رەسىم:
سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېلىپ بارغان قەتلىئامىغا قارىتا تۈركىيەمۇ ئىنكاس قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېلىپ بارغان قەتلىئامىغا قارىتا تۈركىيەمۇ ئىنكاس قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇماقتا.
دۆلىتىمىز مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچ (TRT Haber) قانېلىدا، سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەر ئۈستىدە توختالدى.
يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىتا تۈركىيەنىڭ ساداسىز قالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بۈلەنت ئارىنچ، «زۇلۇم چوقۇم ئۆزىنىڭ ئارىقىسىدىن باشقا ۋەقەلەرنىمۇ تۇغدۇرىدۇ، زۇلۇم ھەرگىزمۇ پايدىلىق بولمايدۇ» دېدى.
بۈلەنت ئارىنچ سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ، «خەلقىڭىزنىڭ تەلەپلىرىگە ئېتىبار بېرىڭ، خەلققە قارشىلىق كۆرسەتمەڭ، قاتتىق قوللۇق قىلماڭ، ئىنسانلار ئۆلمىسۇن، پەرياتلار يۇقىرى كۆتۈرۈلمىسۇن ، ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئەندىشىە قىلمايدىغان بولسۇن» دېدى.
تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن سىياسىي ساھەدە پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بۈلەنت ئارىنچ، «دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ ناھەقچىلىككە قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىشى لازىم. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ بالدۇرراق قارار ماقۇللاپ، ئۇنى دەرھال ئىجرا قىلىشقا ئاتلىنىشى كېرەك، دەپ قارايمەن» دېدى.