باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2832 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەسجىدى ئەقسا ھەققىدە مەلۇمات
دوستلىشىش
تەپەككۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8513
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-09
ئاخىرقى: 2011-08-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-10 09:23

مەسجىدى ئەقسا ھەققىدە مەلۇمات


مەسجىدى ئەقسا
سوئال: مەسجىدى ئەقسا دېگەن قانداق مەسجىد؟


جاۋاب: مەسجىدى ئەقسا – يىراقتىكى مەسجىد دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى مۇقەددەس جايلارنىڭ بىرى، ئىككى قىبلىنىڭ بىرىنچىسىدۇر.( كەبە قىبلە بولۇشتىن بۇرۇن مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى مەسجىدى ئەقسا ئىدى.) مەسجىدى ئەقسا قۇرئان كەرىم «مەسجىدى ئەقسا» دەپ ئاتاشتىن بۇرۇن بەيتۇلمەقدىس (مۇقەددەس ئۆي)دەپ ئاتىلاتتى. مەسجىدى ئەقسانىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئەتراپى رىشاتكىلانغان ھازىرقى قۇدۇس شەھىرىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن:«ماڭا ئاپئاق بىر تۇلپار كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭغا مىندىم، تۇلپار مېنى بەيتۇلمەقدىسكە ئېلىپ باردى. تۇلپارنى پەيغەمبەرلەر ئاتلىرىنى باغلايدىغان مەخسۇس جايغا باغلىدىم. ئاندىن بەيتۇلمەقدىسكە كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ چىقتىم. شۇ ۋاقىتتا جىبرىئىل ماڭا بىر قاچىدا ھاراق يەنە بىر قاچىدا سۈت ئېلىپ كەلدى. مەن سۈتنى تاللىدىم. جىبرىئىل ماڭا  سەن توغرىسىنى قىلدىڭ دېدى. ئاندىن بىزنى بىرىنچى ئاسمانغا ئېلىپ چىقتى....»


  سوئال: مەسجىدى ئەقسا نەدە ؟

جاۋاب: مەسجىدى ئەقسا پەلەستىندىكى قۇددۇس(ئېرۇسالىم) شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاللاھ تائالا 622- يىلى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن ئۇنى بىر كېچىنىڭ ئىچىدە مەككىدىن مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلۇغ مۆجىزىسىنى كۆرسەتكەن.



  يەر يۈزىدىكى ئىككىنچى مەسجىد


  سوئال: يەر يۈزىدە ئەڭ ئاۋۋال بىنا قىلىنغان مەسجىد قايسى؟
جاۋاب: يەر يۈزىدە تۇنجى قېتىم بىنا قىلىنغان مەسجىد مەسجىدى ھەرەم بولۇپ، مەسجىدى ھەرەمدىن كېيىنلا مەسجىدى ئەقسا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئەبۇ زەر غەفارىي مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يەر يۈزىدە تۇنجى سېلىنغان مەسجىد قايسى؟ دەپ سورىۋىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«يەر يۈزىدە تۇنجى سېلىنغان مەسجىد، مەسجىدى ھەرەمدۇر» دېدى. ئاندىن مەن يەنە  ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى؟ دەپ سورىغىنىمدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«مەسجىدى ئەقسا»دېدى. ئاندىن يەنە مەن بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا قانچە يىل ئۆتكەن؟ دەپ سورىۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«قىرىق يىل» دەپ جاۋاب بەردى
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000- يىللىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ ئۇلىنى قايتا تۇرغۇزۇپ، مەسجىدى ھەرەمنى بىنا قىلغان بولسا، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام شۇ ۋاقىتتىن ئازراق كېيىنلا مەسجىدى ئەقسانى بىنا قىلغان.



  مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشى


  سوئال: مۇسۇلمانلار قۇدۇسنى قاچان ئازات قىلغان؟

جاۋاب: ھىجرىيىنىڭ 14-يىلى( 636م) ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دەۋرىدە مۇسۇلمانلار مەسجىدى ئەقسانى خرىستىئانلارنىڭ قولىدىن ئازات قىلىپ، مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىچىگە «قىبلە جامەسى» دەپ تونۇلغان مەسجىدنى بىنا قىلغان. بۇ جامە مەسجىدى ئەقسانىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، قىبلە تەرىپىگە ئۇدۇل كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ «قىبلە جامەسى» دەپ ئاتالغان. ئەمەۋىيلەر دەۋرىدە بۇ مەسجىد قايتىدىن سېلىنىدۇ. بۇ ئىش 685- يىلىدىن 715- يىلىغىچە تولۇق 30 يىل داۋام قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا «قۇببە ئەسسەخرە» (تاش گۈمبەز) مۇ ياسىلىدۇ. مەسجىدى ئەقسانىڭ شەكلى ھازىرغىچە شۇ بويىچە داۋام قىلماقتا.


  سوئال: خرىستىئانلارنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان تۇنجى ھۇجۇمى قاچان بولغان؟

جاۋاب: بىر مىليوندىن كۆپرەك مۇنتىزىم ئەسكەر بىلەن قوراللانغان ئەھلى سەلىب ئارمىيىسى( غەرپ خرىستىئان كۈچلىرى) 1099- يىلى 7- ئاينىڭ 20 – كۈنى قۇددۇس (ئېرۇسالىم) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، 70مىڭدىن كۆپرەك مۇسۇلماننى ئەڭ ۋەھشى ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق شەھەرنى ئىستىلا قىلغان. ئۇ چاغدا، مۇسۇلمانلاردىن ياشىنىپ قالغان، ئاجىز-ئۇرۇق كىشىلەر، ئاياللار ۋە بالىلار ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان بولۇپ، شەھەرگە بېسىپ كىرگەب خرىستىئان ئارمىيىسى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرىلەپ قىلىچتىن ئۆتكۈزۈپ چىققان، قۇدۇس شەھىرى بىلەن مەسجىدى ئەقسا قانغا بويالغان، ھەتتا يوللاردا سۇ كەبى ئاققان قان بىلەن تاجاۋۇزچى قوشۇننىڭ ئاتلىرىمۇ قىزىل بويۇلۇپ كەتكەن. خرىستىئانلارنىڭ قۇددۇس شەھىرىدىكى ھاكىمىيىتى90 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىشغالىيەت داۋامىدا مۇسۇلمانلارنى ئېزىپ، مەسجىدى ئەقسانى بۇزۇپ نۇرغۇنلىغان ۋەھشى جىنايەتلەرنى قىلغان.


  سوئال: مەسجىدى ئەقسا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا قاچان قايتىپ كەلگەن؟

جاۋاب: 1187- يىلى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى نامى مەشھۇر مۇسۇلمان قوماندان سالاھىددىن  ئەييۇبىي تەرىپىدىن خرىستىئانلارنىڭ قولىدىن ئازات بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن. ئەپسۇسكى، مەسجىدى ئەقسا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا يەنە تۇرالمىدى. 1229 – يىلى 3- ئايدا مەسجىدى ئەقسا قايتىدىن خرىستىئانلارنىڭ قولىغا چۈشۇپ كەتكەن بولسىمۇ، 1244- يىلى سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى پابىشاھ كامىل تەرىپىدىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان. قۇدۇس شەھىرى مەسجىدى ئەقسا بىلەن بىرلىكتە شۇ زامانلاردىن باشلاپ تاكى 1948- يىلى يەھۇدىيلار پەلەستىننى ئىستىلا قىلغانغا قەدەر مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولۇپ كەلگەن.

