باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 895 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باكۇ زىيارىتى
دوستلىشىش
ozturkler
İyi Bir Dostu Olanın Aynaya İhtiyacı Yoktur
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 276
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە276دانە
ئۆسۈش: 5530 %
مۇنبەر پۇلى: 6558 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-06 11:43

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باكۇ زىيارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:
      دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەدە 2011 - يىلى 12 - ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئەزەربەيجانغا ئېلىپ باردى. باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ تۈركىيە - ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن مۇزاكىرە قىلىنغان زىيارىتىدىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ دوستلۇق سىگناللىرى بېرىشكە باشلىدى.  
     باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 12 - ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى 27 - ئىيۇل كۈنى ئەزەربەيجانغا ئېلىپ باردى. باش مىنىستىر ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى. ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدا زۇغۇلبا دۆلەت سارىيىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلاردا، رەھبەرلەرنىڭ تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان بارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى جاكارلاندى. باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ زىيارىتى، تۈركىيە - ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن ئۆزئارا ئىشەنچنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا ھەمكارلىق سىگناللىرى بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
       ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ ئېنېرگىيە ۋە تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى قاتارلىق كۈنتەرتىپتىكى تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى جاكارلاندى. «ئۈستۈن قاراباغ مەسىلىسى ئەزەربەيجانغا نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىم بىر مەسىلە بولسا، تۈركىيەگە نىسبەتەنمۇ شۇنچىلىك مۇھىم بىر مەسىلە» دېگەن ئەردوغان، تۈركىيە - ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. باش مىنىستىر ئەردوغان، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم پىلان لايىھەلىرىدىن بىرىنىڭ باكۇ - تىفلىس - جەيھان خام نېفىتى، يەنە بىرىنىڭ بولسا باكۇ - تىفلىس - ئەرزۇرۇم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. باش مىنىستىر ئەردوغان، تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئىككىنچىسىنىڭ 2017 - يىلى شاھدەنىز ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە تەخمىنەن 16 مىليارد كۇب مېتىر قوشۇمچە تەبىئىي گازغا ئېرىشىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
     ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بولسا تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا شېھىد بولۇپ كەتكەن ئەسكەرلەر ئۈچۈن تۈرك خەلقىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىلھام ئەلىيېۋ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان PKK نى ئاللىقاچان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، ھەمىشە تۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈرك خەلقىنى قوللايدۇ. بىز ھەر تۈرلۈك تېررورنى لەنەتلەيمىز، مانا مۇشۇ ھالقىنى تۇتقا قىلغان ھالدا ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا كۈرەش قىلغاندىلا ئاندىن تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىك يوقاتقىلى بولىدۇ. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىقى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە.»
      ئۇچرىشىشلار جەريانىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن مەسىلىلەردىن يەنە بىرى بولسا، ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى سېرج ساركىسياننىڭ 26 - ئىيۇل كۈنى ئەرمېنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرمەن تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇسابىقىسىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەرمېنىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان «تاغلىق قاراباغنى بىز ئالدۇق، ئاغرىنى سىلەر ئېلىشىڭلار كېرەك» تەرىقىسىدىكى سۆزى ئىدى.
      سېرج ساركىسياننىڭ تاغلىق قاراباغ ۋە ئاغرى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن باش مىنىستىر ئەردوغان، سېرج ساركىسياننىڭ بۇ سۆزىنى «ئىغۋاگەرلىك» دەپ ئاتاپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەرقانداق بىر دۆلەت ئەربابى ياكى بىر پىرېزىدېنتقا قىلچە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر ئۇسلۇبتۇر.» باش مىنىستىر ئەردوغان يەنە، «كەلگۈسى ئەۋلادلار بىلەن يېڭى نەسىللەرنىڭ ئېڭىغا ئۆچ - ئاداۋەت ۋە نەپرەتنى سىڭدۈرۈۋېتىش ھېچقانداق بىر دۆلەت ئەربابىغا ياراشمايدۇ» دېدى ۋە سېرج ساركىسياننىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلدى. باش مىنىستىر ئەردوغان، «بۇنداق كېتىۋەرسە ئەرمېنىيە ياشلىرىنىڭ كېلەچىكى ۋەيران بولىدۇ» دېدى.
       سېرج ساركىسياننىڭ سۆزلىرىگە دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمۇ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە بېرىلگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئۆز مىللىتىنى بولۇپمۇ ياشلارنى ھەممە ياقتىن تىنچلىق، ھۇزۇر ۋە پاراۋانلىق يېغىپ تۇرىدىغان بىر كېلەچەك ئۈچۈن ھازىرلاش دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچىدۇر. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، خەلقلەر ئارىسىدا ئۆچمەنلىك، كىن ۋە نەپرەت ئىدېئولوگىيەسىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ياشلارغا ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا نەسىھەت قىلىش ئۇچىغا چىققان مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر.»