"بۇرۇت قويغانلارنى تىزىملاۋىتىپتۇدەك "دەپ ئاڭلاپ ھەيران قالدىم.نوپۇسقا خەتلىگەننى ،مەھەللىدە ساۋاتسىزلارنى،ئەخلەت پۇلى تۆلىمىگەنلەرنى تىزىملىغاننى كۆرگەن؛مۇشۇ ياشقا كېلىپ بۇرۇت قويغانلارنى تىزىملىغاننى ئاڭلاپ باقمىغانىكەنمەن .توغرا،ھېلىقى بىر يىللاردا ساقال-بۇرۇتلارنى قايچىلىغاندەك ئىشلار بولۇۋىدى ،يەنە شۇنداق بىر پالاكەت يۈز بەردىمۇ -يە؟...
تۇرۇپلا ئۆز-ئۆزۈمدىن ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدىم .كوچىغا چىقسام ،مەھەللىمىزنىڭ قوغداش ھەيئىتى ئۆمەرجان كېلىۋاتقانىكەن ،"نېمىلا بولسۇن بىر سوراپ باقاي"دەپ ئالدىغا بېرىپ سالاملاشتىم .
-ئۆمەرجان ،بۇرۇتى بارلارنى تىزىملاۋىتىپتۇدەك ،دەپ ئاڭلىدىم راسىتمۇ؟
ئۆمەرجان توختاپ ماڭا تازا بىر قارىۋەتتى-دە:
-بەللى ،سىلە قاچاننىڭياقى بۇرۇت قويۇۋالغانتىڭلا؟-دەپ ھەيران بولدى .
-بىرەر يىلچە بولۇپ قالدى.قارىمامسىلە ،بىزنىڭ ھېلىقى چوڭ ئوغۇل ئەخمەتجان قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق ،ھالىغا باقماي بۇرۇت قويۇۋىلىپ مېنى خىجىل قىلىپ قويدى .بالا بۇرۇت قويغان يەردە ئاتا بولغان ئادەم تاپتاقىرلا يۈرسەك بىر قىسما تۇرىدىكەن .
-مۇنداق دەڭلا ،-دەپ ئەتراپىغا قاراپ پىچىرلىدى ئۇ،-سىلىنىڭ ماۋۇ بۇرۇتۇڭلىغۇ ئۇنچە گۇمانلىنىپ كەتكۈدەك بۇرۇت ئەمەسكەن .ئۈچ-تۆت كۈننىڭ ئالدىدا ،مۇنۇ بازاردا سىلىگە .ئوخشاش ئېگىز بوي ،شاپ بۇرۇتتىن بىرى كۈپكۈندۈزدىلا پىچاق كۆتۈرۈپ ،ئادەم بوغۇزلىماقچى بولغان ئوخشايدۇ.ھازىر بازار باشلىقىنىڭ ئۆزى بۇ ئىشنى تەكشۈرىۋاتىدۇ....
ئۆمەرجان شۇنداق ئۇچۇر بېرىپلا ئۆتۈپ كەتتى .بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم .بويۇمنىڭ ئىگىزلىكى بېشىمغا بالا بولامدۇ،قانداق؟...ئۆمەرجاننىڭ "سىلىنڭ ماۋۇ بۇرۇتۇڭلىغۇ ئۇنچە گۇمانلىنىپ كەتكۈدەك بۇرۇت ئەمەسكەن "دېگىنىگە قارىغاندا ،خۇداغا شۈكۈر ،ھېلىقى قاتىلغا بويۇم ئوخشىغان بىلەن بۇرۇتۇم ئوخشاشمىسا كېرەك..."شاپ بۇرۇت"دېگىنى قانداق بۇرۇت بولغىيدى؟بۇررۇنلاردا ھەۋەسكە بۇرۇت قويۇپ ، بۇرۇتىنىڭ ئىككى ئۇچىنى قۇلىقىغا يۆگىۋالىدىغانلار بولىدىغان ،دەپ ئاڭلىۋىدىم .شاپ بۇرۇت دېگىنى شۇندىقىدىن بولسا كېرەك ...بۇرۇتۇمنى سىلاپ قويدۇم .ھەر ھالدا مېنىڭ بۇرۇتۇم يوقنىڭ ئورنىدىك كۆتىمەك بۇرۇتلاردىن ئىدى .ئازراق خاتىرجەم بولۇپ ھويلىغا قايتىپ كىردىم .پېشايۋاندا ئېڭىشىپ تۇرۇپ، ئايىغىنى مايلاۋاتقان ئوغلۇمنى كۆرۇپ ،يەنە ئەرۋاھىم ئۈركتى .ئۇنىڭ بۇرۇتىنىڭ مۇنچىۋالا يوغانلىقىنى بىر ئۆيدە تۇرۇپ نېمىشقا بايقىمىغاندىمەن ؟
-ئەخمەتجان ،ماڭا بىر قارىغىنا!
