باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 634 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يۈسۈپ خاس ھاجىپ(2.)
دوستلىشىش
تۇپراق0999
قۇشۇلما پىتنىخۇرغا بارمايىقىن،ئۇنىڭكىم تىلىدىن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7376
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 73
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 830 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-13
ئاخىرقى: 2012-03-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-03 12:32

يۈسۈپ خاس ھاجىپ(2.)

ئېلى بولدى باي،يۇرتىنى تۈزگەچ خاقان،
بۆرە،قوي سۈئىچتى بىرجايدا شۇئان.

قىلۇرمەن ئادالەت بىلەن ھەل ئىشىن،
ئايرىماسمەن بەگ ۋەقۇل دەپ ھېچ كىشىن.

ئادالەت ئۇستىدە بۇ بەگلىك ئۇلى،
بۇ بەگلىك ئاساسى ئادالەت يولى.

ئۆزى ياخشى بولسابۇبەگلەر ئەگەر،
بېيىپ ھەممە خەلقى جاھان تۈزلەر.

ئىككى نەرسە ئەلگەباغ،ئاچقۇچى ئۆزى،
ھوشيارلىق ۋەقانۇن ئەلنىڭ يىلتىزى.

زۇلۇم__ئوت، يېقىنلاشسا،ئۇ كۆيدۇرەر،
قانۇن__سۇ،  ئۇ ئاقسا،نېمەتلەر ئۇنەر.

ئەل ئارتار قانۇن بىرلە،تۈزلۇرجاھان،
زۇلۇم بىرلە كېميىپ ئەل،بۇزۇلار جاھان.

تۇزەپ بەگ كۆڭلىنى يۇرۇتسە قانۇن،
بۇ بەگلىك بۇزۇلماس،تۇرار بەك ئۇزۇن.

قانۇن سۇ كەبىدۇر،زۇلۇم__ئوت.بالا،
ئېقىتتىڭ سۇزۇك سۇ،ئۆچتى ئوت مانا.
 
ئادىل قانۇن كۆككە بىر تۈرۇك ئېرۇر،
ئۇ قانۇن بۇزۇلسا،ئاسمان يىقلۇر.


كىشىگە ئېرۇر كۆپ بىلىم پايدىسى،
بىلىم بىلسە ئىنسان ئەزىز بولغۇسى.

ئەقىللىق تىرىكتۇر،ئەقىلسىز ئۆلۇك،
ئەقىل ئەرنى ئايرۇر،شۇخىل تەڭ بۆلۇك.

كىشى تۇن كەبى بىر قاراڭغۇ ئۆيدۇر،
ئەقىل بىر چىراقتەك ئۇنى يۇرۇتۇر.

تائەتكە بىلىملە سەن بارغىن يېقىن،
بىلىم تامغۇلايدۇ دۇزاخ ئىشگىن.

بىلىپ قىلسا تائەت ساۋابى تۇمەن،
ساۋاب كۇتمە بىلىمسىز ئىبادەت بىلەن.

بىلىمسز قىلىنغان تائەتتىن  كۆرە،
گەر ئۇخلار بىلىملىك ساۋابى ئۆرە.

كىپەك كۆپ لەززەتلىك شېكەردىن ماڭا،
بۇ ئاق تون باسار ئۇ يىپەك ئورنىنى.

ئۇدۇنيادا تاپماق ئۇچۇن ياخشى جاي،
جاھان ئارزۇسىنى تامام تاشلىغاي.

ھالالدىن تىپىپ مال پەقىرلەرگە بەر،
تۇتۇپ ئەل قولىن، بول ئۇلارنى يۆلەر.

سانالغان بۇ ھەممە بىر تائەت ئېرۇر،
بۇتائەت بىلە بارچە راھەت كۆرۇر.

قىلىپ تەرك بۇلارنى،سەن ئەي خۇلقى ساز،
تۇتۇپ  رۇزا، يالغۇز  ئوقۇرسەن  ناماز.

بۇ رۇزا،نامازلار  ئۆز  پايداڭ  ئېرۇر،
ئۆز نەپئىن دېگەنلەر بەك خۇدبىن بولۇر.

خۇدا بەردى قۇلغا ئىككى كۆز قۇلاق،
بىرىن دۇنياغا،بىرىن ئاخرەتكە باق.

ئىككى قول بېرىلدى،سۇنۇپ تۇتقىلى،
بىرى دۇنياغا،ئاخرەتكە بىرى.

ياراتتى خۇدايىم بۇ ئىككى جاھان،
بىرىن تاپساڭ ئىزلە ئۇ بىرىن ھامان.

خۇدانىڭ سۆيۇنچىن تىلەسەڭ ئۆزۇڭ،
مۇسۇلمان سۆيۈنچىن تىلە،كەس سۆزۇڭ.

ئەمەس تائىتىڭگە ھاجەتمەن خۇدا ،
تىلەپ ياخشى نام ، ئەيلە قۇللۇق ئادا.

ئىگىز-پەس سۆز ئىتما،تۇرغىن ئەيمىنىپ،
زەھەردۇر ئۇلارنىڭ گۆشى قال بىلىپ.

ھەسەد بىر كىسەلدۇر، داۋاسى ئۇزاق،
ئۆزنى ئۆزى يەپ ،سېزەر ئۇ ئاداق.


داۋامىنى داۋاملىق يۇللايمەن....



يۈسۈپ خاس ھاجىپ.


ئۆلومگە بىر داۋا  ئىزلەپ  جاھاندىن ئۆتتى  كۆپ  دانا،