رەسىم:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېرجان قازىخانوۋ، دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈنۈگۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.
ئىككى مىنىستىرنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشىدا ئىقتىسادتىن قاتناشقىچە، سىياسەتتىن ئېنېرگىيە ساھەسىگىچە بولغان نۇرغۇنلىغان تېمىلاردا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش قارارى ئېلىندى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا ئومۇمىي ھەجىمىنىڭ نىشانى 10 مىليارد دوللار قىلىپ بېكىتىلدى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ قازاقىستان مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن بۇيانقى 20 يىل ئىچىدە ناھايىتى چوڭ قەدەملەرنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «قازاقىستاننىڭ خەلقئارا ساھەدىكى رولىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىشى ئىنتايىن مۇھىم. بىز بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەردىن شەرەپ ھېس قىلىمىز» دېدى.
قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قازىخانوۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىندى.
دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئۆكتەبىر ئېيىدا تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولسا، سېنتەبىر ئېيىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىغان يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن قازاقىستانغا بارىدۇ.