كۆيۈپ كەتتى ھەلەق كىيىملەر،
تۈتۈنلىرى پەلەككە ئۆرلەپ .
يوقىتالماي ئاۋارە ئىدىم ،
نۇمۇسسىزغا غەزىپىم ئۆرلەپ .
قانداق كۆيدى بىلمىدىم لىكىن ،
كۆز ئالدىمدا يوقالدى ئەمما.
كىيىپ ھەممە مودا قوغلىشىپ ،
قويغانئىدى ئەجەپ تەماننا.
يىغىپ كەپتۇ بىر قىزچاق ئۇنى،
دۆۋلىدى بۈ ئەخلەتخانىغا .
كۆيدۈرىمەن دىدى جار سېلىپ ،
بىر ۋاراق خەت تۇرار قولىدا .
مەن ئۇيغۇرنىڭ قىزىمەن دىدى،
شەرمىي-ھايالىق ئىدى ئەجدادىم .
ئۇلۇغ ھايا قەلبىمدە يانا،
ھەم ھايالىق بولسۇن ئەۋلادىم .
مەن ئۇيغۇرنىڭ قىزىمەن گۈلدەك ،
ئىسىل ئەخلاق مىنىڭ ياپرىقىم .
چىن ئېتىقادىم ماڭا يار -يۆلەك ،
ئىپپەت-نۇمۇس مىنىڭ بارلىقىم .
قىپتۇ مىنىڭ ھۆسنۈمنى خۇنۇك ،
مەن كىيگەن شۇ ھەلەق كۆينىگىم .
ئەخلەت كەبى خارۇ - زار قىلدى ،
ھەلەق كىيىم كىيىپ يۈرمىكىم .
كۆيسۇن! كۆيسۇن !كۈل بولسۇن تازا ،
ئەجدادىمغا ، ماڭا يات ھەلەق .
ئۇيغۇر قىزى ،ئىپپەتلىك قىزمەن ،
ماڭا غۇرۇر ،ۋىجدانىم كېرەك .
كۆزلىرىمدە ھاياجان يېشى ،
بەك يارىدى ئۇنىڭ بۇ ئىشى .
ھەلەق كىيىم تۈتۈن بوپ كەتتى ،
يېرىم كۆڭلۈم پۈتۈن بوپ كەتتى .
مەنبە : ئابدۇللا ياقۇپ( بەختى)