باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1814 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئامرىكا سىنىپ باشلىقى بولسا
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1461
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1461دانە
ئۆسۈش: 7050 %
مۇنبەر پۇلى: 19599 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-01-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-10 20:21

ئامرىكا سىنىپ باشلىقى بولسا





دۇنيا گويا بىر سىنىپ
ئەگەر ئامرىكا بىر سىنىپ باشلىقى بولسا.دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ سىنىپتا قانداق رول ئېلىشى مۇمكىن،بۇ توغرىسدا ئەلۋەتتە ھەركىمنىڭ كۆزقارىشى ئوخشاش بولماسلىق مۇمكىن،لېكىن بۇ ئورتاق بىر كۈلكە خۇرۇچى بولالىشى مۇمكىن.

ئامرىكا -سىنىپ باشلىقى،ئائىلىسىنىڭ قول ئىلكىدەبار،قامەتلىك ،ئۆگىنىشى ياخشى بولغاچقا جېدەلگە ئامراق،سىنىپتا ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈشكە پېتىندىغانلار يوق دىيەرلىك،مۇئاۋىن سىنىپ باشلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتى ياخشى ئەمەس.
روسىيە-مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى،نەتىجىسى خېلىلا ياخشى ،بويى ئېگىز،ئالدىنقى مەۋسۈمدە سىنىپ باشلىقى بىلەن تىركىشىپلا ئۆتتى،كېيىن ئۆزىنىڭ ئۆيىدە چاتاق چىقتى،يەنى بەزىلەر ئۆي ئايرىدى،ھەممىلا ئىشتا بەكلا قاتتىق قول ،سىنىپتا بەلگىلىك تەسىر كۈچى بار.
جۇڭگو-سىنىپ ئىتىپاق ياچايكىسنىڭ شۇجىسى،ئىدىيىسى ئىلغار،دائىم ساۋاقداشلىرىغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەيدۇ،مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى.
ئەنگىلىيە -ئۆگىنىش ھەيئىتى،ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى،سىنىپ باشلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى،دائىم ئۇنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدۇ.تېخى يېقىندىلا سىنىپ باشلىقى بىلەن بىرلىشىپ ئىراقنىڭ ئاغزى بۇرنىنى قان قىلىۋەتتى.
شىۋىتسارىيە-گۈزەل سەنئەت پەن ۋەكىلى،سىنىپ گۈزىلى ،ئۆگىنىش نەتىجىشى خېلىلا ياخشى،بويى ئېگىز،ھەم كېلىشكەن.
ئاۋىستىرىيە-مۇزىكا پەن ۋەكىلى.مۇزىكىدىن ئوت چىقىرىۋېتىدۇ.

ئاۋغانىستان-نامرات ،ئۆگىنىش دىسە بېشى ئاغرىيدۇ،لېكىن دەششەت سوقۇشقاق،ئالدىنقى مەۋسۈمدە مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى بىلەن ھارغىچە سوقۇشتى،بۇ سوقۇشتا سىنىپ باشلىقىنىڭ خېلى جىق ياردىمىنى ئالغان ئىدى،ئەمدىلىكتە بولسا سىنىپ باشلىقى ئۆيۈمدىكى ئىككى ئويۇنچىقىمنى بۇزىۋەتتىڭ دىگەننى باھانە قىلىپ ئۆزى سوقۇشۇشقا باشلىدى،سوقۇشتىن قورقمايدىغانلىقى ئۈچۈن بۇلار بىلەنمۇ ھازىرغىچە سوقۇشىۋاتىدۇ.
ئىراق-ۋەزىپىسى يوق،ئۆگىنىشى ناچار،ئەمما بوي بەستى كېلىشكەن،ئالدىنقى مەۋسۈمدە بوي ئېگىزلىكى جەھەتتىن 4- بولغان،ئاغزى قاتتىق ،ئالدىنقى مەۋسۈمدە پارتىدىشى بولغان كۇۋەيتنى ئۇرۇۋىدى،ئۇنىڭ پايدىسنى كۆرگەنلەر بىرلىشىپ تازا دۇمبالىدى،ئاخىرىدا سىنىپ باشلىقى بىلەن ئۆگىنىش ھەيئىتى ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كېرىپ ئۇرۇپ چېقىپ خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
ھىندىستان-كومپيوتىردىن ئۇت چىقىرىۋېتىدۇ،شۇڭا كومپيوتىر پېنىنىڭ ۋەكىلى بولۇۋالدى،دائىم پارتىدىشى پاكىستان بىلەن بىر پارچە سالاتنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپلا يۈرۈيدۇ.
گېرمانىيە-سىنىپنىڭ ئاكتىپى.بۇيى بەكلا ئېگىز،ماتىماتىكا ،فىزىكا ۋە خىمىيەدە ئۆزىنى كۆرسىتىشنى بەكلا ياخشى كۈرىدۇ،نىيىتى يامان،مەكتەپكە يېڭى كىرگەندە كەڭ كۆلەملىك جېدەل چىقارغاچقا ۋەزىپىسدىن ئايرىلىپ قالغان،ئەمما خاتالىقىنى تونۇش ئىپادسى بەك ياخشى.
ياپۇنىيە-نەتىجىسى خېلىلا ياخشى،بىراق ئىدىيىۋى ئەخلاقى بەكلا ناچار،مەكتەپكە يېڭى كىرگەندە سىنىپ باشلىقى بىلەن ئىتىپاق شۇجىسىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ تاياقنى بولۇشىغا يىدى،بىراق ھازىرغىچە بۇرنىغا يىمەي سىنىپ باشلىقىنىڭ ئۆيىدىكى بېلىق قاچىسغا ئېرىشىشى كويىدا يۈرىدۇ.
ۋېيتنام-ۋەزىپىسى يوق،ئىستىلى چاتاق،بەكلا ئاۋاق،ئۆتكەن مەۋسۈمدە سىنىپ باشلىقى ئۇنى كالتەك بىلەن قوغلاپ ئۇرغاندا مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى بىلەن ئىتىپاق شۇجىسى ئارىغا چۈشۈپ قۇتقۇزىۋالغان ،لېكىن ئاش بەرگەن قاچىنى چېقىپ ئىتىپاق شۇجىسغا چاقچاق قىلىۋېدى،ئاغزى بۇرنى يەنە قان بولدى.
چاۋشيەن-ۋەزىپىسى يوق،خاراكتىرى ئۈستۈن،ئىتىپاق شۇجىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ياخشى.

ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
taranqi217
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6350
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 603
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە603دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 6381 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-03
ئاخىرقى: 2012-01-05
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-11 18:42

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى kuwruk نىڭ 2011-08-10 22:26 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇنبەرلەردە سۈرىلىپ يۇرۋاتقىنى نەچچە يىل بۇلغان تىمىغۇ،،بۇ،،،،،،!

مەن كۆرمەپتىمەنكەن.....