مەن ئۆزۈمنىڭ نەپسىگە قۇل بولغان بىر زات ئىدىم .نەدە ئەيىش-ئىشرەت بولسا ،نەدە قىمار بولسا مەن شۇيەردە.بىرراۋنى مازاق قىلىش
توغراكەلسە مەندىن ئۇستىسى يوق.باشقلارنىڭ ئارقىسىدىن كۈلۈشنى ياخشى كۆرەتتم .بىر كۈنى ئۈلپاتداشلىرىم بىلەن راسابىر كەيىپ
قىلىپ مەس ھالەتتە كوچىغا چىقىتىم .قارىسام ئالدىممدا بىر پۇتى توكۇر،قۇلى چۇلاق،بىر كۆزى تولىمۇ سەت ئالغاي بىرسى ئاران تەستە
تىمسىقلاپ كىتىپ بارتتى .مانا تاماششا دىگەن .ھېلقى ئۈلپاتداشلىرىغا شۇنداق بىر ئۇيۇن قۇيۇپ بىرەيكى كۈلۈپ يىقىلىپ قالسۇن!!!
ھلقى بىچارىنى بىر چاپۇتلاپ يىقىتتىم .ئۇنىڭ ئۇرنىدىن تۇرالماي پايپاسلاپ كەتتكىنىنى كۆرۈپ تازا كۈلۈپتۇق...................
شۇنداق قىلىپ تاڭ ئاتارغا يېقىن ئۆيگە كەپتىمەن .قارسام ئايالىمنىڭ تولغىقى تۇتۇپ ئاي كۈنى تۇشۇپ قاپتۇ. شۇيەردىن تۇغۇتخانىغا
كەتتۇق.ئىككى سائاتتىن كىيىن ئۇغۇل تۇغۇلدى.سېتراقىز خەۋەر قلدى.ئۇغۇل پەرزەنىت كۆردىڭىز ھازىر مەسئۇل دوختۇرنىڭ قېشىغا كىرسىز..سىز گە دوختۇرنىڭ سىزگە گېپى بار ئىكەن.
دوختۇرنىڭ قىېشىغا كىرىشىمگە :
دوختۇر _:مۇبارەك بولسۇن! ئوغۇل پەرزەنىت كۆردىڭىز ...لىكىن بىر شۇم خەۋەر بار .تۇغۇلغان بالىڭىز تۇغما چۇلاق ،ئككى كۆزى قارىغۇ
تۇغۇلدى..دىگەن سۆزنى قىلدى.بېشىمدا چاقماق چاقاندەك بوپ كەتىم .يا رەببىم ! ئاخشام بىر چۇلاق كىشىنى ناھەق پۇتلاپ يىقىتىپ
كۆڭۈل خۈش قىلغان ئدىم،بۈگۈن ئۈزۈمگە قايتۇرۇپ بەردىڭ .دەردىم ئىچىمدە قالدى بىرۋاگە ئىېتالمىدىم .بالا بىر قانچە كۈندىن كىيىن
بالنىستىن چىقىپ ئۆيگە قايتتۇق.بالىغا سەلىم دەپ ئات قويدۇق.لكىن شۇ بالنى بىر مەرتە بولسىمۇ قۇلۇمغا ئېلىپ باغرىمغا باسقىنىم يوق .باشقا دادىلارغا ئوخشاش بالىرىنى يىتىلەپ ،باغچىلاردا ئۇيناتقىنىم يوق.مۇنداقچە ئېتقاندا ئاتىلىق مىھرىنى قلچىمۇ بەرمىدىم.
ئۈزۈم تاپقان شۇ بالىدىن شۇنداق يىرگەندىم.سەلىم كۇندىن كۈنگە چوڭ بولدى ....يەنە ئىككى ئۇغۇل پەرزەنىت كۆردۈم.بىرسىگە ئۆمەر،كىچىكگە خالق دەپ ئات قويدۇم.شۈكىرى ئېتىمەنكى كىيىنكى ئككى پەرزەنتىم شۇنداق ساغلام....................
مەن يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك ئىچىپ، چىكىپ،ئۇينايمەن .....ئايالىم نامازلىرىدا مىنى ياخشى بوپ قالارمىكى دەپ نەچچە قېتىم ياش تۆكۈپ نامازلىدا يىغلىغانلقىنى كۆرسەممۇ كوڭلۈم يەنىلا شۇ كەيىپچىلكنى تارتىپ تۇرىدۇ. كۈنلەر ئۈتىۋەردى.
ئايالىمنىڭ قىلغان دۇئاسى ئىجابەت بولدىمۇ قاندا مەن توغرا يولغاكىردىم. ئۇ دەل جۈمە كۈنى ئىدى.سەۋەبى مۇنداق..
