باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 589 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەردىن دىققەت قىلغىن
دوستلىشىش
muhtarbay
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 588
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە588دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7584 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-01-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-11 17:55

گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەردىن دىققەت قىلغىن

گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەردىن دىققەت قىلغىن



ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق نەرسە ھارامدۇر، گۇناھقا سەۋەپچى بولىدىغان ئىشلاردىن قول ئۈزگەندىلا، گۇناھتىن تولۇق قول ئۈزگىلى بولىدۇ.



* ئەگەر ئۆزەڭنىڭ ھارامغا سەبىر قىلالمايدىغانلىقىڭنى بىلسەڭ، ئاندىن يېرىم يالىڭاچلىق، ئوچۇق ئەۋرەت فىتنە-پاساتلىرى كۆرۈلىدىغان بىر جايغا چاقىرىلساڭ، بۇ جايغا بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ ساڭا ھارام ھېساپلىنىدۇ.



* ئەگەر كۈنىگە ئالتە سائەت ئۇخلىساڭ ئۇيقۇڭ تۇلۇق قانىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئاندىن بەدىنىڭنىڭ ئارامىنى تامامەن بۇزىدىغان ھالدا كېچىلىك ئولتۇرۇشقا قاتنىشىپ، بۇ تۇپەيلى بامدات نامىزىڭنى قولدىن بېرىپ قويساڭ، بۇ كېچىلىك ئولتۇرۇش سەن ئۈچۈن ھارام.



* ئاللاھنى يادىڭدىن چېقىرىپ، سېنى ئازدۇرىدىغان، پەس شەھۋەت-ھەۋەسلىرىڭنى قوزغايدىغان ۋە نادامەتكە پۇرسەت بەرمەي ئازدۇرىدىغان دوست-ئاغىنلىرىڭ بولسا، ئۇلار بىلەن بىللە بولۇش سەۋەبىدىن ھارام ئىشلارغا ئىشىك ئېچىلىدىغان بولسا، بۇنداق دوست-ئاغىنلەر بىلەن بىللە بولۇشۇڭنىڭ ئۆزى ھارام.



تەۋبە قىلماقچى بولغان بىرىگە ئېبراھىم ئىبنى ئەدھەمدىن ئىبارەت بىر ئۇلۇغ زاھىد مۇنداق نەسىھەت قىلغان ئىدى: «كىمكى تەۋبە قىلماقچى بولىدىكەن، يامان ئىشلاردىن تامامەن قول ئۈزسۇن. بۇرۇن ئارلىشىپ كەلگەنلەر بىلەن ئارىلاشمىسۇن، بولمىسا ئويلىغىنىغا يېتەلمەس».





ھېكمەت



بېشرى ئىبنى ھارىسنىڭ قىز بىر تۇغقىنى زەبدە ئېيتىقان: «بەندىگە ئەڭ ئېغىر نەرسە -گۇناھ، ئەڭ يېنىك نەرسە - تەۋبە قىلىشتۇر. ئۇنىڭ ئېغىر يۈكىنى يەڭگىلىگە ئالماشتۇرمايدىغىنى نىمىسىدۇ؟!».



2  ـ نادامەت



مەقبۇل تەۋبىنىڭ ئىككىنجى شەرتى نادامەتتۇر.



نادامەتنىڭ تۇغۇلىشى



* نادامەت قىلغىن! چۈنكى سەن گۇناھقا پاتقان ۋاقتىڭدا، گۇناھ سادىر قىلىپ خۇرسەنلىك تاپقىنىڭدا، ئاللاھنىڭ سېنى كۈزىتىپ تۇلۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭ بولسىمۇ پەرۋا قىلماستىن گۇناھىڭنى يۇيماي تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كەتكىنىڭدە-ئاللاھتىن يىراقلىشىشتىن ئىبارەت زور خاتالىققا يول قويغان بولىسەن!



* پۇشايمان قىلغىن! چۈنكى سەن مالائىكىلەرنىڭ ھەمرالىقىنى شەيتاننىڭ دوستلۇقىغا سېتىۋەتتىڭ، جەننەتتە پەيغەمبەرلەر بىلەن بىللە ئۆتۈشنى دوزاختا شەيتانلار بىلەن بىللە بولۇشقا ئالماشتۇردۇڭ؛ ئاللاھ رەھمىتى ۋە رازىلىقىنى ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئاسىيلىقىغا تېگىشتىڭ...



