باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 440 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئايال شەخسلەر
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5861
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 122
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە122دانە
ئۆسۈش: 2070 %
مۇنبەر پۇلى: 2660 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2011-10-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-06 18:59

ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئايال شەخسلەر

ئاتىكە بىنتى زەيىد
ئايال ساھابىلەردىن بولغان ئاتىكە مەككە مۇكەررىمەدە قۇرەيىش قەبىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىكەنىڭ دادىسى زەيىد ئىبنى ئەمىر ئىبنى نۇفەيل، قىرىندىشى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام  جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر  بەرگەن ئون ساھابىنىڭ بىرى سەئىد ئىدى.ئاتىكە بولسا فارۇق ( ھەقنى باتىلدىن ئايرىغۇچى ) لەقىمى بىلەن ئاتالغان خەلىفە ئومەر ئىبنى خەتتەبنىڭ (م 584---644) نىڭ تاغىسىنىڭ  قىزىدۇر.

ئاتىكە دىيانەتلىك،پەم-پاراسەتلىك ئايال بولۇپ،تونۇلغان شائىرە ئىدى.ئاتىكە دەسلەپتە ھەزىرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاغا ياتلىق بولغان. ئابدۇللاھ ئاتىكەنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن ھەم ئىززەتلىگەن. تائىف مۇھاسىرسىدە ئابدۇللاھ شېھىت بولغاندىن كىيىن ھەزىرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەلچى كىرگۇزۇپ، ئاتىكەنى نىكاھىغا ئالغان.خەلىپە ئۆمەر سۇيقەسىت بىلەن ئۆلتۇرۇلگەندە ئاتىكەنىڭ يازغان مەرسىيىسىنى مەشھۇر تارىخچى ئىبنى ئەسىر << تارىخي كامىل>> نامىلىق كىتابىدا خاتىرلىگەن.تۆۋەندىكىسى شۇ مەرسىيىدىن ئۇزۇندە:

ئاھ كۆزۇم،بۇلدۇق-بۇلدۇق يىغلاپ ياتۇر،

ھەسرىتا كەتتى ئىمام جەڭدە باتۇر.

مەزلۇملارغا پاسىبان ھەم غەمگۇزار،

ئۇشبۇ  يەڭلىغ باھادىر نەدە باردۇر؟

ئۆلۇم سۇيى ئىچكەچ ئەل جامىدا ئۇ،

ھايات مەنىسىز ،ئۇلار ئۇھ تارتۇر.

كىيىن ساھابىلاردىن زۇبەيىر ئاتىكەنى نىكاھىغا ئالغان.ئاتىكە ناھايىتى تەقۋادار ئايال بولۇپ،جامائەت نامىزى ئوقۇش ئۇچۇن ھەر كۇنى مەسجىدكە باراتتى.زۇبەير بۇنى خوپ كۆرمىگەچكە ، بىر كۇنى نامازدىن يانغاندا يوشۇرنۇپ تۇرۇپ ئاتىكەنىڭ قولىدىن تۇتۇۋالغان.ئەتىسىدىن باشلاپ ئاتىكە مەسجىدكە بارىدىغان ئادىتىنى تاشلاپ، نامازنى ئويدە ئوقۇشقا باشلىغان.بۇنى كۆرگەن زۇبەيىر بىلمەس قىياپەتتە :<  نېمىشقا ئادىتىڭىزنى تەرىك ئىتىپ مەسجىدكە چىقماس بولدىڭىز ؟> دەپ سورغاندا، ئاتىكە:<خەلىق ئېپپەتلىك،نۇمۇسلۇق ۋاقىتىدا مەسجىتكە چىققانتىم.لىكىن،ھازىر زامان بۇزۇلۇپتۇ.كىشىلەر ئىمان، ئەخلاق،ھايا سۇسلاپتۇ.بۇنداق ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ مەسجىدنى دەپ تالاغا كوپ چىقىشى دۇرۇس ئەمەس> . دەپ جاۋاپ بەرگەن.

زۇبەيىر جەمەل ۋەقەسىدە شېھىت بولغان.تارىخى كىتاپلاردا زۇبەيىرنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن،ھەزىرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپنىڭ ئاتىكەگە ئەلچى كىرگۇزگەندە ئەتىكەنىڭ :< نىكاھىغا ئۆتكەن ئەرلىرىمنىڭ ھەمىسى شېھىت  بولدى،ھالبۇكى سىز دىن ۋە مۇسۇلمانلار ئۇچۇن كىرەكلىك >. دەپ ئۆزرە ئېيتىپ رەت قىلىنغانلىقى يېزىلغان.كىيىن ئاتىكە رەسۇلىللانىڭ نەۋرىسى ، ئەلىنىڭ ئوغلى ھۇسەيىنگە ياتلىق بولغان.ھەزىرىتى ھۇسەيىن كەر بالا ۋەقەسىدە شىھىت بولغاندا ،ھۇسەيىننىڭ بىشىنى قۇچىقىغا ئېلىپ،زار-زار يېغلاپ تۆۋەندىكى مەرسىيەنى ئوقۇغان:

ئاھ ھۇسەيىن جگىرىم،مىنى قويدۇڭ ئارماندا،

دۇشمەنلەرنىڭ  نەيزىسى سىنى قارغا ئالغاندا.

دەردنى قانداق يۇتايمەن.سىنى قانداق ئۇنتۇيمەن؟

كەر بالانىڭ چۆلىدە تېنىڭ باشسىز قالغاندا.

كەر بالانىڭ ئاسمىنى ياشلار تۇكۇپ ئاھ ئۇرغان،

بۇ ئاللاھنىڭ باتۇرغا رەھمىتىدۇر ياغدۇرغان.

ئاتىكەنىڭ تەككەن ئەرلىرىنىڭ ھەمىسى شىھىت بولغاچقا  ئابدۇللاھ ئىنبى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ <<  كىمىكى شېھىت بولۇشنى خالىسا زەيىدنىڭ قىزى ئاتىكەنى نىكاھىغا ئالسۇن>> دېگەن سۆزى تارىخ كىتاپلىرىغا پۇتۇلگەندۇر.

مەنبە--------------<< شەرىق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ >> دىگەن كىتاپتىن
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8525
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 146
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە146دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1535 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-09
ئاخىرقى: 2011-09-17

پەخىرلىنشىمىز كىرەك!!!!!