دۇنيادا ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟
بۇ جاھان ساڭىلا شەخسى جاھانمۇ؟
شۇ ھالىڭ قانچىلىك ساڭا ئايانمۇ.
سەن ئۈچۈن قاقشايدۇ ئاتا-ئاناڭمۇ،
ئەقلىڭنى تاپارسەن زادى قاچانمۇ،
دۇنيادا ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟
دۇنياغا يارالدىڭ پۇت قوللىرىڭ ساق،
نىچۈن سەن ياشايسەن بۇنى ئويلاپ باق.
كۈزۈڭگە ئىلمايسەن بىراۋنى دائىم،
شۇ ھالىڭ قانچىلىك ئويلا ياخشىراق.
دۇنيادا ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟
ئازراقلا تەر تۆكسەڭ ئۇھ دەيسەن دائىم،
ھازىرلا بولغۇڭ بار ناھىيگە ھاكىم.
شۇ تەخىت بىرىلسە ساڭىلا بەلكىم،
يۇرت ئەھلى چۈچۈيدۇ چىھرىدە غەمكىن.
دۇنيادا ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟
ئۈزۈڭنى چوڭ بىلىپ مەن خاقان دەمسەن ،
خاقاننى كۆرگەندە خوش خاقان دەمسەن،
ئازراقمۇ ئىشلىمەي ياشايمەن دەمسەن.
ئۈزۈڭدىن باشقىنى يىقىلسۇن دەمسەن.
دۇنيادا ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟
چوڭ سۆزلەپ جاھاننى مىنىڭكى دەمسەن
زاغرىنى كۆرسەڭ گەر ئىت يىسۇن دەمسەن ،
ئاق ناننى باشقىلار يىمىسۇن دەمسەن.
سەن زادى دۇنيادا قانداق ياشايسەن
دۇنيادا ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟
بىراۋنى ئۇچراتساڭ سالام دىمەيسەن،
بىر تۇققان ئاكاڭنى ئاكام دىمەيسەن.
مىجەزىڭ بەك جاھىل گەپمۇ يىمەيسەن،
ھاياتنىڭ قەدرىنى ئەسلا بىلمەيسەن.
دۇنيادا ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟
سەن ئالغان نەرسىنى ئالدىم دىمەيسەن،
بىراۋغا ياخشىلىق قىلاي دىمەيسەن.
ئاتاڭنىڭ -ئاناڭنىڭ غېمىنى ئەسلا يىمەيسەن،
ئەقدادىڭ ئەجرىنى كۆزگە ئىلمايسەن.
دۇنيادا ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟
دائىملا ھەق يولنى پەقەت كۆرمەيسەن،
تېرىقچە ياخشى ئىش قىلاي دىمەيسەن.
غەيۋەتنى گۇناھ ئۇ قىلماي دىمەيسەن،
نەپسىڭگە كەلگەندە ئىنساپ قىلمايسەن.
دۇنيادا ياشىماق شۇنداق ئاسانمۇ؟