* ھەسرەت چەككىن! چۈنكى سەن گۇناھلار ئارقىلىق ۋاقىتتىن ئىبارەت دەسمايەڭنى يوقاتتىڭ؛ ئىسىت! سەن ئۇنى پايدىسىز يەرگە سەرپ قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزەڭگە زەرەر يەتكۈزىدىغان، جازاغا ئۇچرىتىدىغان ۋە ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىدىغان ئىشلارغا خەجلىدىڭ...



{(گۇناھىڭلارنىڭ) ھەر-بىرىنى گۇناھى تۈپەيلى جازالىدۇق}، (ئەنكەبۇت سۈرىسى، 40 - ئايەت)



* نادامەت قىلغىن چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ گۇناھ تۈپەيلى سېنى گۇناھقا پاتقان پەيتتە قەبزى روھ قىلىپ قالسا، سېنىڭ ھاياتىڭنى ئېچىنىشلىق ئاخىرلاشتۇرغان بولىدۇ، قانداق نەرسە ئۈستىدە ئۆلگەن ئادەم شۇنداق ھالەتتە تېرىلىدۈرىلىدۇ.



* پۇشايمان قىلغىن! چۈنكى سەن تەۋبە قىلغان ھالەتتىمۇ، تەۋبەڭنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىغا كېپىللىك قىلالمايسەن، مەغپىرەت تىلىگەن ئەھۋالدىمۇ ئاللاھتىن كەچۈرۈم بېلىتى ئالالمايسەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن: «سەن ئۈچۈن تەۋبىگە ئۇرۇنۇشقا قارىغاندا گۇناھنى تەرك قىلىش ئاساندۇر، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ تاشلاپ، ساڭا تەۋبە ئىشىكى تاقىلىپ كەتسە، ئامالىڭ قالماسلىقتىن قانداقمۇ خاتىرجەم بولالايسەن؟».



نادامەتنىڭ بەلگىلىرى بار



بەندە پۇشايمان-نادامەت قىلسا، نادامىتى قەلبىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ ئاخىرى كۆز ياشلىرى ئارقىلىق گۇناھىنى يۇيۇۋېتىدۇ. ئاللاھتىن قورقۇپ تۆكۈلگەن ياش تەۋبە قىلغۇچىنى ئالى ماقام، يۈكسەك نىشانلارغا ئۆرلىتدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ بىشارىتىگە قۇلاق سالغىن: «دەۋزەخ ئوتى تەگمەيدىغان ئىككى خىل كۆز بار... بىرسى ئاللاھتىن قورقۇپ ياش تۆككەن كۆزدۇر...».



يەنە تېخى ئىبنى ئۆمەر تۆۋەندىكى سۆزى ئارقىلىق كىشىگە ئىلھام بېغىشلايدۇ: «ئاللاھتىن قورقۇپ بىر تامچە ياش تۆكۈش مەن ئۈچۈن مىڭ دىنار پۇل سەدىقە قىلغاندىن ئارتۇق».



شۇڭا نادامەت قىلغۇچى رەسۇلۇللاھنىڭ بىشارىتىدىن ئىلھام ئىلىپ، مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىرنىڭ قىلغىنىنى دورايدۇ، ئۇ ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان چاغلىرىدا كۆز ياشلىرىنى يۈز ۋە ساقاللىرىغا سۇۋايتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «دوزاخ ئوتى ياش تۆككەن جاينى كۆيدۈرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ھەدىس ئاڭلىغانمەن».



* كىمكى يىغلاي دەپمۇ كۆزىدىن ياش چىقىرالمىسا، يىغلاشقا ھەرىكەت قىلىپ يىغلامسىرىسا، ئاخىرى ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇنداق نىجاتكار يىغىنى نېسىپ قىلىدۇ. ئەبۇ بەكرى سىددىق مۇنداق دەيدۇ: «يىغلىيالىغان ئادەم يىغلىسۇن، يىغلىيالمىسا يىغلامسىرىسۇن».



