باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 476 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاياللار ھەققىدە ھەدىسلەر
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5861
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 122
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە122دانە
ئۆسۈش: 2070 %
مۇنبەر پۇلى: 2660 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2011-10-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-06 18:59

ئاياللار ھەققىدە ھەدىسلەر

ئەسساالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتەھۇ:

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللە نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

«قايسى بىر ئايال ئېرىنى رازى قىلىپ دۇنيادىن كەتسە شۇ ئايال جەننەتكە كىرىدۇ.» (ئىبنى ماججە رىۋايەت قىلغان( ئۆز ئىرىنى ئورۇنسىز رەنجىتكەن، نارازى قىلغان ئايال ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئالغانغا قەدەر، ئېرى بىلەن يارشىۋالغانغا قەدەر پەرىشتىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. دەپ ھەيۋە قىلىدۇ: «ئايال كىشى ئۆز ئېرىنىڭ كۆرپىسىنى تاشلاپ قويۇپ ئايرىم يېتىۋالسا تاڭ ئاتقىچە پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا لەنەت ئېيتىدۇ». (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى سۆزى ئوبدان يۇرىتىپ بىرىدۇ: «ئەگەر بىرەر ئادەمنى بىرەرسىگە سەجىدە قىلىشقا بۇيرىسامتىم ئەلۋەتتە ئايال كىشىنى ئۆز ئىرىگە سەجىدە قىلىشقا بۇيرۇتتىم ». (ئىبنى ماججە ۋە ھاكىم قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان

ئەر ئۆز ئايالىغا تولۇق مەسئۇل بولىدۇ : «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار بىر پادىچى سىلەر، ھەر بېرىڭلار ئۆز پادىسىغا مەسئۇل، ئىماممۇ بىر پادىچى ۋە ئۆز پادىسغا مەسئۇل، ئەرمۇ ئەھلى- ئاياللىرىغا بىر پادىچى، ئۇمۇ ئۆز پادىسىغا مەسئۇل، ئايالمۇ ئېرىنىڭ ئۇيدە بىر پادىچى ۋە ئۆز پادىسىغا مەسئۇل، خىزمەتچى- مۇلازىم ئۆز خوجايىنىنىڭ مال- مۈلكىدە بىر پادىچى ۋە ئۆز پادىسىغا مەسئۇل دېمەك ھەممىڭلار بىر پادىچى ۋە ئۆز پادىسى توغرىلىق مەسئۇلىيەتكە تارتىلغۇچىسىلەر » . (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: « رەسۇلىللانىڭ قېشىغا كېلىدىغان بىر موماي بار ئىدى، ئۇ كەلسە رەسۇلىللا خۇشال بولۇپ ئۇنى ھۆرمەت قىلاتتى ۋە ئۇ مومايدىن قانداق تۇرۇۋاتىسىلەر ؟ ئەھۋالىڭلار قانداق؟ بىزدىن كېيىن قانداق كېتىۋاتىسىلەر ؟ دەپ ئەھۋال سورايتتى . ھېلىقى موماي : ياخشى، ئاناممۇ - ئاتاممۇ سىلىگە پىدا بولسۇن ئى اللە نىڭ ئەلچىسى !! دەپ جاۋاب بېرەتتى . موماي چىقىپ كەتكەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ مومايغا ھېچكىمگە قىلمايدىغان مۇئامىلىنى قىلىپ مۇشۇنداق قارشى ئالامسەن دېدى ؟ رەسۇلىللا ماڭا جاۋاب بېرىپ «ئۇ موماي خەدىچە بارچاغلاردا دائىم » قېشىمىزغا كېلىپ تۇراتتى، دوستلارنى ھۆرمەتلەش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ دېدى (ھاكىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان: «بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئولتۇراتتى ، توساتتىن كىشىلەرنىڭ ۋە بالىلارنىڭ ۋاراڭ- چۈرۈڭلىرى ئاڭلاندى. شۇ چاغدا بىر نىگېر ئايال ئۇسۇل ئويناۋاتقان، ئەتراپىغا ئادەملەر ئولىشىۋالغان ئىكەن، رەسۇلۇللاھ : ئى ئائىشە ! بۇ ياققا كېلىپ قارا دېدى ، مەن ئېڭىكىمنى رەسۇلىللانىڭ مۈرىسىگە قويۇپ، ئۇنىڭ مۆرىسى بىلەن بېشىنىڭ ئارىسىدىن قارىدىم، رەسۇلىللا : ئى ئائىشە كۆرۈپ قاندىڭمۇ ؟ كۆرۈپ قاندىڭمۇ؟ دېگىلى تۇردى، مەن : ئۇنىڭ نەزىردىكى ئورنۇمنى كۆرۈپ باقماق ئۈچۈن ياق تېخى كۆرۈپ قانمىدىم دېدىم ، ئاندىن مەن ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى ئالماشتۇرغانلىغىنى كۆردۈم (نەسەئى رىۋايەت قىلغان ھەدىس)

