رەسىم:
مەدەنىيەت بايلىقلىرى جەھەتتىن ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ناھىيەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان بەيئوغلۇ، تۈنۈگۈن ساماۋىي دىنلارنىڭ ۋەكىللىرىگە ساھىبخانلىق قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
مەدەنىيەت بايلىقلىرى جەھەتتىن ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ناھىيەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان بەيئوغلۇ، تۈنۈگۈن ساماۋىي دىنلارنىڭ ۋەكىللىرىگە ساھىبخانلىق قىلدى.
گالاتا مەۋلىۋىخانىسىدە بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولغان جامائەت ئەربابلىرى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەشتى.
بەيئوغلۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەنئەنىۋىي شەكىلدە داۋاملىشىپ كەلگەن ئىپتار زىياپىتى، تۈركىيەدىكى ئەرمەنى، رۇم، يەھۇدىي ۋە سۇريانى جامائەت ئەربابلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدى.
گالاتا مەۋلىۋىخانىسىدە بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدىن ئىلگىرى، مېھمانلارغا ساما نومۇرلىرى تەقدىم قىلىندى.
بەيئوغلۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئەھمەت مىسھاب دەمىرجان، پەرقلىق دىنلارنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر ئىپتار داستىرخېنىدا ئۇچراشتۇرغانلىقىدىن خوشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىستانبۇل مۇپتىسى پروفېسسور مۇستاپا چاغىرجى، «مەقسەت دۆلىتىمىزدە ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ بىر – بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى، دوستلۇقلىرىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي تىنچلىقىمىزنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا» دېدى.
فەنەر رۇم پاترېگى دىمىترى بارتولومېئوسمۇ، ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشقانلىقى ۋە ھەممىنىڭ بىرلىكتە دۇئا قىلىشىدىن ھېس قىلغان مەمنۇنلۇق ۋە مەنىۋىي خاتىرجەملىكنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
تۈركىيە باش خاخامى ئىسھاق ھالەۋا بولسا، ئېتىقادلىرى پەرقلىق بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ مۇقەددەس كۈندە ھەممىمىز تەڭرىنىڭ ھۇزۇرىدا باراۋەرمىز. ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ نەۋرىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ يەردە يانمۇ يان ۋە سۆيگۈگە تولغان بىر ئۈستەلنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرماقتىمىز» دېدى.