جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، «سۈرىيەدە رامىزان ئېيىغا قانلىق ۋەقەلەر بىلەن تولغان بىر مۇھىتتا كىرىش قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ۋە سۈكۈت قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس گۈل، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى خەلققە كۈچ ئىشلىتىشنى توختىتىشقا، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىنى تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئاساسىغا بەرپا قىلالايدىغان ئىسلاھاتلارنى تىز سۈرئەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇمۇ، سۈرىيە ئارمىيەسى ئېلىپ بارغان قەتلىئام ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ ھەم ۋاقىت جەھەتتىن بولسۇن ھەمدە ئۇسۇل جەھەتتىن بولسۇن ئىنتايىن خاتا بىر ئىش بولدى. بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى.
سۈرىيەدە مەيدانغا كەلگەن ئىشلارنىڭ رامىزان روھىغا قەتئىي ماس كەلمەيدىقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن داۋۇتئوغلۇ، سۈرىيە خەلقىگە قارشى ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇسۇلنىڭ ئىنتايىن ۋەھشىلەرچە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسىتى ئۈستىدە توختىلىپ. «بىز سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە ھەمىشە ئوخشاش تەۋسىيەلەرنى قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىز، خەلققە قورال ئىشلەتمەسلىك، پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە رۇخسەت قىلماسلىق، خەلقنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىش ۋە ۋەدە قىلىنغان ئىسلاھاتلارنىڭ بالدۇرراق ۋۇجۇدقا چىقىشى قاتارلىقلارنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېدى.
مەنبە..ترت