رەسىم:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:
ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئىسيان دولقۇنى شىددەت بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، رايوننىڭ ئەڭ چىگىش مەسىلىسىدىن بىرى بولغان ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىدە ھالقىلىق پەيتكە يېقىنلاشتى. بۇ مەزگىلدىن ئىلگىرى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان پەلەستىن باش ئەلچىلەر يىغىنى بولسا تۈركىيە نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. بۇ سەۋەبتىن بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا بۇ قېتىمقى يىغىن ۋە يىغىن ئەسناسىدا باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يىغىندا تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم يىپ ئۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.
پەلەستىن قۇرۇلغاندىن بېرى پەلەستىننىئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان تۈركىيە، كىيىنكى يىللاردا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا پەلەستىن داۋاسىغا ئەڭ كۆپ ئىگە چىققان دۆلەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىغا نەزەر سېلىنغىنىدا، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى كۆرۈلىدۇ. بۇدائىرىدە تۈركىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەم پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز ئىچىدە ھەمدە پەلەسىنلىكلەر بىلەن دۇنيانىڭ باشقا ئارقىدا قالغان رايون ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. 23-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك پەلەستىن باش ئەلچىلەر يىغىنى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. بۇ يىغىندا، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۆزى نەزەرگە ئېلىنغاندا مۇنۇ نۇقتىلار ئالدىنقى پىلانغا چىقىدۇ.
باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ سۆزىدە ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغان خۇسۇس، تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدىكى سۆزلىرى ئىدى. باش مىنىستىر ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىلگىرىمۇ ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىنى قايتىدىن تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن بۇتەلەپلەرنىڭ ئورۇندىلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. سۆزىدە تەكىتلىگىنىگە ئوخشاش، بۇ تەلەپلەر ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەدىن كەچۈرۈش سورىشى، ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈرك پۇقرالىرىنىڭ يېقىن يورۇقلىرىغا تۆلەم تۆلىشى ۋە غەززەگە قارىتىلغان ئېمبارگونىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئىدى. بۇ تەلەپلەر، كېلەر ھەپتە ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىغان دوكلات بىلەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ سۇسلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىسرائىلىيەدىن كېلىۋاتقان بەزى خەۋەرلەر ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇغا يېقىن بەزى شەخسلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىشىنىڭ ئەكسىچە، ئىسرائىلىيەدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىدە سەزگۈر كۈچ تەڭپۇڭلىقىغا تايىنىشى بۇكەچۈرۈمنى قىيىنلاشتۇرۋېتىدىغاندەك تۇرىدۇ. باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ سۆزىدە ئالدىنقى پىلانغا چىققان ئىككىنچى ئامىل بولسا پەلەستىن داۋاسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەلەستىنلىكلەر دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋە ماددىي قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەل قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. سۆزىدە پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، مەسىلىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان مەۋجۇت تۈزۈمنىڭ داۋاملىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ سۆزلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرىسى، غەززەدە ياشاۋاتقان 1 مىليون 500 كىشىدىن كۆپىنچىسىنىڭ ئىسرائىلىيە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان مۇھاسىر سىياسىتى سەۋەبىدىن، ئەڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقى ۋە بۇ مۇھاسىر سىياسىتىنىڭ دەرھال ئەمەلدىن قېلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلىشى ئىدى. باش مىنىستىر ئەردوغان تەكىتلەپ ئۆتكەن يەنە بىر خۇسۇس بولسا، بۇ مۇھاسىرنىڭ داۋاملىشىشىغا ئىسرائىلىيە قانداق جاۋابكار بولغان بولسا، بۇ تەڭسىزلىككە يول قويغان ب د ت ۋە ئامېرىكىنىڭمۇ ئوخشاشلا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشى ئىدى. سۆزىدە ئالدىنقى پىلانغا چىققان يەنە بىر نۇقتا بولسا تۈركىيەنىڭ پەلەستىندە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن شەرقىي قۇددۇسنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز ئىچىدە بىرلىك ۋە ئىتتىپاق بولۇشلىرى كېرەكلىكىنى تەكىتلىشى ئىدى. ھەممىگە ئايانكى، ھاماس ۋە ئەل فەتىھ ئارىسىدا ئايلاردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرىلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە ھەل قىلىشى چارىسى تېپىپ چىقالمىدى. ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بارلىققا كەلگەن ئىككى رەھبەرلىك تۈزۈم پەلەستىنلىكلەرنىڭ كۈرۈشىگە ئېغىر زىيان بېرىپ كەلمەكتە. ھاماس ۋە ئەل فەتىھنىڭ بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان يېڭى ھۆكۈمەتتە باش مىنىستىرلىك مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنماسلىقىنى تۈركىيەنىڭ ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، بالدۇرراق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇلاسىلىگەندە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىلىدىغان ئىككى مۇھىم ئۆزگىرىشنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتلىقىنى، بۇ ئۆزگىرىشلەردىن بىرسى، باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ ۋاقتى ھازىرچە بېكىتىلمىگەن مىسىر زىيارىتى. چۈنكى، تېخىچە بېكىتىلمىگەن بولۇشتىن سىرت، باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ مىسىر زىيارىتى ئەسناسىدا شارائىت يار بېرىپ قالسا غەززەگە بېرىش نىيىتىنىڭ بارلىقى بىلىنمەكتە. بۇ دائىرىدە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەگەر غەززەنى زىيارەت قىلغان تەقدىردە، بۇ ھەم ئوتتۇرا شەرققە، ھەمدە دۇنياغا ھەمدە تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى ئۆزگىرىش بولسا ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئېلان قىلىنىشى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ب د ت نىڭ «ماۋى مارمارا» دوكلاتىدۇر. دوكلات ئىچىدە ھەم تۈركىيە ھەمدە ئىسرائىلىيەگە ياقمايدىغان قىسىملارنىڭ بولۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئوڭشاشتىن بەكرەك، يېڭى مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.