كۈن خېلى بىر يەرگە بىرىپ قالغاندا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۈلپەتداشلرىم بىلەن ئۈچىراشقىلى ماڭاي دەپ تۇرسام،ھلقى سەلىم دىگەن كور، مېيىپ بالامنىڭ يۈرەك ئىزىلىپ كەتكۈدەك دەرىجدە يىغلاپ تۇرۇپتۇ.
-بالام سەلىم ! نىمگە بۈنچە يىغلايسەن؟
-ئۇكام ئۆمەرنى ساقلغانتىم. كىچىكىپ قالدى...
-ئۇكاڭ ئۆمەرنى ئاناڭ بىر نەرسە سېتىۋېلىشقا بۇيرىغانتى،بەلكىم بازاردا ھايال بوپ قالدى بولغاي.
بۇگپنى ئاڭلاپ سەلىم تېخمىۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. مەن سەۋەبىنى بىلمەكچى بۇلۇپ سورىدىم.
ئۇكاڭنى ساقلاپ نىمە قىلاتتىڭ؟
-دادا ۋاخ بوپ كەتتى ،ئۆمەر كىچىكىپ قالدى.مەن بۈگۈن نىيەت قلغان ئىدىم ،ئاللاھتىن سورىغان ئىدىم.جۈمە نامزىغا بېرىپ بىرىنچى سەپتە ئولتۇرۇپ،بىرىنچى سەپنىڭ ساۋابىنى ئاللاھدىن ئۈمۈد قىلىپ سورغان ئىدىم.ئۈزۇم چۇلاق،كۆزۇم كورمەيدۇ.ئىمكانيىەت
بولغان بولسا ئۈزۈم يۈگۈرۈپ بارغان بۇلاتىم.ھېچ بولمىغاندا كۈزۇم كۆرگەن بولسىمىۇ ئۆمىلەپ بارغان بۇلاتىم. ئۇكام ئۆمەر يىتىلەپ ئاپىرىمەن دەپ ۋەدە قىلغان ئىدى ،لىكىن ئۆمەر كىچىكىپ قالدى.
ئاھ خۇدا! .... ئوغلۇم سەلىم كورمۇ ياكى مەن كورمۇ؟كۆزى كور بولسىمۇ قەلبنى ئېچىپسەن.پۇت قۇلى چۇلاق تۇرۇپ جۈمە نامىزىغا بىېرىپ،بىرنچى سەپنىڭ ساۋابىنى ئىزلەپ يۇرۇپتىيۇ..مەن دادا تۇرۇپ نىمە قىلدىم..پۇت قۇلۇم ،كۆزۇم ساق تۇرۇپ نىمە ئۈچۇن بىرنچى سەپ ئۇياقتا تۇرسۇن،ئاخىرقى سەپتىمۇ بولسا ئولتۇرۇپ باقمىدىم....؟نىمە ئۈچۈن مىنى بۇنچىۋالا بىپەرۋا قىلدىڭ ئى ئاللاھ!!!
بالنى يالغۇز قالدۇرۇشقا ۋىجدانىم قويمىدى، ئوغلۇم مەن ھازىرلا تەييار بۇلىمەن ،مەن تاھارت ئىلىپ چىقاي.ئۈزۈم سىنى يىتىلەپ جۈمە نامىزىغا بارىمەن .
-دادا قۇيۇڭ ! ئۈستىمدىن كۈلمەڭ! سىز جۈمە نامىزىغا بارىدىغان كىشى ئەمەس!
-بالام مەن سىنى بۈگۈن جۈمە نامىزىغا يىتىلەپ ئاپىرىمەن !-دەپ نىيەت قىلدىم
تاھارەتنى كامىل ئېلىپ ،سەلىمىنى يىتىلەپ مەسجىدكە باردۇق.قارسام جامائەت مەسجىد ئىىچگە ھەم تېشىغا تۇلۇپ كىتىپتۇ.سۇبھانەئاللاھ
شۇبالىغا بىرنچى سەپتىن ئۇرۇن تاپتىم.بالنى ئولتۇغۇزۇدۇم. مەنمۇ تىز چۇكۇپ ناماز ئادا قىلدىم.قارسام ناگاھ بالام مۇدرۇم يۈرۈپ، كۆزى كۆرمىگەچكە ىسلاپ سىپاشتۇرۇپ بېشىنى سەجدىگە قۇيۋاتاتتى . جۇمە نامازمۇ تامام بولدى. مەن ئوغلۇم قاراپ جۈر ئەمدى قايتىمىز دىسەم ئوغلۇم ماڭا:
-دادا ماڭا قۇرئاننى ئەكىلىپ بىرىڭ !ئاندىن مۇئمىنۇن سۈرىسىنى ئېچىپ بىرىڭ مەن تىلاۋەت قىلىپ بۇلۇپ ئاندىن ئورنىمدىن تۇرىمەن.
