باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 628 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۇرۇت ماجىراسىنىڭ داۋامى
ياخشىلق قىل قولۇڭدىن كەلسە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8509
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 84
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە84دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-08
ئاخىرقى: 2011-09-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-11 17:27

بۇرۇت ماجىراسىنىڭ داۋامى

كەچلىك تامىقىمنى يەپلا ئۆزۈمنى ئورۇنغا تاشلاپ خىيالغا پاتتىم .ئايالىم قاچا -قۇمۇچنى بېسىقتىۇرۇۋىتىپ،دۈگىلەكلەۋالغان توشۇڭ يىپلىرى بىلەن ئۇزۇن بىگىزلىرىنى ئېلىپ ،ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ئولتۇردى .ئۇ پوپايكا توقۇشقا ناھايىتى ئۇستا ئىدى .بىكار بولۇپ قالسىلا ،كونىرىغان يۇڭ كىيىملەرنى چۇۋۇپ ،باشقىدىن توقۇش بىلەن مەلىكە بولاتتى .قولىغا بىگىز چىقىشى بىلەن ئاغزىمۇ تەڭ گەپكە تېگەتتى ،گېپى توختاپ قالسا قولىمۇ توختاپ قالاتتى .
   -ئاتا-بالا ئىككىڭلار نېمە بولدۇڭلار ؟-دېدى ئۇ توقۇشنى باشلاپ.
-نېمە بوپتىمىز ؟
 -بۇرۇت قويۇپ تاراقشىپ كېتىۋىدىڭلار ،بۈگۈن بېرىپ تەڭلا يوق قىلىپ كەپسىلەرغۇ؟
    يۈرىكى ئاجىز بۇ خوتۇنغا راسىت گەپنى ئېيىتقۇم كەلمەي :
  -بۇرۇت دېگەننى بىر قېتىم ئالدۇرىۋەتكەنگە يوق بولۇپ كېتىدىغان نەرسە دېۋىدىڭمۇ ؟قويغۇمىز كەلسە يەنە ئون كۈنگە قالمايلا ئۆسۈپ ،تەييار بولىدۇ ،-دەپ قويدۇم.
   شۇنىڭ بىلەن ئايالىم ،پالانچىنىڭ بالىسى بۇ يىلمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەپتۇدەك ...قاراڭ پوكۇنچى ئىزا تارىتماي ئۆزىنى مەندىن ئككى ياش كىچىك ،دەپ يۈرگۈدەك ...پۇستانچى يەنە ئېرىدىن ئاجىرىشىپ كېتىپتۇ...دېگەندەك ئۆزىنىڭ ئۇششاق گەپلىرىگە چۈشۈپ كەتتى .قۇلىقىمغا ئۇنىڭ بىرمۇ گېپى كىرمەيتتى .كۆزۈمگە ئۇنىڭ توختىماي مىدىرلاۋاتقان كالپۇكلىرى قانداقتۇر بىر مۇزىكىنى .ئورۇنداۋاتقاندەك ،قولىدىكى بىگىزلىرى بولسا شۇ مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكەندەك كۆرۈنگىنى تۇردى ...ئۆمەرجان ئىيىتقان ھېلىقى شاپ بۇرۇت نېمىدەپ .ئادەم بوغۇزلىماقچى بولۇۋىدىكىنا ؟....بىر بۇرۇتلۇق ئىش تېرىسا ھەممە بۇرۇتلۇقلارنى تىزىملايدىغان بۇ قانداق تەكشۈرۈشتۇ؟ ...مەنمۇ نېمىدەپ ئالمان-تالمان بۇرۇتنى چۈشۈرگۈزۈۋىتىپ يۈرگەندىمەن .قېرىشقاندەك ھېلىقى شاپ بۇرۇتنىڭ ماڭا ئوخشاش ئېگىز  بولۇپ قالغىنىنى قارىمامدىغان ...شۇنداق گادىرماچ خىياللار بىلەن تۈن يېرىمگىچە ئۇخلىيالمىدىم .
    سەھەرگە يېقىن دەھشەتلىك بىر چۈش كۆرۈپ ،قورققىنىمدىن ۋارقىرىۋەتكەن بولسام كېرەك ،ئايالىم مېنى تۈرتۈپ ئويغىتىىۋەتتى .