-نېمە؟-دەپ مەن تەرەپكە قارىدى ئۇ.
خۇداغا ئامانەت !ئوغلۇمنىڭ يۇقىرقى كالپۇكىنىڭ ئۈستىدە خۇددى كىچىكرەك بىر ياقىلىقنى بېكىتىپ قويغاندەك قويۇق ،قاپقارا بىر پارچە بۇرۇت ئېسىلىپ تۇراتتى .مۇنداق بۇرۇتنى قويۇپ بېرىدىغان بولسا تۆت كۈندىلا قۇلاققا يېتىدۇ -دە !
-ئاۋۇ نېمەڭنى بۈگۈنلا يوقات !
-نېمىنى دەيسەن ؟
-بۇرۇتۇڭنى دەيمەن .
-مېنىڭ بۇرۇتۇم نېمىگە تاقاشتى ،دادا ؟سېنىڭمۇ بۇرۇتۇڭ بارغۇ؟ھازىر ھەممە كىشى ..
-قۇرۇق گەپنى قوي ،ھازىرلا ئىككىمىز ساتىراشخانىغابېرىپ ،بۇ بالا-قازانى يوق قىلىمىز ،ئاڭلىدىڭمۇ؟
مەنغۇ مەيلى ،ئوغلۇمغا بۇرۇتىنى ئالدۇرۇش خۇددى ئۇنىڭغا كاللىسىنى ئالدۇرماقچىى بولغاندەك ئېغىر كەلدى .بۇ يەرگە كەلگەندە ئاتىلىق ھوقۇقۇمنى ئايىماي ئىشلەتتىم ."ھېچبولمىغاندا بىر سۈرەتكە چۈشۈۋالاي "دېگىنىگە قويماي ھەيدەپ ئاپىرىپ ،كالپۇكىنىڭ ئۈستىدىكى ھېلىقى "ياقىلىق" نى ئالدۇرىۋەتتىم .ئاتا -بالا ئىككىمىز تۇمشۇقىمىزنى چوپسا سالغان بوتىيدەك پارقىرىتىپ ،ساتىراشنىڭ ئورۇندۇقىدىن قوپتۇق .ئەينەككەقاراپ قىلغان ئىشىمدىن مەمنۇن بولدۇم .ئىسمائىل ساتىراش بەرگەن پۇلۇمنى غەللىگەسېلىپ تۇرۇپ :-توۋا دەيمەن ،ئاتا -بالا ئىككىڭلارنى قوشقاندا بۈگۈن ساتىراشخانىمىزغا كېلىپ ،بۇرۇتىنى ئالدۇرىۋەتكەنلەريىگرمىدىن ئېشىپ كەتتى ،-دەپ ماڭا قاراپ سىرلىق ھىىجىيىپ قويدى.
"بۇ ساتىراش ماڭا ئوخشاش تىزىملىنىپ قېلىشتىن قورقۇپ بۇرۇتىنى ئالدۇرىۋەتكەنلەرنى پايلاپ يۈرەمدۇ ،قانداق؟"دېگەن بىر گۇمان كۆڭلۈمدىن كەچتى ...
ئويلىغىنىمدەك بولدى ،كەچتە ئۆيگە كېلىپ ئەمدىلا بىر يۇتۇم چاينى ئوتلاپ تۇرىۋىدىم ،ھويلىدىن بىرىنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى .دېرىزىدىن قارىسام ،دەرۋازا ئالدىدا قوغداش ھەيئىتى ئۆمەرجان تۇرۇپتۇ.ئالدىراپ ئالدىغا چىقتىم .
-بۇرۇت قېنى ؟-دېدى ئۇ ئەپتىمگە قاراپ .
-سىلىدىن ھېلىقى گەپنى ئاڭلاپ بېرىپلا چۈشۈرگۈزۈۋەتتىم .
-سىلە نېمانداق خۇدۈكى بار ئادەمدەك ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىغانسىلە !-دېدى ئۇ تېرىككەندەك بولۇپ ،-بۇرۇتۇڭلىنى ئالدۇرىۋەتكىنڭلا بازار باشلىقىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ.سىلىنى ئەتە ئەتتىگەندە بازارلىق ھۆكۈمەتكە كەلسۇن دەيدۇ.
يېڭى كەلگەن بازار باشلىقىنىناھايىتى ئاچچىقى يامان ئادەم دەپ ئاڭلىۋىدىم ،قوغداش ھەيئىتىنىڭ خەۋىرى ئارامىمنى بۇزدى.
داۋامى بار