باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 805 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەنگىلىيەدىكى مالىمانچىلىقتا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8215
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 43
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە43دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 665 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-19
ئاخىرقى: 2011-12-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-11 15:16

ئەنگىلىيەدىكى مالىمانچىلىقتا

ئەنگىلىيەدىكى مالىمانچىلىقتا 1000 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىندى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-ئاۋغۇست خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە پايتەختى لوندوندىكى ئۇدا نەچچە كېچە داۋاملاشقان مالىمانچىلىق 10-ئاۋغۇست پەندىنپەي تىنجىشقا باشلىغان، ئەمما بېرمىنھام، مانچىستىر قاتارلىق شەھەرلەرگە يامراپ كەتكەن مالىمانچىلىق يەنىلا داۋاملاشقان. لوندون ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر  مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنغان. ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى 10-ئاۋغۇست كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش كومىتېتى يىغىنى ئېچىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان.
ئامېرىكا CNN تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لوندون ساقچى ئىدارىسى 10- ئاۋغۇست ئەتىگەندە بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە لوندوندىلا 768 ئادەم ھۇجۇم قىلىش، تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان، يەرلىك دائىرىلەر 167 ئادەمنى ئەيىبلىگەن.

ئەنگىلىيە ساقچىلىرى 9-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتتا دېيىلىشىچە، 9-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىنگىچە ئاز دېگەندە 111 نەپەر ساقچى، 5 ساقچى ئىتى يارىدار بولغان. نۇرغۇنلىرى يەنىلا دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ، بىر قىسىملىرى ئوپىراتسىيە قىلىنسا ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىكەن.
ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، لوندون ساقچىلىرى كوچىلارغا تەرتىپ ساقلايدىغان ساقچى كۈچىنى 6000 ئادەمدىن 16 مىڭ ئادەمگە كۆپەيتكەن، يەرلىك دائىرىلەر 24 سائەت ساقچى ئورۇنلاشتۇرغان. لوندون ساقچى ئىدارىسى ساقچىلارنىڭ ئارام ۋاقتىنى بىكار قىلغان.
ساقچىنىڭ دېيىشىچە، مالىمانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى ياشلار بولغاچقا، ساقچىلار يارىدار قىلىش كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولغان رېزىنكە ئوق ئىشلەتكەن. نۆۋەتتە ئارمىيەنى ئىشقا سېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.
http://news.okyan.com/View.aspx?ID=2745
ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قۇتقۇز غايىپتىن قەھرىمان كەلگۈچە
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1412
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 343
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە343دانە
ئۆسۈش: 290 %
مۇنبەر پۇلى: 3740 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-01
ئاخىرقى: 2012-03-29

دۇنيا نىمىدىگەن قالايمىقان ،،،، بۇلارنىڭ ساقچى كۈچلىرى خىلى ئىقتىدارلىق ئىكەن ، ئارمىيەگە پۇرسەت بەرمەپتۇ  
بەدەل تۆلەش بولمىسا ئېرىشىشمۇ بولمايدۇ