دۇ ئا ئىبادەتتۇر ! (ھەدىس) ئاللاھ قۇر ئان كەرىمدە ماڭا دۇ ئا قىلىڭلار دۇ ئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن دىدى ،ئۇنداقتا بىز ھەر زامان دۇ ئا قىلىمىز ، نىمىشقا ئىجابەت بولمايدۇ بۇنۇڭ سەۋەبى قەلبىمىزنى ئۈلتۈرگەن تۇۋەندىكى سەۋەبلەردىن بولىشى مۇمكىن.ئۇلار؛ 1.ئاللاھنى تونۇيمىز ،ئەمما ئاللاھنىڭ بۇيرىغىننى قىلمايمىز. 2.قۇر ئان كەرىمنى ئوقۇپ تۇرىمىز، ئەمما ئۇنۇڭ ئىچىدىكى بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى قىلمايمىز. 3.ئاللاھنىڭ رەسۇلى سۈيۈملىك پەيغەمبىرىمىزنى سۈيىمىز دەپ داۋراڭ سالىمىز ، ئەمما ئۇنۇڭ سۈننىتىنى تەرىك ئىتىمىز ، ھاياتىمىزدا ئۇچرىغان مەسلىلەرگە ئۈز نەپسىمىز بويچە ئۈزىمىز ھۈكۈم چىقىرىمىز.قۇر ھن كەرىم ۋە سۈننەتنى بىر ياققا تاشلاپ قويىمىز . 4.شەيتاننىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىمىز ، ئەمما يەنە شەيتاننى يەنى دۈشمىنىمىزنى سۈيۈندۈردىغان ئەمەللەرنى قىلىمىز. 5.جەننەتكە كىرمەكنى ئارزۇ قىلىمىز ،ئەمما جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلمايمىز . 6.دۇزاختىن قورقۇدىغانلىقىمىزنى ئاغزىمىزدا دەيمىزيۇ ، لىكىن دۇزاخ ئەمەللىرىدىن قاچمايمىز. 7.ئۈلۈمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز،لىكىن ئۇنۇڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلمايمىز . ئەپسۇسكى بۇ دۇنيادىكى كىچىككىنە بىر يىغىلىش ئۈچۈنمۇ خەلى تەييارلىق قىپ قويمىز 8.ئىنسانلارنىڭ ئەيىپلىرىنى كۈرىمىز ، ئۈزىمىزنىڭ ئەيىبىنى كۈرمەيمىز ھەم ئۇنتۇيمىز. 9.ئۈلگەنلەرنى قارا تۇپراققا كۈمۈپ قويمىزيۇ، ئۇنۇڭدىن ئىبرەت ئالمايمىز. 10.ئاللاھنىڭ نىمەتلىرىنى يەيمىز ھۇزۇرلىنىمىز ، لىكىن يادا قەلبىمىز يادا تىلىمىز يادا كۈزىمىز شۈكۈرنى بىلمەس. مۇشۇنداق تۇرساق دۇ ئا لىرىمىز قانداخسىگە ئىجابەت بولسۇن ؟..