمۇر قويۇپ خۇلاسىلاپ تەكشۇرگەن (دەسلەپكى قەدەمدە سىناق ھالىتىدىكى سېفىرلىق تەھلىل)ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق پەيىتتە كۆپچىلكنىڭ تەنىقىدى پىكىرىگە سۇنىمەن.
مەنبە شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
يۇللۇغۇچى مەتۇرسۇن ئېلى