گۇناھلار مۇئامىلىسى



تەۋبە قىلغۇچى قېرىندىشىم! ئەگەر بىر ئاقىل ئىنسان پەقەت ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرىدىكى گۇناھلىرىغىلا يىغلايدىغان بولسا، ئۇ ئۆلۈپ كەتكىچە غەم - قايغۇ ئىچىدە ئۆتۈشى ھەقلىق دېگەنلىكتۇر؛ قالغان ئۆمرىنىمۇ ئۆتۈپ كەتكەن گۇناھلىق دەۋرىدەك ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! يەنە تېخى گۇناھلىرى تەۋبە ئارقىلىق كەچۈرۈلگەن ئادەم ئىسىل مۆمىنلەرنىڭ ساۋابىدىن قۇرۇق قالماسلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ تەقۋادار بولۇشى كېرەك...



تەۋبە قىلغۇچى قېرىندىشىم! يېرىم كېچىلەردە ئاللاھقا نىدا قىلىڭ! سەھەرلەردە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىڭ! مۇناجاتلىق ئاۋازىڭىزنى ئۈزمەڭ:



گۇناھلار مەندە كۆپ ھازىر، يارەببىم!

بىرمۇ - بىر ساناشقا يوقتۇر شىجائەت.

جەھەننەم ئازابى بەك مۈشكۈل ماڭا،

سەبرىم ھەم كۈچۈم يوق، قىلماسمەن تاقەت.

ئىلاھىم بەندەڭمەن ئاجىز، بىچارە،

ساقلىغىن دەۋزەختىن تاڭلا قىيامەت!



ھېكمەت



بەكرى ئىبنى ئابدۇللاھ مۇزەنى مۇنداق دېگەن:



«بىر كىشى نامازغا چىقىپ جامائەتكە ئۈلگۈرەلمەي قېلىپ، ئەگەر ئۇ بۇنىڭغا قايغۇرسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا جامائەتنىڭ فەزىلىتىنى ئاتا قىلىدۇ».



3 - قايتىلىماسلىققا بەل باغلاش



گۇناھلىرىڭغا قايتىدىن قەدەم تاشلاپ سالماسلىققا بەلنى مەھكەم باغلىغىن، بۇنىڭدا تەۋرىنىپ قالمىغىن. ئوغۇل بالىلاردەك ئىش قىلىپ، ۋەدەڭدە چىڭ تۇرغىن، نىيتىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغىن، بەل باغلىساڭ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن.



ھەقىقى ئەركەكلەرچە ئىرادە



مالىك ئىبنى دىنار بىر كۈنى بازاردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىر ئەنجۈر ساتقۇچىنى كۆردى ۋە ئەنجۈر يىگۈسى كەلدى، لېكىن ئۇنىڭدا پۇل يوق ئىدى، ئۇ باققالدىن نېسىگە بېرىشنى ئۆتۈندى، بىراق باققال ئۇنىمىدى، مالىك يەنە باققالغا ئاياق كىيمىنى گۆرۆگە قويۇپ تۇرۇپ ئەنجۈر ئالماقچى بولدىيۇ، مەقسەتكە يېتەلمىدى.



شۇنىڭ بىلەن مالىك قايتىپ كەتتى. كىشىلەر باققالنىڭ قېشىغا كېلىپ، ھېلىقى خېرىدارنىڭ كىملىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، باققال ئۆز قۇلى ئارقىلىق مالىكقا ھارۋىدىكى بارلىق ئەنجۈرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇ قۇلىغا: «ئۇ بۇ ئەنجۈرلەرنى قۇبۇل قىلىدىغان بولسىلا، سەن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازاتسەن» دېدى.



باققالنىڭ قۇلى ئازاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشنى خىيال قىلغان ھالدا مالىكنىڭ ئۆيگە باردى، ئەمما مالىك ئۇنىڭغا: «بېرىپ خوجايىنىڭغا ئېيتىقىن! مالىك ئىبنى دىنار دىننى سېتىپ ئەنجۈر يېمەيدۇ، مالىك قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئەنجۈر يىمەسلىككە قەسەم قىلغان» دېدى .



قۇل ئۇنىڭغا: «تەقسىر بۇنى ئالسىلا، بۇ ئارقىلىق مەن ئازاتلىققا ئېرىشمەن» دېدى. مالىك ئۇنىڭغا «سەن ئازاتلىققا ئېرىشكىنىڭ بىلەن مەن بۇ ئارقىلىق قۇللۇققا گىرىپتار بولىمەن» دېدى.



