بۇرۇت ماجىراسى
يەكشەنبە كۈنى با زار ئايلىنىپ كەلمەكچى بولۇپ كوچىغا چىقىۋىدىم، كىمدۇر بىرى ئارقامدىن دولامغا شاپىلاقلىدى.بۇرۇلۇپ،ئېسىل كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ،قارا كۆزەينەك تاقىغان بىر كىشىنىڭ ماڭا كۈ لۈپ قول ئۇزىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم .
_ياخشىمۇسىز ؟سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئۆزەمنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھېس قىلىمەن.
_رەھمەت!_دەپ قولىنى سىقتىم.
_رەھمىتىڭىزگە ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن يەنەبىر قېتىم تەشەككۈر ئېيتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىز !
"بۇ كىم بولغىيدى ؟"دەپ ھەيرانلا قالدىم.كۆزەينىكىنى ئېلىۋىتىۋىدى ،ئېسىمگە كەلدى.
_ھە ،سىز ھېلىقى ھېكايىنىڭ...
_شۇنداق ،شۇنداق.تونىۋالدىڭىز،زېھنىڭىزگە ئاپىرىن!سىزگە" ساراڭ " دېگەن ھېكايىنى ئاپىرىپ بەرگەن كىشى بولىمەن .
_كىيىم-كېچەك،گەپ-سۆزلىرىڭىز ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ،تونۇماي قالغىلى تاسلا قاپتىمەن .
_ئۆتكەندە مەن سىزگە دېگەنىدىمغۇ؟زامان ئۆزگىرىۋاتىدۇ.ئۆتكەندە مەن سىزنىڭكىگە كىيىپ بارغان تۆت يانچۇقلۇق چاپىنىمنى ھازىر خوتۇنۇم نان ياققاندا تونۇر بېشىدا كىيىپ يۈرىدۇ.يازغان ئەسىرىمنىڭ ژۇرنالغا بېسىلغىنىنى كۆرۈپلا بۇ كاستۇم-بۇرۇلكىنى سېتىۋالىم .چەت ئەلنىڭ شىلەپىسىدىن دەمسىز ؟ئادەمنىڭ بېشىداگارشۇكنىدۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك تۇرىدىغان ئۇ نىمە بىلەن پەقەتلا خۇشۇم يوق .ئادەملەر ئۇنى ياراشقىنىدىن كىيىپ يۈرىدۇ،دەمسىز؟مەن سىزگە ئىيتاي :چەت ئەللىكلەر ھېلىغۇ شىلەپە ئىكەن ،بېشىغا شاپاقنى كىيىپ كەلگەن بولسىمۇ "قاراڭلار،بىر ئوبدان يارىشىدىكەن -ھە ،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بىز نىمىشقا كىيمىگەندىمىز"دەپ شۇنىمۇ كىيىدىغانلار چىقاتتى ...سەپسالغانسىز ،بەزىلەر ھازىر توي-تۆكۈنلەردە تاۋاقتا ئازراق پولۇنى ئاشۇرۇپ قويۇشنىمۇ "مەدەنىيەت"دەپ بىلىدىغان بولدى...ئاڭلىدىڭىزمۇ،ياپۇنلارسىناق قىلىپ ئاتقان بىر بومبا ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ ،تېخى چۈشمەيۋاتقۇدەك،شۇڭاھاۋا ئىسسىپ كېتىپ بارامدىكىن ،دەيمەن.قاراڭ ،2-ئاي كىرە-كىرمەيلا ئىللىق شامال چىقىۋاتقىنىنى ،بازارچۆرگىلەپ يۈرگۈچە مەھەللىڭىزدە لەگلەك چىقارسىڭىز بولمامدۇ؟،،،
"ساراڭنىڭ ئاپتورى ئەنە شۇنداق تاغدىن-باغدىن سۆزلىگىلى تۇردى.ئۆتكەن-كەچكەنلەرنېمىدەپ قېلىۋاتىدىكىن،دەپ ئەتراپىمغا قاراپ قويدۇم،خۇداغاشۈكۈر!ھېچكىم بىزنىڭ گەپ-سۆزىمىزگە دىققەت قىلماپتۇ.
_پۇلنى تاپشۇرىۋالدىڭىزمۇ؟-دېدىم ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ.
_ھە،ھە...تاپشۇرىۋالدىم.بىكارلا ئەۋەتىپسىز .ئەسەرنى ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا ئېلان قىلغاندىن كىيىن قەلەم ھەققىنىمۇ بەھۇزۇر خەجلەۋەرگەن بولسىڭىز بولاتتى .ھېكايەمنى ئوقۇپ قانچىلىك خۇش بولغىنىمنى دىمەيسىز ،شۇ خۇشاللىقىمدايەنە بىر ھىكايە يېزىۋەتتىم .شۇنداق قىلىپ مەنمۇ بىر يازغۇچى بولۇپ قالىمەنمۇ،قانداق؟....يازغۇچى دېگەنلەرنىڭ بەزىللىرىنى خىيالغا كەلگەننى توقۇپ،ئوقۇغۇچىنى يالاڭ قات يىپتا ئۇچۇرۇپ ئوينايدىغان نېمىلەرمىكىن ،دەيمەن ...بۇمۇ ھېلىقى ئىزا تارتماي سۆزلەۋەرسە چاخچاقچى بولۇپ قالغاندەك بىر گەپ دەڭە!؟....
.ئۇ شۇنداق "مەنىسى چوڭقۇر"چۈشىنىكسىز گەپلەرنى قىلغىنىچە قوينىدىن بىر تۇتام ئورگىنالنى ئېلىپ ،قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى .
ھېلىقى تۈكۈرۈك توغرىسىدىكى ئەسىرىڭىزمۇ،نىمە؟
ئۇگەپلەرمۇ ئېسىڭىزدىن چىقماپتۇ-دە،.ئۇنىمۇ يېزىپ قالارمەن ،بۇنىڭدىكىسى باشقا گەپ ..._.ئۇ بۇرۇلۇپ ماڭدى-دە ،بىر-ئككى قەدەم باسمايلا يەنە ئارقىسىغا قاراپ،-ھېلىقى كېلىشكىنىمىز بويىچە بۇنىمۇ ئۆزنامىڭىزدا ھەيدەۋىرىڭ!-دەپلا كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ غايىپ بولدى
كوچا ئارىلاشتىن يالتىيىپ ،ئۆيگەقايتىپ كەلدىم .يالغۇز كىشىلىك ساپادا ئولتۇرۇپ ،ئۇنىڭ بۇ يېڭى ھېكايىسىنى ئوقۇشقا باشلىدىم.
مەنبە؛مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى "قىرلىق ئىستاكان"دىن
داۋامى بار