قۇرئاننى ئېلىپ سۈرىنى ئېچىپ بەردىم ،كور بالام قانداق ئۇقۇيدىكىن دىسەم. ..قۇرئاننى يادلاپ بولغان ئىكەن.ئوغلۇم سۈرىنى ئايەتمۇ ئايەت ئۇقۇپ تۇرۇپتىيۇ ،مىنىڭ كۆزلىرىمدىن ياش تۈكۈلۈپ تۇرۇپتۇ.كۆزىنى كۆر قىپسەنۇ،قەلبىنى ئېچىپسەن.كالامىڭنى قەلبىگە سېلىپسەن.مەن ساق سالامەت ئادەم تۇرۇپ ،قۇرئاننى ئاخىىرقى قېتىم قاچان قۇلۇمغا ئالغانى ئەسلىيەلمەيمەن .شۇنچىلىك مىنى
گۇمراھلىقتا قويدىڭمۇ ئى ئاللاھ....دەپ يىغلاپ كەتىم .بىر چاغدا قارسام يۇمشاققىنە بىر قول قۇلۇمنى تۇتتى قارسام ئوغلۇم مەن بىلەن تەڭ يىغلاپ تۇرۇپتۇ ، ئۇھەتتا كۆزۈمدىكى ياشنى سۈرتىشكىمۇ ئۈلگۈردى.شۇ كۈنى ئاتا بالا خۇشال بۇلۇپ ئۆيگە قايىتتۇق.مىنڭ زالالەتتىن قايتىپ ھىدايەتكە تۇنجى
قەدەم قويغان كۈنۈم .بېشىم سەجدىگە بېرىپ ،ھالال بىلەن ھارامنى پەرق قىلغان كۈنۈم.مانا شۇ پەرزەنتىم سەۋەب بولغان كۈن ئىدى.
ئەھلى ئايالىم ،قەۋىم قېرىنداشلىرىم خۇرسەن بولدى ..يىڭى دوستقا ئىرىشتىم كونا ئۈلپەتداشلادىن قول ئۈزدۇم.ئىماننىڭ ھالاۋىتىدىن
بەھىرلىنىپ ھەرقېتىم سەجدىگە باش قويغىنىمدا شۇئوغلۇمغا يۇزمىڭ لارچە رەھمەت تلەيمەن . شۇندىن كىيىن شۇبالامغا مېھرىم باشقىچە
بوپ كەتتى .كچىك ۋاقتىدا بىرەر مەرتەم قۇلۇمغا ئېلىپ كۈتۈرۈپ بالام دەپ باغرىمغا باسمىدىم.بىرەر قېتىم ئەركىلىتىپ باقىنىم ئەسلا يوق. شۇ بالىغا ئۇمۇمەن قارىمىغان ئىدىم لكىن شۇپەرزەنتىم مىنى قۇلۇمدىن يىتىلەپ ھىدايەتكە باشلىدى.
بىر كۈنى سەپەرگە چىقىدىغان بۇلۇپ قالدىم.سەپەر ئۈچ ئاي داۋام قىلىپ تۇگەيتى . سەپەرگىمۇ چىقتىم ،ھەركۈنى ئۆيگە تېلفون ئۇررۇپ ئوغلۇم سالىم قانداقراق دەپ سوررايمەننۇ ئەمما ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايمەن.ئوغلۇم قېنى دىسەم ھېلى مەكتەپتە دىسە ،ھېلى مەسجىدگەكەتتى دىگەن سۆزنىلا ئاڭلايتىم.بىر مەرتىۋە شۇ ئوغلۇمنىڭ ئاۋازنى بولسىمۇ ئاڭلىسام ئارمانىم يوق دەپ ئاللاھتىن سوراپ كەتتىم. ئۆيگە قايتىشقا بىر ھەپتە قالغاندا ئۆيگە يەنە تېلىفون قىلدىم.ئايالىم تېلفۇننى ئېلىپ سەلىم ياخشىمۇ دىگەن سۇئالىغا ئىنشائاللاھ دەپ مەيۈسكىنە جاۋاپ بەردى. بىر قانچەكۈن ئۆتۈپ مانا ئۆيگىمۇ قايتىپ كەلدىم.كوچىدا كىتىۋېتىپ سەلىم ئوغلۇم ئىشىكنى ئاچسا ،قېنىپ بىر پۇرۋېلىپ باغرىمغا بېسۋالسام دەپ كەتتىم.ئىشكنى ئايالىم ئاچتى ،ئۆمەربىلەن خالق ئوغلۇم مەن بىلەن كۆرۈشتى ئەمما سەلىم كۆرۈشكىلى چىقمىدى .
مەنبە :< ھىدايەت گۈلزارى> دىن ئېلىندى