ھايات قىسمىتى
بەس!دۇنيادا ۋاقىتتىن ،يىللاردىن ئاغرىنمىغان كىم بار ؟!ئاغرىنىپ،تىللاپ،قارغاپ بىرەر_ئىككى يېشىمىزنى توختىتىپ قويالىدۇقمۇ؟ياكى يىللار ئارقىغا سۈرۈلۈپ بېرىپتىمۇ؟ياق!تەتۈرسىچەتەقدىرىي ئەزەل قادىلىپ كەلسە،ۋاقىت دېگەن جۇۋاينىمەك ،گۇناھلىرى ئۈچۈن توۋا قىلىۋىلىشقا ،بىر ئۆمۇر خۇپىيانە تۇتقان مەۋھۇم سىرلىرىنى دەۋىلىشقا،ئەدناسى جۈپتى ۋاپادارىغا "خوش"دەۋىلىشقىمۇپۇرسەت بەرمەي،ئارمان بىلەن كەتكەنلەر ئازمۇ؟ھەتتا بىر قەترە سۇنى گېلىدىن ئۆتكۈزمەي،ئېلىپ كەتكىنىمۇ يەنە شۇ ۋاقىتقۇ؟شۇڭا،ۋاقىتتىن،يىللاردىن ئاغرىنىش،ئۆز سايىسىنى تۇتالمىغىندەكلا نادانلىقتۇر!ھەر بىر قىلغان ساۋابلىق ئىشىڭ،تۆھپەك،ئىجادىڭ،كەشپىياتىڭ ئاۋام يولىغا شولا چاچقۇقدەك ئەقىل دۇردانىلىرىڭ،ساخاۋەت،شاپائەتلىرىڭ،ئەدناسى ئۆزگىلەر ئۈچۈن تىندۇرۇپ قويغان كاتاڭلىرىڭ ،ئىككى كەتمەن توپا تاشلاپ ياسىغان يوللىرىڭ،يولۇچىلارسايىلانغۇدەك تىكىپ قويغان بىر تۈپ ئۈجمەڭگىچە تامغا بولۇپ يىللار ماڭلايلىرىغا بېسىلغۇسى !يۈگەن بولۇپ بويۇنلىرىغا ئېسىلىۋالغۇسى!!شۇندىلا ئوغىرىلانغان ئۆمۈرلىرڭگە پۇشاشايمان قىلمايدىغان بولىسەن، ئاھ ئۇرۇپ نىدا قىلىشنىڭ ئورنىغا مەسخىرىلىك كۈلۈمسىرەيسەن.چۈنكى يىللار ،رەھىمسىز ۋاقىت سېنىڭ ئالدىڭدا مەيدىسىنى كېرىپ كۈلەلمەيدۇ!...
مەنبە؛جالالىدىن بەھرامنىڭ"ھايات قىسمىتى"رومانىدىن