باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 472 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىر قاپ تاماكا ۋە بىر تال ئالما
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2134
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 58
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە58دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 650 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2011-09-23
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-10 12:32

بىر قاپ تاماكا ۋە بىر تال ئالما







ئىنگىلىزچە مۇنداق گەپ (ماقال دەمدۇق؟) بار:«An apple a day keeps the doctor away» يەنى ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلساق:«يىگىن كۈندە بىر تال ئالما، دوخـتۇر يېنىغا بېرىپ قالما». مەن بۇ يەردە ئالمىنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى ئەمەسمەن، ئەكسىنچە بۇ گەپكە قايىل بولساقمۇ ھەم زور كۆپچىلكىمىز بۇ مىۋىنى ياخشى كۆرسەكمۇ كۈندە بىر تال ئالما سېتىۋېلىپ يىيىشكە قېرىقمىز، ھىچ بولمىغاندا مىھماندارچىلىقلاردا ئالدىمىزغا دۇچ كەلمىسە ئاساسەن ئالما قاتارلىق مىۋە-چىۋىلەرنى  كۈندىلىك تاماق ئادىتىمىزدە  تاماقتىن بۇرۇن ياكى كىيىن يەپ كەتمەيمىز. (چەتئەللەردە تاماقتىن كىيىن مىۋە ياكى باشقا تاتلىق تۈرۈملەرنى يىيىش ئادەتكە ئايلانغان، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تاماقلىنىش ئادىتىدە بىر تەخسە لەغمەن بىلەنلا تامام قىلىمىز.)

 
لىكىن مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم تاماقلىنىش ئادىتىمۇ ئەمەس، مۇشۇ تۈردىكى گەپلەر كۆپ دىيىلگەن « ھەرە كىپىكىنى يانا ھەرىدىمەيلى» دىگەن بويىنچە  مۇنداق دىمەكچى:

بىر قاپ تاماكا كەم دىگەندە بەش يۇەن خەلق پۇلى، بىر تال ئالما كۆپ بولغاندا بىر يۇەن خەلق پۇلى. نورمالدا تاماكا چىكىدىغان بىر كىشى بىر كۈندە بىر قاپ تاماكىنى چېكىپ بولىدۇ دىمەك كۈندە جاننى خورىتىپ جاپالىق ئىشلەپ تاپقان پۇلدىن بەش يۇەن پۇلغا ئوت قويۇپ يوقۇتۇپ ئۆز بەدىنىنى ئىسلىغاننى ئاز دەپ ئەتراپ مۇھىتنىمۇ بۇلغاشقا مەلۇم دەرجىدە تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

ئەمدى تاماكا بىلەن ئالمىنىڭ قانداق باغلىنىشى بار؟

سالامەتلىكنى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرمۇ كىشى يوق. ھىچكىم دوخـتۇرغانۇرغۇن پۇل خەجلەپ يۈرگىسى يوق، ھالبۇكى دوخـتۇرخانىلەردىن تاماكا سەۋەپلىك ئۆپكىسىدىن چاتاق چىققان، شۇنىڭ بىلەن ئەگەشمە كىسەللىكلىرىمۇ بىللە كەلگەن بىمارلارنى تاپماق تەس ئەمەس؛ يۈرەك كىسەللىكلىرى بىلەن دوختۇرغا كەلگەنلەر ئالمىنىڭ يۈرەككە پايدىلىق ئېلمىنتلىرى بارلىقىنى بىلسە ئىدى بەلكىم بەلكىم دوخـتۇرغا كىلىپ يۈرمەستى...

مەن يانە نىمە دىمەكچى؟

 
بەدەن بىزگە ئامانەت، ھاياتلىق تولىمۇ قىممەت! نۇرغۇن ئارمانلىرىڭىز ئەگەر سالامەتلىكىڭىز يار بەرمىسە ئارمان پېتى قېلىۋېرىدۇ... تاپقا پۇللارمۇ بىزگە ئامانەت! ھەر بىر سىنىتنى قانداق ئىشلەتتۇق؟ تاماكا جاننى ھەم پۇلنى خورىتىدۇ، ئۇلارنىڭ بەدىلىگە بىزگە تىگىدىغان نەپ بولمايدۇ، لىكىن زىيان بار... ئالما يۈرەكنى ياشارتىدۇ بەدەنگە قۇۋۋەت بولىدۇ، پۇلنى خوراتمايدۇ، جاننى خوراتمايدۇ، ئۇنىڭ بەدىلىگە يەنى ئازغىنە پۇلىمىز ھەم سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقتىمىز بەدىلىگە بىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىمىز سالامەتلىك( ئالمىنىڭ قۇۋۋىتىدىن كەلگەن ساغلاملىق ۋە ئالما ساتقۇچى، بولسا ئۆزقەۋمىڭىز بولسا، مەنپەتلەنگەن شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىز ھىس قىلمىغان ھالدا نازۇك روھى ئازادىلىكتىن كەلگەن سالامەتلىك).

شۇڭا نىمىشقا كۈندە بىر-ئىككى قاپ تاماكىنى سېتىۋېلىشقا ئېرىمنايمىزيۇ، بىرتال ئالما سېتىۋېلىپ يىيىشكە ئېرىنىمىز؟

نۇرغۇن كىشىلەر بىلىشىمچە تاماكىنى روھى-كەيپىياتنى تەڭشەشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغان ، قىسقىسى ئۆگىنىپ قالغان. ئۇنىڭ سالامەتلىككە زىيان ئىكەنلىكىنى ھەممە بىلىدۇ لىكىن تاشلىيالمىدىم دەپ ئۆزىنى بەزلەپ ئۆتىدۇ... بەزىلەر تاماكىنىڭ ھارام ئەمەسلىكىگە پەتىۋا ئىزدەشكە ئاران تۇرىدۇ، ھالبۇكى ئويلىمامدۇق، اللە بەندىسىگە پايدا قىلىدىغان نەرسىنى ھارام قىلامدۇ؟!

قېرىنداشلىرىم! تەۋسىيەم شۇكى، بەدىنىڭزنى ئاسراڭ، كۈندە بىر تال ئالما يىيەلمىگەن تەغدىردىمۇ تاماكا چەكمەڭ، كۆيدۈرىدىغان شۇ پۇلىڭىزنى ساقلاپ قويۇپ يىغىلغاندا ئۇنى خەير-ساخاۋەت ئۈچۈن سەرپ قىلىڭ، ئىشىنىڭكى بۇنداق قىلىشىڭىزمۇ سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق...

ئەگەر سىز بۇ يازمىنى ئوقۇپ تاماكا تاشلاش نىيىتىگە كەلگەن بولسىڭىز ئاسان، بىر ئاي ۋاقىتتا تاشلىيالايسىز. ھازىر  رامىزان ئېيى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى.
 مەنبە:ئەلكۇيى  مۇنبىرى
 
 

duhtur
دوستلىشىش
xerinbulak
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8511
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-08
ئاخىرقى: 2011-10-19

ئىنسان ئۈچۈن سالامەتلىك بەك مۇھىم،ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكى .ئۈچۇن تاماكىدىن يىراق تۇرساق ئاللاھ ساۋابىنى بېرە!
ئاللاھ بىر،ئىسلام ھەق
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6995
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 73
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 770 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-10
ئاخىرقى: 2011-10-18
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-10 18:49

ئۆزۈم سەرەنگە ساتقان بىلەن تاماكا تاشلىغىلى 7يىل بولدى...