  سوئال: ئوسمانىيلار مەسجىدى ئەقسانى قانداق ھېمايە قىلغان؟

جاۋاب: ئوسمانىيلار ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرىنى سىرتقى كۈچلەرنىڭ خىرىس قىلىشلىرىدىن قاتتىق قوغداپ كەلگەن. ھەتتا ئوسمانىيلار دەۋرىدە يەھۇدىيلار قۇدۇس شەھىرىنى قولىغا چۈشۇرۈش ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشقان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمەي كەلگەن. يەھۇدىيلار پەلەستىندىكى يەرلىك ئەرەبلەرنى ئالداپ ئۇلارنىڭ ئۆي – ۋارانلىرىنى ۋە يەر – زېمىنلىرىنى شۇ ۋاقىتتىكى نورمال باھادىن نەچچە ھەسسە قىممەت سېتىپ ئېلىش ئارقىلىق تەدرىجى ھالدا پەلەستىننى ئىشغال قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغاندا، ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى 1892- يىلى مەخسۇس قارار چىقىرىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ يەھۇدىيلارغا ئۆي- زېمىن سېتىشىنى قاتتىق چەكلەپ كەلگەن. ئوسمانىيلار يېقىلغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنىڭ خۇددى چوپانسىز قالغان پادىغا ئوخشاش چېچىلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، قۇدۇس شەھىرى، جۈملىدىن مەسجىدى ئەقسا قوغداپ قېلىنمىدى. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن يەھۇدىيلار پەلەستىن زېمىنىگە ئاز- ئازدىن يەرلىشىش ئارقىلىق سان جەھەتتە مەلۇم بىر مىقدارغا يەتكەندىن كېيىن، ئەنگىلىينىڭ بىۋاسىتە ياردىمى ئاستىدا، پەلەستىننى ئىشغال قىلىشتىن ئىبارەت ئەسىرلەردىن بىرى پىلانلاپ كەلگەن رەزىل مەقسىتىگە يەتكەن.

  سوئال: مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇسۇلمانلار قەلبىدە قانداق ئورنى بار؟

جاۋاب: مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنى ئالاھىدە چوڭ بولۇپ، ئىسلام دەۋىتى باشلانغان تارىختىن بىرى باغلانغان بىر ئەقىدىدۇر. چۈنكى مەسجىدى ئەقسا جىمى پەيغەمبەرلەرنىڭ قىبلىسى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى قىبلىسىدۇر.



  مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ جىنايەت


  سوئال: مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ جىنايەت قايسى؟


جاۋاب: مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ جىنايەت 1969- يىلى 8- ئاينىڭ 22- كۈنى يەھۇدىيلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ رادىكاللىرىدىن ئەسلى ئاۋسترالىيىلىك مايكل دېنىس روھىن ئىسىملىك بىرسى مەسجىدى ئەقساغا ئوت قويۇۋەتكەن. مەسجىدى ئەقسانىڭ شەرقىي قىسمى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كۈل بولغان.


يۇقار مەنبە: ئانا تۇپراق تورى








سالاھىددىن  ئەييۇبىي
salah al—din yusuf idn ayyub
萨拉丁·尤素夫·阿尤布


رامىزان ئايلىرى بولغاچ مۇقەددەس جايلارنى(مەسجىدى ھەرەم ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغانلىقتىن يۇقىرىدا ئىزاھلانمىدى) ئەسلەپ قالدىم، ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزگە ھەرەم يۈزى كۆرگىلى نېسىپ قىلسۇن! مۇقەددەس جايلارغا بارغىلى نېسىپ قىلسۇن!




مەسجىدى ئەقسا ۋە مۇسۇلمانلار





مەسجىدى ئەقسا ۋە يەھۇدىيلار



مەسجىدى ئەقسا ۋە ئەسكى ئەرلەر




قەھرىمان ياسىر ئەرافات



مەنبە؛
http://bbs.retim.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=2978&extra=
دوستلىشىش
ھورىيەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8538
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-10
ئاخىرقى: 2011-08-16
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-12 10:07

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزگە ھەرەم يۈزى كۆرگىلى نېسىپ قىلسۇن! مۇقەددەس جايلارغا بارغىلى نېسىپ قىلسۇن
راست سۇز ئنسانغا ئۇلۇغ ھۇنەر.يۇگۇرگەن ئرىشەلمەيدۇ.....بۇيرىغان ئىرىشىدۇ