سىز ئايالى بىلەن ئۇتۇشۇش، چاقچاقلىشىش ، كۆڭۈللۈك تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش ۋە ئايالىنىڭ قەلبىگە شاد- خۇراملىق بەخش ئېتىشكە بۇنىڭدىنمۇ كىشىنىڭ دىلىنى سۆيۈندۈرىدىغان گۈزەل ئەخلاقنى چەكسىز كەڭ قورساقلىقنى ۋە ئاجايىپ ئالىجاناپلىقنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىنىڭ روسۇلىللا بىلەن بىر سەپەردە بىللە بولغانلىقنى ، ئاندىن روسۇلىللا بىلەن يۇگرەشتە بەسلەشكەندە رەسۇلۇللانىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، ئائىشە سەمرىپ ئېتىگە ئەت قوشۇلغاندا يەنە يۈگۈرۈشتە بەسلىشىپ رەسۇلۇللانىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئاندىن رەسۇلۇللانىڭ : بۇ ئالدىنقى قېتىمدىكىگە تەڭ دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. (ئەھمەد، ئەبى داۋۇت رىۋايەت قىلغان
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللا ئەمىر ئىبنى ئاسنىڭ ئۆزىنى ئىبادەت ئىشلىرىغا بەك ئۇرۇپ كىتىۋاتقانلىغىدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن : «دەپ باقە! سەن كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ناماز ئوقۇپلا يۈرەمسەن؟» ئابدۇللا ئىبنى ئەمىر: شۇنداق ئى اللە نىڭ ئەلچىسى! دېگەن - دە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنداق قىلما، روزىمۇ تۇتقىن تاماقمۇ يېگىن ، ئۇخلا ۋە نامازنىمۇ ئوقۇغىن، سەندە ھەقىقەتەن بەدىنىڭنىڭ ھەققى بار، كۆزۈڭنىڭ ھەققى بار، ئايالىڭنىڭمۇ ھەققى بار ۋە سىنى يوقلاپ كەلگەن ئادەمنىڭمۇ ھەققى بار دېگەن .» (ئىمامى بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارچە ئەرلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللارغا ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلىپ تۇرۇڭلار، ھەقىقەتەن ئۇلار قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان ، چوقۇمكى قوۋۇرغىنىڭ ئۈستى تەرىپى ئەگرى بولىدۇ . ئەگەر ئۇنى تۈزلەيمەن دېسەڭ سۈندۇرۋالىسەن ، ئەگەر ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسەڭ ئەگرى تۇرغىنى تۇرغان، شۇڭىمۇ ئاياللارغا نەسىھەت قىلىپ تۇرۇڭلار». (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئاياللارنىڭ قايسىسى ياخشى؟ دەپ سورالدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋاب بېرىپ : قارىسا خۇرسەن قىلىدىغان، بۇيرۇسا ئىتائەت قىلىدىغان، كوڭلى ياقمايدىغان ئىشلار توغرىلىقمۇ ، مال- مۈلكى توغرىلىقمۇ ، قارشىلاشمايدىغان ئايال» دېگەن . (ئەھمەت رىۋايەت قىلغان ھەدىس)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان: «بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئولتۇراتتى ، توساتتىن كىشىلەرنىڭ ۋە بالىلارنىڭ ۋاراڭ- چۈرۈڭلىرى ئاڭلاندى. شۇ چاغدا بىر نىگېر ئايال ئۇسۇل ئويناۋاتقان، ئەتراپىغا ئادەملەر ئولىشىۋالغان ئىكەن، رەسۇلۇللاھ : ئى ئائىشە ! بۇ ياققا كېلىپ قارا دېدى ، مەن ئېڭىكىمنى رەسۇلىللانىڭ مۈرىسىگە قويۇپ، ئۇنىڭ مۆرىسى بىلەن بېشىنىڭ ئارىسىدىن قارىدىم، رەسۇلىللا : ئى ئائىشە كۆرۈپ قاندىڭمۇ ؟ كۆرۈپ قاندىڭمۇ؟ دېگىلى تۇردى، مەن : ئۇنىڭ نەزىردىكى ئورنۇمنى كۆرۈپ باقماق ئۈچۈن ياق تېخى كۆرۈپ قانمىدىم دېدىم ، ئاندىن مەن ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى ئالماشتۇرغانلىغىنى كۆردۈم (نەسەئى رىۋايەت قىلغان ھەدىس)

اللە ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ۋەتەقەددەس ھەممىمىزگە ھېدايەت ،مۇستەھكەم ئىيمان ،ۋە جەننەت ئاتا قىلسۇن...  ئامىن ~~~

مەنبە :دىيارىم مۇنازىرسى

ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2134
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 58
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە58دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 650 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2011-09-23

ئامىن .............................................................
duhtur