بىردۇر چىېقىمچى،پىتنە-پاساتچى،
بىرى،ئىككى يۈزلۇك،ئۆزمەنپەئەتچى.
سائادەتنى تاپقان پاساتتىن قاچار،
ھەر ئۆچكەن ئوتنى بۇ پاسات ياندۇرار.
پاساتنىڭ يېنغا يېقىن بارمىغىل،
پاسات نەدە بولسا خارلىق شۇندا،بىل.
پاسات بىرلە دۆلەت تۇرالماس،قاچار،
تۈنەپ ئۆتسە مېھمان، سەن تاڭ قالمىغىل
ھارامغا قۇشۇلما ۋە كۆرسەتمە كۈچ ،
خۇسۇمەت قىلىپ تۆكمە قان،ئالمائۆچ.
كىشنىڭ سەرخلى ئۇياتلىق كىشى،
ئۇياتلىق كىشدۇر،كىشلەر بىشى.
بىر گۇشسىز سۆڭەكتۇر ئۇياتسىز يۈزى،
ئېتىلمەس تۆشۈكتۇر،ئۇياتسىز كۆزى.
ئۇياتسىز كىشدىن يىراق تۇر،يىراق،
ئۇياتسىز كۆزىدە خۇنۈك بىر قاراق.
ئۇيات بىرلە ئەر ئابرۇيلۇق بولۇر،
ئۇيات بىرلە ئادەم كۆزى نۇرلىنۇر.
يۇسۇپ خاس ھاجىپ (قۇتادغۇبىلىك)تە ئەنە شۇ ئۇلۇغ تەلىمنىڭ ئىزنىسى بويچە زىناخۇرلۇق ،مەيخۇرلۇق _ھاراقكەشلىكنى قاتتىق تەنقىت قىلىپ، مۇنداق ئەخلاقى چۇشكۇنلۈكلەرنى ئىنسان ئۇچۇن ئىنتايىن زىيانلىق ، جەميەت ئۇچۇن يېتەرلىك ئاپەت، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ھەر بىر ساغلام ئەقىل ئىگسىنىڭ ۋەزىپىسى، زىناخۇرلۇق ۋە مەيخۇرلۇق تەننى زەئىپ ، مىللەتنى خاراپ قىلدىغان ، كىشنىڭ ئىمان - ئېتقادىنى يۇقتىپ ، ئىقتىسادقا ئەجەللىك زەربە بىردىغان قارا كۇچ،بارلىق ئىجتىمائى پاسكىنلىق ،بالايئاپەتنىڭ يىلتىزى ئىكەنلىكنى قەيىت قىلىپ مۇنداق يازدۇ؛
مەي ئىچمە،بۇزۇقلىقتىن بولغىن يىراق ،
زىناقىلما، پاسىق دەپ ئالما ئاتاق.
مۇبارەك بەخىت بۇ قىلىقتىن قاچار،
ئۇئەرگەپەقىرلىك يۇلنى ئاچار.
مەي ئىچمە، زىنادىن سەن ئەيلە ھەزەر،
بۇئىشلار گادايلىق تۇنىن كەيدۈرەر.
ھاراق مىڭ گۇنارغا پاتۇرغاي سىنى،
قاچار بەخىت زىنادىن،يۈزۈڭ تۆكۆلەر.
ھاراقتۇر بىلىم ۋە ئىقىلنىڭ دۇشمىنى ،
جىدەل-غەۋغا ھاراقنىڭ ئېتدۇرچىنى.
نە ياڭلىغ ھايالىق، ئۇزخۇلىق،سېلىق،
مەي ئىچسە قىلۇر ئۇ پەسكەشلىك قىلىق.
كىشى ئاڭ-بىلىم،ھوش،ئۇياتنى ئېرىغ___
نىجىس بۇھاراققا بېرۇر ۋادەرىخ !
مەي ئىچمە،مەي ئىچسە كېتۇر دۆلىتى،
مەي ئىچسە بولۇر تەلۋە،ئەخمەق ئىېتى.
بىلىملىك مەي ئىچسە بولور بىر قارا،
نادان ئىچسە كىچىكلەپ،بولۇر بىر بالا..
داۋامنى كىيىن يۇللايمەن .....ئىملا خاتالىقى كۆپتۇر تۇزتۇپ ئوقوشۇڭلارنى ئۇمېت قىلىمەن......
.قۇتادغۇبىلىك دۇردانلىرى..