مالىك ئۆز ھەۋىسىنى دەپ خارلىنىپ، قورسىقىنى دەپ ئاھانەتكە ئۇچرىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەچكە، ئۆزىنى ئەدەپلەش يۈزىسىدىن، نەپسى-بالاسىغا يۈگەن سېلىپ ئۇنى چېنىقتۇرۇش يۈزىسىدىن ئەنجۈر يېيىشنى ئۆزىگە ھارام قىلغان ئىدى.



شەيتانغا ئالدىنىپ، نەپسى-ھەۋەسكە قۇل بولۇپ خاتالىق ئازگاللىرىغا چۈشۈپ كېتىدىغانلار نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئېرادىگە كېلەلمەيدۇ؟ ئۇنداقلار ئۈزىنى پەسكەشلىك، پەسلىك ئازگاللىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلىماستىن، ئۆزىنى بىچارە ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا رازى بولغىنى نېمىسى؟



پولاتتەك ئېرادىگە ئىگە كىشىلەر



سەلەمە ئىبنى دىنار ئەينى ئىبرەتنى چۈشۈنۈپ يەتكەچكە، بىر كۈنى ئۇ قاسساپلار ئالدىدىن ئۆتكەن چاغدا ئۇلار: «بۇ سېمىز گۆش، سېتىۋالسىلا» دېيىشتى، سەلەمە: «مەندە ئۇنىڭغا بەرگۈدەك پۇل يوق» دېدى، ئۇلار: «پۇلنى كېيىنگە قالدۇرايلى» دېۋىدى، ئۇ: «مەن ئۆزەمنى كېيىنگە قالدۇراي» دەپ جاۋاپ بەردى.



ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەممۇ بۇ ئىبرەتنى بىلگەچكە، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەرز-ھاللىرىنى ئېيتىپ: «گۆش بەك قىممەتلەپ كەتتى» دېيشكەندە، ئۇلارغا: «سىلەر ئۇنى ئەرزانلاشتۇرۇڭلار» دېگەن ئىدى، يەنى ئۇ گۆشنى سېتىۋاالمىساڭلا بولىدىغۇ، دېمەكچى ئىدى.



قېرىندىشىم! ئىبنى سەمئۇن ئېيتقان بۇ ھېكمەتلىك سۆزگە قۇلاق سالغىن:



«گۇناھلارنىڭ چاكىنا نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، قەدىر-قىممىتىنى ساقلاش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا يولىمىغان ئىدىم، ئۇ مېنىڭ ئادىتىمگە ئايلىنىشقا يول تاپالمىدى».



سىز يەنە مۇنداق ئېرادە ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەرىكەتلىرىگە چۈمۈلۈپ، ياخشىلىقلىرىغا غەرق بولىدىغانلىقىڭىزنى ئويلىدىڭىزمۇ؟



ئەبۇ ھەزم سەلەمە ئىبنى دىنارنىڭ دىللارنى يۇرىتىدىغان بۇ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ بېقىڭ: «نەپسانى دۇنيارىڭ تۈزەلگەندە چوڭ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈلىدۇ؛ بەندە گۇناھ قىلماسلىققا ئېرادە باغلىغان چاغدا، غەلبىلەر ئۇنىڭغا قۇچاق ئاچىدۇ».



گۇناھتىن باشقىغا قۇۋۋەتسىز، خاتالىقتىن باشقىسىغا ئېرادىسىز بىلى بوش، غەيرەتسىز ئىنسانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!



ھەۋەسكە غەرق بولغان قەلبكە نەچارە،

شەيتانغا رايىشۇ، رەھمانغا ئاسى.

تەۋبىگە نەسىھەت قىلساڭ ئۇنىماي،

گۇناھقا تەلپۈنەر نەپسى بالاسى!



ھېكمەت



فۇزەيل ئىبنى ئىياز ئاللاھ يولىدا جەڭگە ئاتلانغان مۇجاھىدلار بىلەن ۋىدالاشقان چاغدا مۇنداق دەپ تاپىلايتتى: «تەۋبە قىلىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى قېلىچ قايتۇرالمىغاننى تەۋبە قايتۇرالايدۇ».



تەۋبىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ



مەغپىرەت تىلەش باشقا نەرسە، تەۋبە باشقا نەرسە...



