رامىزان
ئۇلۇغ كىتاپنىڭ ۋاراقلىرىدەك
ھوزۇرىدا بىز ئولۇغ كۈنلەرنىڭ
چوڭقۇر سېغىنىش چوڭقۇر بىر نىدا
سىياھدەك قاراڭغۇ كېچە باغرىدا
چېچىلىپ كەتكەن نېسىۋىمىزدەك
چېچىلدى نېئمەت رامىزان ۋەجى
بۈگۈن مەغپىرەت ئۈستىبېشىمىزدا !
ئېچىۋاتقان قورسىقىمىزدىن بەك
ئۇسساۋاتقان ئاغزىمىزدىن بەك
ئىپتار ۋاقتىنىڭ كېلىشىدىنمۇ بەك
مۇھىم نەرسە يوق مەغپىرەتلەردەك .
پۇلغا دۈم چۈشكەن زەيكەش كۈنلەردىن
قۇتۇلدۇق بىز رامىزان ئارقىلىق
سېخى قۇياش چېچىۋەردى نۇر
كالپۇكلاردا گەز ،يۈرەك چىلىق-چىلىق .
ئۈستەلدە نېئمەت ، ئۈستەلدە سۆيگۈ
كۆڭلىمىز شۇ قەدەر خۇرسەن ۋاقىتتا
ئاران بەش مىنۇتلۇق خەلقئارا خەۋەر
دىققىتىمىزنى تارتار بىمەھەل .
غەززەدىكى ۋەيران ئۆيلەردىن
يۈرۈگىمىز سۇقار بەس-بەستە
سومالىدا قېرىنداشلار ئاچ
ئۆيىمىزدە نان دەستە-دەستە !
سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا تور بىلەن
يوللايمەن مۇھەببەت، يوللايمەن سالام
ئىپتار ۋاقتىغا ئاز قالغاندا !!
مەنبە : قەلېمىم