باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2069 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تورغا ھەددىدىن زىيادە كۆپ چىقسا مېڭە يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-03 12:20

تورغا ھەددىدىن زىيادە كۆپ چىقسا مېڭە يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن يۇمۇر لەتىپىلە بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-08-04)
 جۇڭگو ھەم ئامېرىكا مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈرلەر تورغا ھەددىدىن زىيادە كۆپ چىقسا، مېڭە قۇرۇلمىسىدا ئۆزگۈرۈش بولۇپ، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى كەيپىيات، تىك كۆرۈش، ئاڭلاش سەزگۈسى قاتارلىق سېنىرىيە(نېرۋا قۇرۇلمىسىنىڭ كۈل رەڭ ماددىسى)نىڭ يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، تەدبىر بەلگىلەش ھەم نىشان بەلگىلەش قاتارلىق ئىقىتىدارى ئاجىزلاپ، تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا سەۋەب بولىدىكەن.
        مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۆلچەرىلىشىچە، جۇڭگودا 2 مىيون 400 مىڭ ياش-ئۆسمۈر تورغا خۇمار بولۇپ قالغان بولۇپ، ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرمۇ جۇڭگو ئىستۇدېنتلىرىنى ئاساسىي ئوبيېكىت قىلغان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنى ھەم ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇتەخەسىسلەر بىر گۇرۇپپا سۇئال تەييارلاپ، ئىككى گۇرۇپپىدىكى 36 ئىستۇدېنقا تارقىتىپ بەرگەن، بىر گۇرۇپپىدىكى 18 ئىستۇدېنت ھەپتىدە 6.3 كۈن، كۈنلۈكى سەككىز سائەتتىن 13 سائەتكىچە چىقىدىكەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى ئىستۇدېنتلار كۈنلۈكى پەقەت ئىككى سائەت تورغا چىقىدىكەن. مۇتەخەسىسلەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن تورغا كۆپ چىقىدىغان ئىستۇدېنتلارنىڭ چوڭ مېڭە سېنىرىيەنىڭ يىگىلگەنلىكى، تورغا قانچە ئۇزاق بولسا، سېنىرىيەنىڭ يىگىلىشى شۇنچە ئېغىر بولىدىغانلىقى، چوڭ مېڭىدىكى ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان ئاق ماددىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېنىقلىغان.
        مۇتەخەسىسلەر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ چوڭ مېڭە قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقتىن كېلىپ چىققانلىقى، بۇ خىل ھالەت داۋاملاشسا، مېڭىنىڭ ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

                                    شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 300
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە300دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 3690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-03-24
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-04 11:38

مەنىۋى ئوزۇق ئىزدىمەي كۆڭۈل ئاچىدىغانلارنىڭ شۇنداق بولىشى مۇمكىن
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!