مەغپىرەت تىلەش سۆز ئارقىلىق، تەۋبە ئەمەلىيەت ئارقىلىق بولىدۇ. مەغپىرەت تىلەشنى مۆمىنمۇ، مۇناپىقمۇ جايىدا قىلالايدۇ، ئەمما تەۋبىنى مۆمىنلا ۋايىغا يەتكۈزەلەيدۇ، مەغپىرەت تىلەش بولسا، ئاللاھ تەرەپكە قايتىش ئېلانى، ئەمما تەۋبە بولسا ئاللاھ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: {رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار!} (ھۇد سۈرىسى، 52  ـ ئايەت) دېگەن. شۇڭا يامانلىق ئارقىسىدىن ياخشىلىق قىلمايدىغان، گۇناھنىڭ كەينىدىن تائەتكە بېرىلمەيدىغان ھەر قانداق تەۋبە قىلغۇچىنىڭ تەۋبىسى ناجىنس ھەم گۇمانلىقتۇر. دەل شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر سالىھ  كىشىنىڭ مۇشۇ يولنىلا تۇتقانلىقىنى ئۈچىرتىسەن.



* ئۆمەر ئىبنى خەتتاب باغچىسى بىلەن مەشغۇل بولۇپ نامازغا كېچىكىپ قالغاچقا سەدىقە بەرگەن.



* ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللامۇ مۇشۇنداق يول تۇتقان، ئۇ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇيالماي قالغىنىدا، كېيىنكى ناماز بىلەن بىرگە نەپلى نامازلارنى ئوقۇيتى.



* ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ سىڭلىسى ئۇممۇل بەنىننىڭ قېشىغا بىر كۈنى  ئەززە خانىم كىرىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاشىقى شائىر كۈسەييىرىنىڭ:



                 قەرزدارلار قەرزىنى تۈگەتتى تامام،

                 قەرزىنى تۆلىمەي قىينايدۇ ئەززە ...



دېگەن سۆزىدىكى بۇ قەرزىنىڭ زادى نېمىلىكىنى سورىغان، ئەززە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بىر قېتىم سۆيۈۋېلىشىغا ۋەدە قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇنى ئورۇنداشتىن قىينالغانلىقىنى ئېيتىقاندا، ئۇممۇل بەنىن ئۇنىڭغا: «ۋەدەڭنى ئورۇندىغىن، گۇناسى ماڭا بولسۇن!» دەپ تاشلىغان ۋە مۇشۇ سۆزى ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ قىرىق نەپەر قۇلنى ئازات قىلغان.



مەقبۇل تەۋبىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بەلگىسى تەۋبە قىلغۇچىنىڭ تەۋبە قىلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ تەۋبە قىلىشتىن بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇشىدىن ئىبارەت، بۇنداق بولۇش ئۈچۈن مەزكۈر ئۆمەر، ئىبنى ئۆمەر (ئابدۇللا) ۋە ئۇممۇل بەنىنلاردەك قىلىشىڭ لازىم، يەنى گۇناھ-خاتالىقنىڭ تەسىرىنى يوقىتىپ، ئۆرۈلۈپ چۈشۈشكە باشلىغان ئىمان بىنايىڭنى قايتىدىن مۇستەھكەملىشىڭ زۆرۈر، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ بىشارىتىگە قارىغىن: {شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ} (ھۇد سۈرىسى، 114ـ ئايەت)



رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىگە قارىغىن: «يامان ئىشنىڭ كەينىدىن ياخشى ئىش قىلغىن، ئالدىنقىسىنى ئۈچۈرۈپ تاشلايدۇ».



شام ۋائىزى ئاتالغان ئەھمەد ئىبنى ئاسىم ئەنتاكىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ باقساڭ گۈلقەقەلىرىڭ ئېچىلىپ كېتىدۇ: «كەلمىشىڭ(كەلگۈسۈڭ)نى ئىسلاھ قىلغىن، ئۆتمۈشۈڭ مەغپىرەت قىلىنىدۇ».

http://1253.blogbus.com/c1990589/


/ئاللاھ ئىمانىمىزنى پاك قىلسۇن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7418
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-16
ئاخىرقى: 2011-09-22

رەھمەت قېرىندىشىم ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن .
زۇلال
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ  (زىمىنىم قورۇقما)
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 726
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 240
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە240دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 2805 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-27
ئاخىرقى: 2011-12-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-12 16:30

ئاللا رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم
ئوخشاش تېلدا سۆزلەشكەنلەر ئەمەس ، ئوخشاش ئوي- پىكىردە بولغانلار ئېتتىپاقلىشالايدۇ.