   -ھوي ،ھوي،كۆزىڭىزنى ئېچىڭ ،كۆزىڭىزنى !....كۆزۈمنى ئاچسام تاڭ يورۇپ كېتىپتۇ .
    -نىمە بولدۇڭ ؟-دېدىم بېشىمدا ھەيران بولۇپ قاراپ تۇرغان ئايالىمغا .
     -ئۆزىڭىز نېمە بولدىڭىز ؟
     -مەن نېمە بوپتىمەن ؟
    -نېمانچە ۋارقىرايسىز ؟
    -ھە،چۈشەكەپ ۋارقىرىغان ئوخشىىمامدىمەن،-يوتقاننى قاير ېۋىتىپ ،كارىۋاتقا پۇتۇمنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ ،كۆرگەن چۈشۈمنى ئېسىمگە ئالدىم ،-توۋا ،ئادەم دېگەن غەلىتە نېمىلەرنى چۈشەيدۇ-ھە!
    -نېمە چۈشەپسىز ؟
    -چۈشۈمدە ئىككىمىز مۇشۇ كارىۋاتتا ئولتۇرغۇدەكمىز .سەن ھە دەپ  بىر نېمە توقۇۋاتقۇدەكسەن ،"نېمە قىلىۋاتىسەن ؟"دەپ سورىسام :"سىزنىڭ كونا پوپايكىڭىزنى چۇۋۇغانتىم ،شۇنى بالىلارغا ئەپلەپ بىر نېمە قىلىپ بېرەيمىكىن ،دەيمەن "دەپسەن .مەن ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ ،خۇشال بولۇپ كېتىپتىمەن -دە :"مېنىمۇ چۇۋۇپ باشقىدىن توقۇپ باقساڭ بولمامدۇ؟"دەپتۇدەكمەن .كۈلمە،راسىتئاشۇنداق دەپتىمەن .سەن :"شۇنداق قىلسامغۇ بولاتتى .بىراق ،چۇۋۇپلا قويغاندىن كىيىن بەزى ئۈزۈلگەن-بۇزۇلغان يەرلىرىڭىز چىقىدۇ،قايتا توقۇغاندا بۇرۇنقىدىن كىچىكلەپ كېتىسىز "دەپسەن .مەن :"كىچىكلەپ كەتسەم تېخى ياخشى .سادىغاڭ كېتەي ،خوتۇن ،مېنى ھازىرلا چۇۋۇپ تاڭ ئاتقۇچە بۆلەكتىن توقۇۋەتسەڭ !"دەپ يالۋۇرۇپتىمەن .
     سەن "ماقۇل"دەپ ،كارىۋاتقا مېنى قىپيالىڭاچ قىلىپ سوزۇلدۇرۇپ ياتقۇزۇپ ،پۇتۇمنىڭ بارماقلىرىدىن باشلاپ چۇۋۇغىلى تۇرۇپسەن .بەدىنىمنىڭ چۇۋۇلۇۋاتقان يەرلىرىدە بىرى مېنى يېنىك غىدىقلاۋاتقاندەك سېزىم ھاسىل بوپتۇدەك .قىلچە ئازاب ھېس قىلماي ،ناھايىتى ھوزۇرلىنىپ يېتىپتۇدەكمەن .چۇۋۇلۇپ كانىيىمغا كەلگەن چاغدا ،يىپنىڭ بېر يېرى چىگىلىپ قېلىپ ،بوغۇلۇپ قاپتىمەن .سەن قانچە ۋارقىرىساممۇ ئاڭلىماي يىپنى تارتىۋەرگۈدەكسەن .دەم ئالالماي ،ئۆزۈمنى ھەر تەرەپكە ئۇرۇپ ،كۆزۈمنى ئاچسام ،چۈشۈم .سەن يېنىمدا ئۆرە تۇرۇپسەن ...
    ئايالىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تېلىقىپ قالدى .
   -كۈلىدىغان نېمىسى بار ،بۇ دېگەن چۈش !
  -ساراڭ بولدىڭىزمۇ ،ئادەمنى قانداق چۇۋۇپ توقۇغىلى بولىدۇ؟...قوپۇڭە،ئورۇن-كۆرپىلەرنى يىغىۋىتەي،-دېدې ئۇ.
     شۇ چاغدا ئېسىمگە بازارلىق ھۆكۈمەتكە بارىدىغان ئىشىم كەلدى -دە ،ئالدىراپ كىيىندىم .
      داۋامى بار      
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5657
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 43
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە43دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 622 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-10
ئاخىرقى: 2012-01-08
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-13 14:27

بۇرتىڭىزغۇ يارىشىپتىكەن بولمىسا