ئىمان لەۋھەسى
(غەزەل)
خۇدايا! بارچە بەندەڭنى ئىمان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل،
تىلى ھەم دىلىدا بىرلىك تامان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل.
ۋۇجۇدۇم ئول ئەقىل،نەپسى،كۆڭۈل،روھ تۆتىدىن ھاسىل،
بالايى نەپسى-خائىشتىن ئامان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل.
كۆڭۈل گوياكى لاي سۇدەك سۈزۈلگەي زىكرى ئايەتتىن،
دىلىمدا تەۋبە-ئىستىغفار، زۇۋان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل.
ئەقىل جۇغلايدۇ ھادىستىن ئىلىم-ئىرپانىدا ھېكمەت،
شۇ ھېكمەت بەلگىسى قامۇس-دىۋان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل.
شەرىئەت شەرتى مىڭ خىلدۇر تۈمەن ئادەت-يوسۇنىدا،
كىتابى شەرھى قۇرئاندىن بايان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل.
ئەقىلدىن روھ قاناتلانغاي، كۆڭۈل گەر بولسا بىر ئاسمان،
مۇشەققەت مەنزىلىم جەننەت، داۋان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل.
بۇ ئىنسان روھلىرى مەھشەر كۈنىدە بەد ۋەيا مەڭگۈ،
ھوزۇرۇم تائەبەت «رەيھان» زامان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل.مەنبە: كىن ئىلھامى